شاپتۇلنى كۈزدە ئوغۇتلىسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 1355 قىتىم
ئالما چېچەك بىخىنىڭ بۆلۈنۈشى كۈزدە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. مۇشۇ چاغدا ياخشى پەرۋىش قىلسا، ئىككىنچى يىلى يۇقىرى ﻫوسۇل ئالغىلى بولىدۇ.
ئوغۇتلاش، سۇغىرىش مېۋىگە كىرمىگەن تۈپنىڭ ﻫەر بىرىنى 0.15kg - 0.25kg دى ئاممونىي فوسفات (لىنسۈەن ئېرئەن 磷酸二铵) بىلەن قوشۇمچە ئوغۇتلاش؛ مېۋىگە كىرگەن چوڭ تۈپنى ئىككىنچى يىللىق ﻫوسۇل پىلانى بويىچە ﻫەر 100kg مېۋىگە 0.7kg ساپ ئازوت، 0.7kg ئۈنۈملۈك فوسفور توغرىلاپ ئوغۇتلاش كېرەك. كۆچەتنى كۈزدە ئوغۇتلىسا، ئىككىنچى يىلى بىخلىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. بۇلۇقىغا كىرگەن تۈپلەرنى كۈزدە ئوغۇتلىسا، ئوغۇتلاش مىقدارى، ئوغۇت تۈرى ئۆزگەرمىگەن ئەﻫۋالدا، يازدا ئوغۇتلىغانغا قارىغاندا ﻫەر تۈپنىڭ مەﻫسۇلاتىنى 50kg ئەتراپىدا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
كۈزدە كېسەل، زىيانداش ﻫاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، %0.3- %0.4 لىك ئۇرېيەگە كالىي دى ﻫىدرو فوسفات قوشۇپ ئىككى قېتىم پۈركۈپ ئوغۇتلاش، 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئوزۇقلۇقنىڭ يېنىش مەزگىلىدە %30لىك ئۇرېيەنى بىر قېتىم پۈركۈش كېرەك.
9 - ئايدا ئاساسىي ئوغۇت بېرىش (كەنجى سورتلارنى 10 - ئاينىڭ بېشى ياكى ئوتتۇرىلىرى ئوغۇتلاش) كېرەك. ئوت - چۆپ، غازاڭ، كېسەل تەگكەن مېۋە قاتارلىقلارنى يىغىپ، ئاساسىي ئوغۇت بېرىشكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر كۆمىۋېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئومۇمىي ئوغۇتلاش مىقدارىنىڭ %5 ى بويىچە تېز ئۈنۈملۈك ئازوت، فوسفور ئوغۇتى بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا تۇپراقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئالما يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تۇپراقنىڭ نەملىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق سۇغىرىش، باستۇرۇپ سۇغارماسلىق كېرەك. بولمىسا، كۈزلۈك نوتىسى بەك ئۆسۈپ كېتىپ، مېۋىسىنىڭ رەڭلىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ. 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرلىرى توڭ ياتقۇزۇش كېرەك. چاتاش كۈزلۈك چاتىغاندا دەرەخ تاجىنىڭ نۇر، شامال ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ياخشىلاپ، مېۋىنى ياخشى رەڭلەندۈرۈپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى، ئىككىنچى يىللىق چېچەك بىخىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغىلى بولىدۇ. دەرەخ تاجى زىچ بولسا ياكى سىرتىدىكى يۇقىرى قەۋەت كۈزلۈك نوتىسى بەك كۆپ بولۇپ، نۇر چۈشۈشىگە تەسىر يەتسە، يۇمران نوتا، بويىغا ئۆسكەن شاخ ۋە ئۆسۈشىگە قويىۋەتكەن شاخلارنىڭ بىر قىسمىنى شالاڭلىتىش، قىسقارتىش كېرەك. دەرەخ بەك ئېگىز، قەۋەتلەر ئارىسىدا ئوزۇقلۇق شاخلىرى بەك كۆپ بولسا، مېۋىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئۇچىنى مۇۋاپىق ياندۇرسا ۋە قەۋەتلەر ئارىسىدىكى شاخلارنى چاتاپ ئازايتسا بولىدۇ، لېكىن بەك كۆپ چاتىۋەتمەسلىك كېرەك. شاخلارنى كۈزدە تارتسا، ئەتىيازدا تارتقانغا قارىغاندا چېچەك بىخى تېخىمۇ ئاسان شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈمبىسىدىن ياۋا نوتا چىقىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. مېۋىگە كىرمىگەن تېمەن تۈپلەرنىڭ يان شاخلىرىنى 70 - 80 گىرادۇس بۇلۇڭ ﻫاسىل قىلىپ تارتىپ قويۇش كېرەك. شاخ تارتىش ئارقىلىق نۇر چۈشۈشنى ياخشىلاپ، ئۇزۇن نوتىلارنىڭ ئۆسۈشىنى توختىتىپ، يېڭى شاخلارنى تولۇقلاپ، قىشلىق چاتاش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.