guide
ئۈزۈم
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
1076 قىتىم

ئۈزۈم -كىشىلەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلىق مېۋە دەپ قارىلىدىغان بولۇپ ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددا يۇقىرى بولۇپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ:رەڭدار ،پۇراقلىق ،تەملىك ،شۇنداقلا ئەڭ ياخشى مېۋىلەرنىڭ بىرى.ئۇنى ﻫەم بىۋاستە يېيىشكىمۇ ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن يېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ،ئۈزۈم ﻫارىقى ، ئۈزۈم شەربىتى ، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار.ئۈزۈمنىڭ يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولۇپلا قالماي،ئۇنىڭ مېۋىسىنى ،يىلتىزىنى ،يوپۇرمىقىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ،ئۈزۈمنىڭ ﻫەممىلا يېرى گۆﻫەرﻫېسابلىنىدۇ.
ئۈزۈم يەنە شىنجاڭدىكى تېرىلىش كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغان باغۋەنچىلىك زىرائىتى ، ئۇنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 2000 يىلدىن ئاشىدۇ . XXئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن بۇيان ، ﻫاراق ئىشلەش ، قۇرۇتۇش ۋە ﻫۆل پېتى يېيىش ، سىرتقا سېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئېﻬتىياجىغا ئەگىشىپ ، شىنجاڭدىكى ئۈزۈمنىڭ كۆلىمى ۋە مەﻫسۈلاتى كۆپلەپ ئاشتى . 2000 - يىلى ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 59 مىڭ گېكتار بولۇپ ، بىرلىك مەﻫسۇلاتى 11 مىڭ 576 كىلوگرام ، ئومۇمىي مەﻫسۇلاتى 683 مىڭ 600 توننىغا يەتكەن . ئۈزۈم ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار ئاساسلىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قۇمۇلغا جايلاشقان . ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۈزۈم كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ، مەﻫسۇلاتى 3-2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ . شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمى يۇقىرى ﻫوسۇللۇقى ۋە سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى جەﻫەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ . تەركىبىدىكى ئېرىشچان قاتتىق ماددا مىقدارى%19 -%21 ، قەنت تەركىبى 16-18 گرادۇس بولۇپ ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى مەﻫسۇلاتلارغا قارىغاندا 2-3 گرادۇس يۇقىرى . يەرلىك سورتلار 100 خىلدىن ئاشىدۇ . ئەلا سۈپەتلىك سورتلاردىن كىشمىش ئۈزۈم ، مۇناقى ، ئاق كىشمىش ، خوتەن قىزىل ئۈزۈمى قاتارلىقلار بار .
ئۈزۈمنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، ئۇنى قۇرۇق يىگەندە ، نېرۋا زەئىپلىشىش ، ﻫەزىم ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق،ئىششىپ قېلىش،تولغاق قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش،راك ﻫۈجەيرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش،ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش،قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.