ئەنجۈر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 864 قىتىم

ئەنجۈر - ئۈجمە ئائىلىسى ، ئەنجۈر ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولۇپ ، دۇنيادا ئۆستۈرۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مېۋىلىك دەرەخ . ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان . 1999 - يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يېتىلگەن ئەنجۈر كۆلىمى 3900 گېكتار ، بىرلىك مەﻫسۇلاتى 2126 كىلوگرام ، ئومۇمىي مەﻫسۇلات 8290 توننا ، ئاساسلىق ئشلەپچىقىرىش رايونى ئاتۇش ، قەشقەركونا شەﻫەر ، قەشقەر ، قاغىلىق ، خوتەن ، ئاقسۇ . كورلا ۋە تۇرپان قاتارلىق ناﻫىيە - شەﻫەرلەرگە جايلاشقان . شىنجاڭ ئەنجۈرلىرىنىڭ سورتى ئەلا ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاتۇشتىن چىقىدىغان چىقىدىغان ئەنجۈر ئەڭ ياخشى .ﻫۆل مېۋىسىنىڭ قەنت تەركىبى 14 -17 گىرادۇس ، يۇقىرى بولغاندا 19.3 گرادۇسقا يېتىدۇ . بۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3 -5 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى . ئاقسىل تەركىبى %4.3 ، مېنرال ماددا تەركىبى %2.4 ؛ يەنە كاراتون ۋە ۋىتامىن A ، ۋىتامىن C، ئامىنو كىسلاتاسى ، كالتىسىي ۋە تۆمۈر قاتارلىق تەركىبلەر بار . ئەنجۈر بەدەننى قۇۋۋەتلەش ، ئۈچەينى نەملەش ، ئىشتەينى ئېچىش ، سۈت كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ، قىزىتما قايتۇرۇش ، ياللۇغنى يوقىتىش ، تولغاقنى ، يۆتەلنى توختىتىش ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە . شىنجاڭدا ئەنجۈرنىڭ يەتتە خىل سورتى بار ، چىلگە ئەنجۈر ، سېرىق ئەنجۈر ، كىچىك يۇمىلاق سېرىق ئەنجۈر ، تۇخۇمسىمان سېرىق ئەنجۈر ۋە جاغدا ئەنجۈرى قاتارلىقلار .