guide
ئۈرۈك دەرىخىنى سۇغىرىش
يوللانغان ۋاقتى :
01-26
كۆرۈلۈشى:
878 قىتىم

1-ئۈرۈك دەرىخى قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولسىمۇ ياش دەرەخلەرنىڭ يىلتىز سېستىمىسى تەرەققىي قىلمىغاچقا سۇغا بولغان ئېﻬتىياجىمۇ كۈچلۈك بۇلىدۇ.مىۋىگە كىرمىگەن دەرەخلەر بىر يىلدا 6-7 قېتىم سۇغىرىلىدۇ.مىۋە بېرىشكە باشلىغان دەرەخلەر بىر يىلدا 5-6 قېتىم سۇغىرىلىدۇ.بۇلۇق مىۋىگە كىرگەندىن كىيىن بىر يىلدا 4-5 قېتىم سۇغىرىلىدۇ.ئادەتتە چىچەكلەشتىن بۇرۇن ياكى چىچەكلەش مەزگىلىدە.چېچىكى تۆكۈلگەندىن كىيىن ۋە غورىسى تېز چوڭىيىۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم سۇغىرىش كېرەك.سۇغىرىشنى ئوغۇتلاش،تۇپراقنى يۇمشىتىش،ئوتىنى ئوتاش پەرۋىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.