مېۋىلىك دەرەخنى يازلىق چاتاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-26
- كۆرۈلۈشى:
- 1158 قىتىم

1. يازلىق چاتاش ئادەتتە كۆچەت، باراقسان ئۆسكەن دەرەخ، زىچ شاخ، ئاينىغان شاخلارغا ماس كېلىدۇ. يازلىق چاتاش دەرەخنىڭ ئۆسۈشىنى ئاسىتىلىتىپ، چېچەكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇﻫىم. بولۇپمۇ، زىچ تىكىلگەن باغلارنى يازلىق چاتاش تېخىمۇ مۇﻫىم.
2. يازلىق چاتاشتا يەر، دەرەخ تۈرىگە قاراش كېرەك. مەسىلەن، ياڭاقنى يازدا چاتاشقا بولمايدۇ. يازدا چاتىغاندا يارىدىن سۇيۇقلۇق ئېقىپ، دەرەخنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، شۇ يىللىق ۋە كېلەر يىللىق ئۆسۈش، مېۋىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئۈزۈم كۈزدە كۆمۈشتىن ئىلگىرى ئاندىن چاتىلىدۇ.
3. يازلىق چاتاش ۋاقتىنى ئوبدان ئىگىلەش كېرەك. يازلىق چاتاش دەرەخنىڭ بولۇق ئۆسۈش مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، مۇۋاپىق ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، چاتاش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ، ﻫەتتا بەزىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، يېڭى شاخ ياغاچلاشقان بولسا، تولغىماق تەس بولىدۇ.
4. چاتاش دەرىجىسىنى ياخشى ئىگىلەش، بەك كۆپ چاتىماسلىق كېرەك. بولمىسا، دەرەخ بەك ئاجىزلاپ كېتىدۇ. يازدا بەك ئېغىر چاتىۋەتسە، يامغۇر ياغقان ياكى سۇغارغاندا، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، يىلتىزى ئاسانلا سېسىپ كېتىدۇ.
5. قىشلىق چاتاشتا يازلىق چاتاشقا قالدۇرۇلغان شاخقا دىققەت قىلىپ، چوقۇم يازلىق چاتاپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بولمىسا، كېيىنكى پەرۋىشكە پايدىسىز بولىدۇ.
6. مېۋىلىك دەرەخنى قايچا بىلەن چاتاش، ﻫەرە ئىشلەتمەسلىك، چوڭ شاخنى چاتىماسلىق، چوڭ شاخنى چاتاش زۆرۈر بولغاندا، قىشلىق چاتاشقا قالدۇرۇش كېرەك. بولمىسا، چوڭ يارا شەكىللىنىپ، ئاسانلا چىرىش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ ياكى ئالتۇن قوڭغۇز، پەرۋانە تۈرىدىكى زىيانداش ﻫاشاراتلارنىڭ پارازىتلىنىدىغان ئورنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ پەن -تېخنىكا گېزىتى