guide
ئالما يۇپۇرمىقى قارايغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
يوللانغان ۋاقتى :
01-26
كۆرۈلۈشى:
1077 قىتىم

1. ئوغۇتلاش، سۇغىرىش پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ دەرەخنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 8- ئاي - دەل كىيىن پىشار سورتلارنىڭ مېۋىسى چوڭىيدىغان، شۇنداقلا گۈل بېخلىرى بۆلىنىدىغان مەزگىل. ئالما دەرىخىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېﻬتىياجىغا ئاساسەن باغ يېرىگە ئۈچ تەركىبلىك بىرىكمە ئوغۇتنى ياكى ئورىيا، دى ئاممۇنىي فوسفات، كالىي سۇلفات بىرىكمە ئوغۇتىنى قوشۇمچە ئوغۇت قىلىپ بېرىش كېرەك. دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز بولسا، ئازوتلۇق ئوغۇتنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ بېرىش لازىم، ئازوت، فوسفۇر، كالىينىڭ نىسبىتى 1:0.6:0.8 بولسا مۇۋاپىق. ئالدىنقى يىلى ئالما مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن فوسفورلۇق ئوغۇت يېتەرلىك بېرىلگەن بولسا، بۇ قېتىمدا پەقەت تېز ئۈنۈملۈك ئازوت ئوغۇتى بىلەن كالىي ئوغۇتىنى بەرسىلا بولىدۇ. كونكىرىت ئىشلىتىش مىقدارىنى دەرەخنىڭ ئۆسۈش ئەﻫۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىگەللەش كېرەك.
كېسەللىك، زىيانداش ﻫاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش ئارقىلىق يۇپۇرماقلىرىنى ئاسراش. 8-ئايدا نۇقتىلىق ﻫالدا قۇڭۇر داغ كېسىلى، دولانە قىزىل ئۆمۈچىكى، ئاق ئۆمۈچۈك قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىش كېرەك. قۇڭۇر داغ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-يوقىتىشتا بوردو ئېرىتمىسى ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كىيىن بىر قېتىم ئىشلىتىش ئۇنىڭدىن كىيىن داشېڭ M-45، جۈنلىميې، جياتو، كاربېندازىم قاتارلىق باكتىرىيە يوقىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. يۇپۇرماق كانىسى تۆرىدىكى زىيانداش ﻫاشارەتلەرنى يوقىتىشتا دورىنى تەكشى چېچىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا كانىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ﻫالەتتىكى (تۇخۇم، چالا لېچىنكا، يېتىلگەن كانا) مەزگىللىرىگە قارىتا ئادەتتىكى كانا يوقىتىش دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى كانا يوقىتىش دورىلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل ئۆمۈچۈك يوقىتىدىغان دورىلارنىڭ ئاق ئۆمۈچۈكنى يوقىتالىشى ناتايىن. ئاق ئۆمۈچۈك زىيان سالغان باغلاردا ئاۋىيجۈنسۇ تۈرىدىكى (چىمەنسۇ) ﻫاشارەت يوقىتىش دورىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.
3. يازلىق پۇتاشنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ دەرەخنىڭ ﻫاۋا ئۆتۈشۈش، يۇرۇقلۇق چۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاش لازىم. ئىچكى قىسىمىدىكى ۋە سىرتقى دائىرىسىدىكى تىك شاخلار، بويىغا زورلاپ ئۆسكەن شاخلارنى ۋاقتىدا پۇتاپ ئېلىۋېتىش، گىرەلەشكەن شاخلار، يەرگە ساڭگىلىغان شاخلار، بەك زىچ شاخلارنى پۇتاپ قىسقارتىش كېرەك. چوڭ شاخلاردىكى ئارتۇقچە يان شاخلارنى پۇتاپ شالاڭلىتىش لازىم. قۇر ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولسا ئۇلارنى كەينىگە مۇۋاپىق قايرىپ، قۇر ئارىلىرىنى ئېچىش لازىم. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، يازلىق پۇتاشتا يېڭى نوتىلارغا تەگمەسلىك، شاخلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، يەرگە چېقىر ئاپتاپ چۈشىدىغان قىلىش ئارقىلىق دەرەخ تاجىسى ئىچكى قىسمىغا يۇرۇقلۇق چۈشۈش نىسبىتىنى %30 دىن ئاشۇرۇش لازىم.