تۇخۇم توخۇسىنىڭ مەﻫسۇلاتى تۇيۇقسىز ئازىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 747 قىتىم
داننى مۇۋاپىق بېرىش تۇخۇم توخۇسىغا بىخەتەر، ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك ﻫەر خىل دانلارنى ماسلاشتۇرۇپ بېرىش، كۈندىلىك دېنىنىڭ تەركىبىدە يېتەرلىك ئاقسىل، مېتىئونىن ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن، فوسفور، ناترىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بولۇش، دان تۈرىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. دېنىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، تەدرىجىي ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، يەنى ئاۋۋال دېنىنىڭ 3/1 ىنى، ئاندىن 2/1 ىنى، كېيىن3/2 سىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇش كېرەك. دېنىنى پۈتۈن ئالماشتۇرۇش باسقۇچى بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولسا بولىدۇ. ﻫەر قېتىملىق دان بېرىش ۋاقتى ۋە مىقدارى مۇقىم بولۇش، تۇيۇقسىز ئۆزگەرتمەسلىك، پەسىل ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن دان مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كېرەك.
كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاكلاش، تازىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش تۇخۇم توخۇسىنى چۈجە ۋاقتىدا ۋە يېتىلىش مەزگىلىدە ئىممۇنلاش، تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلىدە تۇخۇم تۇغۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى بەرمەسلىك كېرەك. توخۇخانىنى قەرەللىك تازىلاپ ۋە پاكلاپ، توخۇغا پاكىز مۇﻫىت يارىتىش، ﻫەپتىدە 1-2 قېتىم نورمال پاكلاش، يۇقۇم ئەﻫۋالى كۆرۈلسە، كۈندە 1-2 قېتىم پاكلاش كېرەك. پاكلىغاندا %10لىك ۋېيداۋپەي (威岛牌) پاكلاش دورىسى ياكى باشقا بىخەتەر پاكلاش دورىلىرىنى توخۇخانىنىڭ تام-تورۇسى، يەر، دان ۋە سۇ قاچىسى قاتارلىق ئەسۋابلارغا پۈركۈش كېرەك.
كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش توخۇ توپىنىڭ دېنى، چىقىرىندىلىرى، پەي، تاجىسى، نەپەسلىنىشى قاتارلىق ئەﻫۋاللارنى دائىم كۆزىتىپ، غەيرىي ئەﻫۋال بايقالسا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. توخۇخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى ۋە شامال ئۆتۈشۈش شارائىتى مۇۋاپىق بولۇش ئادەتتە، توخۇخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 5 سېلسىيە گرادۇس - 25 سېلسىيە گرادۇستا، نىسپىي نەملىكىنى %55 - %65 ئەتراپىدا تىزگىنلەش، توخۇخانا ﻫاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەنى كۆزنى ئېچىشتۇرمايدىغان، كۆزدىن ياش ئاققۇزمايدىغان ۋە سېسىق پۇرىمايدىغان ﻫالەتتە ساقلاش كېرەك. تەسىرلىنىشنى ئازايتىش پەسىل ئالماشقاندا، تېمپېراتۇرا بىنورمال ئۆزگەرگەندە، توخۇخانا تېمپېراتۇرىسى ۋە ﻫاۋا ئالمىشىش شارائىتىنى ۋاقتىدا ياخشىلاپ، دېنىغا مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن قوشۇپ بېرىپ، تەسىرلىنىشنى ئازايتىش كېرەك. سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم تەكشۈرۈپ، سۇ ئېقىش ياكى توسۇلۇش ئەﻫۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا رېمونت قىلىش كېرەك. ئىلمىي يورۇتۇش تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلىدە توخۇخانىنى يورۇتۇش ۋاقتى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق باشقۇرۇش، قالايمىقان يورۇتماسلىق، كۈندە 14 - 16 سائەت يورۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.