شالنى سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ بالدۇر يىتىلدۈرۈشتىكى ئېتىز پەرۋىشى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 622 قىتىم
ئېتىز پەرۋىشى: كۆچۈرۈپ تىككەندىن كىيىن پۈتۈن جەرياندا نەمخۇش ﻫالەتتە قۇرغاق پەرۋىش قىلىنىدۇ. ئادەتتە ، چۆنەك ئېرىقچىسىدا سۇ بولسىلا بولىدۇ، تاختا يۈزىدە سۇ بولماسلىقى كېرەك، ﻫۆل - يېغىن كۆپ جايلاردا سۇغارمىسىمۇ بولىدۇ، توختام سۇلارنى چىقىرىۋېتىشكە ئەﻫمىيەت بىرىش، تاختا يۈزىنى ئىمكانقەدەر سۇ بېسىپ كەتمەسلىكى كېرەك. باشاق شەكىللىنىش مەزگىلى، باشاق چىقىرىش مەزگىلىدە ئەﻫۋالغا قاراپ 1 - 2 قېتىم يىنىك سۇغىرىش كېرەك، كىيىنكى مەزگىلدە ئوغۇت يىتىمشمەسلىك ئەﻫۋالى كۆرۈلسە بىر - ئىككى قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلاش كېرەك. بۇنىڭدا ئازوت، فوسفور، كالىيلىق ئوغۇتلارنى پۈركۈپ بىرىش ياكى ئۆسۈشنى تەڭشەش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، ياكى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ﻫەرموغا 2 - 4 كىلوگىرام ئورېيا بىرىش كېرەك.
كېسەللىك - زىيانداش ﻫاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش: سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ قۇرغاق ئۆستۈرىلىدىغان شال ئاساسى جەﻫەتتىن ئوتالمايدۇ، لېكىن ئوتتۇرا، كىيىنكى مەزگىللەردە كېسەللىك - زىيانداش ﻫاشاراتلارنى كۈزىتىپ ئالدىن مەلۇمات بىرىشنى كۈچەيتىش، ﻫەمدە ئەﻫۋالغا قاراپ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، نۇقتىلىق ﻫالدا چاشقاننىڭ زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. چاشقاننىڭ زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرى: 1) سۇ قويۇپ قوغداش. شالنىڭ ئۆسۈشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە شال ئېتىزىنى يىنىك سۇغىرىپ قوغداش كېرەك. 2) زەﻫەرلىك يەم ئارقىلىق يوقىتىش. بۇنىڭدا دىشۇنا، شيۇدىلۇڭ قاتارلىق قاتارلىق چاشقان يوقىتىش دورىلىرىنى زەﻫەرلىك يەم قىلىپ، ئاز، ئازدىن كۆپ قېتىم قويسا بولىدۇ. 3) سۇلياۋ يوپۇق قاشا ئارقىلىق شالنى قوغداش. شال ئېتىزى ئەتىراپىغا سۇلياۋ يوپۇقتىن قاشا ياساش ئارقىلىق شالنى چاشقان زىيىنىدىن ساقلاشقا بولىدۇ.