مېۋىلىك دەرەخنى خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن كۆپ ئوغۇتلىسا، يىلتىزى چىرىپ كېتىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 683 قىتىم
مېۋىلىك دەرەخنى خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، چاچما يىلتىز ۋە ئىنچىكە يىلتىزلىرى قىزغۇچ قوڭۇرغا ئۆزگىرىدۇ ﻫەمدە ئاستا - ئاستا چىرىيدۇ، غول يىلتىزىنىڭ پوستى قوڭۇرغا ئۆزگىرىدۇ ۋە ئاستا - ئاستا قۇرۇپ قالىدۇ ﻫەمدە غولنى بويلاپ يۇقىرىغا قاراپ كېڭىيىپ، ئاساسىي غول، ئاساسىي شاخ، يان شاخقا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا پۈتۈن تۈپ قۇرۇپ قالىدۇ.
پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى
مېۋىلىك دەرەخنى خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا، مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ، يىلتىزغا بەك يېقىن بېرىلسە ياكى ئوغۇت ئېرىتمىسىنىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولسا، يىلتىز، غولنىڭ زەﻫەرلىنىپ قۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىسلاتا ياكى ئىشقار خۇسۇسىيەتلىك خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسىمۇ، يىلتىز چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش
خىمىيەۋى ئوغۇتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش لازىم. تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق، ئىشقارلىق ئالاﻫىدىلىكىگە قاراپ، فىزىيولوگىيەلىك ئىشقارلىق ئوغۇت ياكى فىزىيولوگىيەلىك كىسلاتالىق ئوغۇتنى تاللاپ ئىشلىتىش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولۇش لازىم. ئوغۇتلاش چۆنىكى يىلتىزغا بەك يېقىن بولماسلىق؛ سۇيۇق ئوغۇت (گەندە، سۈيدۈك) ئىشلەتكەندە مۇۋاپىق سۇ قوشۇپ سۇيۇلدۇرۇپ، ئاندىن چۆنەككە قۇيۇش، ئۈستىنى كۆمۈش؛ دانچىسىمان ياكى پاراشوكسىمان خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغاندا كاللەكلىشىۋالغانلىرىنى ياخشى ئېزىپ ئىشلىتىش، توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەكشى چېچىش كېرەك.