guide
شوخلىنىڭ يان شېخىنى پۇتاش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
680 قىتىم
 شوخلا ئۆستۈرگەندە ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يان شاخلىرىنى پۇتاپ شالاڭلاتسا، يوپۇرماق ﻫاسىل قىلغان ئوزۇقلۇقنىڭ ئاساسىي مېۋە شېخىغا يەتكۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما، يان شاخ ئۆسۈپ چىقسىلا پۇتىۋېتىش مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنىڭدا شوخلا مەﻫسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، يان شاخنى پۇتاش ئۇسۇلى قانداق؟ نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؛
 1. شوخلا شېخىنى بەك بالدۇر شالاڭلاتماسلىق كېرەك. يان شاخ بەك ئاينىمىغان چاغدا ﻫاسىل قىلغان ئوزۇقلۇق سەرپ قىلغان ئوزۇقلۇقتىن ئارتۇق بولىدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە شاخنى پۇتىماسلىق لازىم، بولۇپمۇ يوپۇرماقلار تولۇق ئۆسۈپ بولالمىغان مەزگىلدە شاخنى پۇتىماسلىق كېرەك. يان شاخ ﻫاسىل قىلغان ئوزۇقلۇقتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، يان شاخ 5cm ئەتراپىدا ئۆسكەندە پۇتاش، ﻫەر بىر چېچەك رېتىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى تۇنجى يان شاخنى بالدۇرراق (3cm ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەندە) پۇتاش لازىم. بولمىسا، تېز ئاينىپ ئاساسىي شاختىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولىدۇ.
 2. يان شاخنى پۇتاش ۋاقتى بەك كېچىكىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پۇتاش ۋاقتى بەك كېيىن قېلىپ، يان شاخ 5cm دىن ئۇزۇن ئۆسۈپ كەتسە، ئاساسىي شاخ بىلەن ئوزۇقلۇق تالىشىدۇ ﻫەمدە ئاساسىي شاختىن ئېشىپ كېتىدۇ. شاخ شالاڭلىتىش بەك كېيىن قالسا، يان شاخنىڭ ئەۋرىشىم قىسمى زەئىپلىشىدۇ. بۇ جاي ئاساسي شاخ بىلەن تۇتاش بولغاچقا، يان شاخنى پۇتىغاندا ئاساسىي شاخ زەخىملىنىپ، شوخلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
   بۇنىڭدىن باشقا، يان شاخنى پۇتىغاندا تۈۋىدىن ئېلىۋېتىش، يوپۇرماق قولتۇقىدىن يەنە ئۆسۈپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.