guide
دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېﻬقانچىلىق دورىلىرىنى قايسى خىل زىرائەتلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
03-16
كۆرۈلۈشى:
887 قىتىم
ﻫاشارات يوقىتىش دورىلىرى تەركىبىدە ئىزازوفوس (سەنزولىن 三唑磷) بولغان دېﻬقانچىلىق دورىلىرىنى مېۋىلىك دەرەخ، شېكەر قومۇشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. فوكسىم (شىنليۇلىن 辛硫磷) كۈن نۇرىدا ئاسان پارچىلىنىدىغان بولغاچقا، تاۋۇز، تۇرۇپ ۋە يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلارغا مايسا مەزگىلىدە، بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. باشقا زىرائەتلەرگە بېرىشكە توغرا كەلسە، كۈن نۇرى كۈچلۈك شارائىتتا ئىشلىتىش كېرەك. تەركىبىدە مالاتىئون (مالاليۇلىن 马辣硫磷) بولغان ﻫاشارات يوقىتىش دورىلىرىنىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولسا، قوغۇن - قاپاق تۈرىدىكى زىرائەت، نەشپۈت، شاپتۇل، ئۈزۈم، پۇرچاق ۋە كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى زىرائەتلەرنى زەخىملەندۈرىدۇ. روگور (لېگو 乐果) نىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولسا، ئاق قوناق، چىلان، شاپتۇل، ئالۇچا، ئالگېرات، ئەينولا، ئۆرۈك، گىلاس قاتارلىقلارنى زەخىملەندۈرىدۇ. دىپتېرېكس (دىبەيچوڭ 敌败虫)، بىرومېكس (ئېرشيۇلىن 二溴磷)، ددۋ قاتارلىقلارنى قوناق، پۇرچاق، قوغۇن - قاپاق تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مايسىسىغا ئىشلەتسە، تەسىر قىلىدۇ، ئاق قوناقنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئىزوكاربوفوس (شۈيئەنليۇلىن 水安硫磷) نى مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتات، ئۈجمە دەرەخلىرىگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، شاپتۇل دەرىخىگە ئىشلەتسە، يوپۇرماق ۋە مېۋىسى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. كېۋەز، پۇرچاق، بەرەڭگە (ياڭيۇ) گە ئىشلەتسە زەخىملەندۈرىدۇ. تېمپېراتۇرا، نەملىك يۇقىرى مەزگىلدە كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى زىرائەتلەرنى زەخىملەندۈرىدۇ.


   كانا يوقىتىش دورىسى سەنشا (三杀) تۈرىدىكى كانا يوقىتىش دورىسىنى پېدىگەن قاتارلىقلارغا كۆپ ئىشلەتسە، رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ. تەركىبىدە ئاپتول، دىزېل مېيى بولغان كانا يوقىتىش دورىسىنى مېۋە يېتىلىش مەزگىلىدە ئىشلەتسە، مېۋە زىيانغا ئۇچرايدۇ.


    باكتېرىيە يوقاتقۇچى دورىلار سەنزو (三唑) تۈرىدىكى باكتېرىيە يوقاتقۇچى دورىلارنى قوغۇن - قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ مېۋىسى يوغىناش مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. چېچەكلەش، مېۋىلەش مەزگىلىدە ئىشلەتسە، مېۋىسىنىڭ شەكلى غەيرىي بولۇپ قالىدۇ. تەركىبىدە مىس ئېلېمېنتى بولغان دورىلارنى يېسىۋېلەككە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئانئورگانىك مىستىن ياسالغان دورىلارنى مېۋىلىك دەرەخنىڭ چېچەكلەش، مېۋىلەش مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، تېمپېراتۇرا، نەملىك يۇقىرى مەزگىلدە ئىشلىتىشكە ۋە باشقا دورىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. تەركىبىدە داكونىل (بەيجۈنچىڭ 白菌清) مىقدارى يۇقىرى بولغان دورىلارنى ئانار، نەشپۈتكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئارسېندىن ياسالغان دورىلار (شېنجژجى 砷制剂) نى ئانار ۋە قوغۇن - قاپاق تۈرىدىكى زىرائەتلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.