خاسىڭ تورسىمان داغ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-16
- كۆرۈلۈشى:
- 1483 قىتىم
خاسىڭ تورسىمان داغ كېسىلى قوڭۇر پۈرمە كېسىلى، بۇلۇتسىمان تور كېسىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە يوپۇرماق داغ كېسىلى بىلەن بىرگە پەيدا بولىدۇ. خاسىڭ يوپۇرمىقىنىڭ بالدۇر تۆكۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەﻫسۇلاتقا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئالامىتى تورسىمان داغ كېسىلى كۆپىنچە چېچەك مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ. چاناق تۇتۇشتىن پىشقىچە كېسەل ئېغىرلايدۇ. ئاساسلىقى يوپۇرماققا زىيان سالىدۇ. دەسلەپتە يوپۇرماق ئاساسىي تومۇرىنى بويلاپ يۇمۇلاق ياكى تەرتىپسىز قارامتۇل قوڭۇر كىچىك داغ پەيدا بولىدۇ. كېسەل دېغى ئەتراپىدا سۇس گەردىشى بولىدۇ. كېيىن يوپۇرماق يۈزىدە گىرۋىكى تورسىمان تەرتىپسىز قوڭۇر داغقا ئۆزگىرىدۇ ﻫەمدە كېسەللەنگەن ئورۇندا قوڭۇر كىچىك چېكىتلەر كۆرۈلىدۇ. يامغۇر كۆپ بولغاندا يوپۇرماق يۈزىدىكى كېسەل دېغى چوڭ، يۇمۇلاق، قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ. يوپۇرماق دۈمبىسىدىكى داغ كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، سۇس قوڭۇر بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا داغلار ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. قۇرغاق شارائىتتا كېسەل دېغى بار يەر ئاسان تېشىلىپ كېتىدۇ. يوپۇرماق يۇقۇملانسا، ئاسانلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.
پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ئۇدا ﻫاۋا تۇتۇق، يامغۇر كۆپ بولسا، بۇ كېسەل ئاسان پەيدا بولۇپ يامرايدۇ. نەملىك يۇقىرى ئېتىزلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، تەكرار تېرىلسا ئېغىر پەيدا بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى پەرۋىشنى كۈچەيتىش: تولۇق چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇت، فوسفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش، مۇۋاپىق سۇغىرىش، ۋاقتىدا چاغلاش، تۈپلەرنىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرۇش، يىغىۋالغاندىن كېيىن قالدۇقلارنى پاكىز تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %70 لىك مانكوزېب (دەيسېن مېڭشىن 代森锰锌) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 - 600 ﻫەسسىلىك ئېرىتمىسى، %75 لىك داكونىل (بەيجۈنچىڭ 白菌清) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 700 - 800 ﻫەسسىلىك ئېرىتمىسى، %64 لىك «ساندوفان - M8» (شادۇفەن 杀毒矾) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ﻫەسسىلىك ئېرىتمىسى قاتارلىقلارنىڭ بىرىنى ﻫەر 7 - 10 كۈندە 1 قېتىمدىن، ئۇدا 2 - 3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.