guide
مېۋىلىك دەرەخلەرنى مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئوغۇتلاشنىڭ ئۈچ زىيىنى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
568 قىتىم
1-زىيىنى: مىقداردىن ئاشۇرۇپ ئوغۇتلىغاندا مېۋىلىك دەرەخلەر تۈپىدىكى ئۇزۇقلۇق ئېلىمىنىتلىرى تەڭپۇڭسىز بولىدۇ. ئۇزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ ئىيونلىرى ئارىسىدا ئۆز ئارا ئانتاگونىسلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ، يەنى مەلۇم بىر خىل ئۇزۇقلۇق ماددىىسى ئىيونىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى يەنى بىر خىل ياكى كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىىسى ئىيونىنىڭ ﻫاياتى كۈچىنى چەكلەيدۇ-دە، پۈتكۈل دەرەخ گەۋدىسىنىڭ ئۇ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىسىنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن: كىسلاتالىق تۇپراققا ئازۇتلۇق ئوغۇتنى مىقداردىن ئاشۇرۇپ بەرگەندە، زىرائەتنىڭ كالتىسىي ئىئونىنى قوبۇل قىلىشى ئىنتايىن تەس بولىدۇ. كالتىسيلىق ئوغۇتنى بەك كۆپ بەرگەندە زىرائەتلەردە سىنىك، بور، تۆمۈر، ماگىنىي، مانگانلارنىڭ يېتىشمەسلىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. كالىيلىق ئوغۇتنى مىقداردىن ئاشۇرۇپ بەرگەندە، مېۋىلىك دەرەخنىڭ كالتىسىي، ماگىنىي ئىئونىنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
2-زىيىنى: ئوغۇتنى مىقداردىن ئاشۇرۇپ بەرگەندە، مىۋىلىك دەرەخنىڭ زەﻫەرلىنىشى ئاسانلا كېلىپ چىقىدۇ. ئوغۇت كۆپلەپ بېرىلگەچكە تۇپراق ئېرىتمىسنىڭ قۇيۇقلۇقى ئاشىدۇ-دە، مېۋىلىك دەرەخ يىلتىزىنىڭ نەملىكنى ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنى قوبۇل قىلىشى تەسلىشىدۇ، نەتىجىدە دەرەخنىڭ يەر ئۈستى قىسمى سولىشىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىغاندا دەرەخ سۇسىزلىنىپ نابۇت بولىدۇ.
3-زىيىنى: مېۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاخىرقى مەزگىلىدە ئازوت ئوغۇتىنى كۆپلەپ بەرگەندە مېۋىنىڭ قەنت تەركىبى، قاتتىقلىقى تۆۋەنلەپ ياخشى رەڭ ئالمايدۇ، ساقلاشقا چىدامسىز بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە مېۋىنىڭ تاۋار قىممىتىنى تۆۋەنلىتېۋىتىدۇ.