يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلغاندا سولىدولنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 577 قىتىم
سولىدول يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سىلىقلىغۇچ بولۇپ، يېپىشقاق كېلىدۇ، بەزى رېمونتچىلار ئۇنى يېپىشتۇرغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. لېكىن، سولىدولنى تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك:
1.پورشېن ﻫالقىسى پورشېن ﻫالقىسىنى ئورناتقاندا خاتا ئورنىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەزى رېمونتچىلار پورشېن باكىغا ئازراق سولىدول سۈرۈپ، پورشىننى چاپلاشتۇرىدۇ، بۇنداق قىلىش يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، موتور ﻫەرىكەتلەنگەندە سولىدول ئىسسىقلىق تەسىرىدە يىلىمسىمان ماددا ﻫاسىل قىلىپ، پورشېن ﻫالقىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكىگە تەسىر يېتىپ، ﻫىملىقى ئاجىزلاپ كېتىدۇ ﻫەم كۈل ﻫاسىل قىلىپ، ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ ئۇپرىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
2. سىلىندىر تەگلىكى بەزى رېمونتچىلار سىلىندىرنى ئورناتقاندا، سىلىندىرنىڭ ﻫىملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىلىندىر تەگلىكىنىڭ ئىككى يۈزىگە سولىدول سۈرۈپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەكسىچە بولىدۇ. چۈنكى، موتور ﻫەرىكەتلەنگەندە سىلىندىرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، سولىدول تېز سۈرئەتتە ئېرىپ ئېقىپ، يوچۇق پەيدا بولۇپ، سىلىندىردىن گاز قاچىدۇ ﻫەم سولىدول ئېرىگەندە كۈل يىغىلىپ، سىلىندىر تەگلىكىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كونىرايدۇ.
3.سۈرئەت تەڭشىگۈچ بەزى رېموننتچىلار قۇراشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، سۈرئەت تەڭشىگۈچ تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىگە سولىدول ئىشلىتىپ شارچىنى چاپلاشتۇرىدۇ. بۇنداق قىلسا، ماشىنا قوزغالغاندا شارچە مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاسان ئاجراپ كەتمەيدۇ. ئەمما، سولىدول ئېرىپ جەينەكلىك ئوق ساندۇقىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئاپتولنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ .