شال پاخىلىنى ماشىنا كۈچى ئارقىلىق ئېتىزغا قايتۇرۇش تېخنىكىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 712 قىتىم
شال ئۆستۈرىدىغان دېﻬقانلارنىڭ كۆپۈنچىسى شال پاخىلىنى ئېتىزغا قايتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنداقتا يەرنى مۇنبەتلەشتۈرۈپ، تۇپراقنى ياخشىلىغىلى، مۇﻫىتنى ساپلاشتۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقىنى تېجىگىلى، چىقىمنى ئازايتقىلى بولىدۇ. خۇنەن ئۆلكىسى چىدۇڭ ناﻫىيىلىك دېﻬقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى شال پاخىلىنى ماشىنا كۈچى ئارقىلىق ئېتىزغا قايتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىپ بىر قەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، ﻫەر 50 كىلوگىرام قۇرۇق پاخال تەركىبىدە ㎏ 11.60ئورگانىك ماددا، ㎏ 0.31 ساپ ئازوت، ㎏ 0.07 فوسفور (5) ئوكسىدى، ㎏ 1.51 كالىي خلورىد بار. شال پاخىلىنى ئېتىزغا قايتۇرغاندىن كىيىن تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا مىقدارى كۆپىيدۇ، تۇپراقتىكى 1-5mm>5mm لىق مۇقىم نەملىكتىكى تۇپراق كاللەك دانچىلىرى كۆپىيىدۇ، تۇپراقنىڭ ئومۇمىي كاۋاك نىسبىتى ئازىيىدۇ، سىغىم ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ، تۇپراقتىكى باكتېرىيە، ئاكتىنومىتسېس ۋە زەمبۇرۇغ مىقدارى ئاشىدۇ، تۇپراقنىڭ ﻫاياتى كۈچى كۈچىيىدۇ. ﻫەر مو ئېتىزغا يىل بويى 1000 كىلوگىرام پاخالنى قايتۇرۇش ㎏ 15 ئورېيا، ㎏ 13 كالتىسىي سۇپېر فوسفات، ㎏ 13 كالىي ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، تەننەرقنى 115 يۈەن تېجىگىلى بولىدۇ، شال پاخىلىنى ئېتىزغا قايتۇرۇشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغاندا ئورگانىك ماددا تەركىبى %20، تېز ئۈنۈملۈك كالىي %15 كۆپىيىدۇ، تۇپراق بوش، يۇمشاق بولۇپ، تۇپراقتىكى چىرىندى ماددىلار كۆپىيىدۇ، تۇپراقنىڭ ﻫاۋا ئۆتكۈزۈش ۋە نەملىك ساقلاش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، تۇپراق مۇنبەتلىكى ئاشىدۇ.
تېخنىكىنىڭ مۇﻫىم نوقتىلىرى:
1. ماشىنا كۈچى بىلەن ئورغاندا ئېڭىزى 15 سانتىمېتىرچە ئىگىزلىكتە قالدۇرۇلىدۇ، پاخاللىرى ئۇۋۇتىلىدۇ.
2. ئېتىز مەشغۇلاتى: ماشىنا كۈچى بىلەن پىرقىرىما ئاغدۇرۇلىدۇ.
3. ئېتىز پەرۋىشى: ﻫەر موغا 30 كىلوگرام ئاممونىي ﻫىدروكاربونات بېرىلىپ، پاخالنىڭ چىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئېتىزدا 1.5 سانتىمېتىردىن ئارتۇق سۇ قەۋىتى يەتتە كۈن ساقلىنىدۇ.
تېخنىكىنىڭ مۇﻫىم نوقتىلىرى:
1. ماشىنا كۈچى بىلەن ئورغاندا ئېڭىزى 15 سانتىمېتىرچە ئىگىزلىكتە قالدۇرۇلىدۇ، پاخاللىرى ئۇۋۇتىلىدۇ.
2. ئېتىز مەشغۇلاتى: ماشىنا كۈچى بىلەن پىرقىرىما ئاغدۇرۇلىدۇ.
3. ئېتىز پەرۋىشى: ﻫەر موغا 30 كىلوگرام ئاممونىي ﻫىدروكاربونات بېرىلىپ، پاخالنىڭ چىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، ئېتىزدا 1.5 سانتىمېتىردىن ئارتۇق سۇ قەۋىتى يەتتە كۈن ساقلىنىدۇ.