guide
ۋاكسىنىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغان دورىلار باكتېرىيىگە قارشى دورىلار
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
579 قىتىم
1. گېنتامىتسىن: گېنتامىتسىن (چىڭدامېيسۇ 庆大霉素) چۈجىلەرگە ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى كومپلېمېنت سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. توخۇ يېڭىشەﻫەر ۋاباسى ئاجىز ۋىرۇلېنتلىق ۋاكسىنىسىغا گېنتامىتسىن قوشۇپ، 1 كۈنلۈك چۈجىگە ﻫورداپ ئەملىسە، ئىممۇنىتېتلىق قوغداش ئۈنۈمى ئاساسىي جەﻫەتتىن يوقايدۇ.
   2. دىئاۋېرىدىن: دىئاۋېرىدىن (دىجۈنجىڭ 敌菌净) نىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى چەكلەش رولى گېنتامىتسىن بىلەن ئوخشاش، چەكلەش ئىقتىدارى گېنتامىتسىندىن كۈچلۈك. پارازىت قۇرتقا قارشى دورىلار
   1. موننىسىن: موننىسىن (مونېڭجۈنسۇ 莫能菌素) توخۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەيدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.
   2. گالومىتسىن: گالومىتسىننىڭ توخۇنىڭ كوكسىد قۇرتىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىگە قارىتا كۈچلۈك چەكلەش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولى بار.
   3. لېۋوئىمدازول: لېۋوئىمدازول (زوشۈەنمىزو 左旋咪唑) نىڭ ﻫايۋانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز ۋاقىتتا ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىش رولى بار. ئىممۇنىتېت كۈچى نورمال ۋاقىتتا يېنىك دەرىجىدە چەكلەش رولى بار.
   4. كېچيۇفىن: كېچيۇفېن (克球粉) نىڭ كوكسىد قۇرتىغا قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىگە قارىتا كۆرۈنەرلىك چەكلەش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولى بار. ئادرېنوكورتىكال ﻫورمۇنلار
   1. دېكسامېتازون: دېكسامېتازون (دىسەيمىسۇڭ地塞米松) پلازما ﻫۈجەيرىسىنىڭ ئانتىتېلا ﻫاسىل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، لىمفا توقۇلمىلىرىنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، لىمفا ﻫۈجەيرىسى ۋە كومپلېمېنتنىڭ ئىممۇنىتېت رېئاكسىيىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ.
   2. ﻫىدروكورتىزون: ﻫىدروكورتىزون (چىڭخۇاكېدىسۇڭ 氢化可的松) توخۇ ئىممۇنىتېت ئەزالىرىنىڭ بىنورمال يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پلازما ﻫۈجەيرىسىنىڭ ئانتىتېلا ﻫاسىل قىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئىممۇن ئاكتىپ ﻫۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەيدۇ.
   3. كورتىزون (كېدىسۇڭ 可的松)، چياڭدىسۇڭ (强的松) تۆش بېزى ۋە تالنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ، ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئىممۇنىتېت پەيدا بولۇشنى چەكلەيدۇ.
 
   ئۆسۈملۈك دورىلار
دارچىن، كۆك ئەمەن، سېرىق بۇيا: ئالدىنقى ئىككىسى زەﻫەر قايتۇرۇش دورىسى، كېيىنكىسى ئىسسىقنى قايتۇرۇش دورىسى بولۇپ، بۇ دورىلارنىڭ ﻫايۋانلاردا ئىممۇنىتېت پەيدا بولۇشىنى چەكلەش رولى بار.
باشقا دورىلار
   1. ئامىن سىللوفوسفات: ئامىن سىللوفوسفات (خۇەنلىنسۈەنئەن 7酸磷环) نىڭ تال، تۆش بېزىنىڭ ئېغىرلىقى يېنىكلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ئاق قان ﻫۈجەيرىسىنى ئازلىتىۋېتىش، B لىمفا ﻫۈجەيرىسىنىڭ ئانتىتېلا ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى چەكلەش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار.
   2. پروگېستىن: پروگېستىن (يۈنتوڭ 酮孕) نىڭ مىقدارى بىلەن لىمفا ﻫۈجەيرىسىنىڭ نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا تەتۈر مۇناسىۋەت بار. پروگېستىن T لىمفا ﻫۈجەيرىسىنىڭ فۇنكسىيىسىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئاكتىپلىقى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئىممۇنىتېتنى چەكلەش رولى بار.