guide
دورا قاپلانغان شال ئۇرۇقىنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
554 قىتىم
 ئۇرۇققا دورا قاپلاش تېخنىكىسى مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، ئۈنۈمى تېز يېڭى تېخنىكا. دورا قاپلانغان ئۇرۇقنى ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بولۇشى ئۈچۈن، دېﻬقانلار تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
   1. ئۇرۇقنى چىلاپ بىخلاندۇرماسلىق لازىم. چۈنكى، ئۇرۇققا قاپلانغان دورا سۇدا ئېرىگەندىن كېيىن، دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، يەنە سۇدا ئېرىگەندىن كېيىنكى دورا ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىنى تورمۇزلاپ قويىدۇ.
   2. ئادەتتىكى ئۇسۇلدا بىخلىنىشنى سىناق قىلماسلىق ۋە ئۆلچىمەسلىك لازىم. چۈنكى، دورا قاپلانغان ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىنى سىناق قىلىش ۋە ئۆلچەش تەجرىبىسى ناﻫايىتى مۇرەككەپ، تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى، ئىگىلەش تەس. ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىنى سىناق قىلسا ۋە ئۆلچىسە، ئۇرۇق بىخلىنالمايلا قالماي، بەلكى ئۇرۇقنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى يوقايدۇ، ﻫەتتا دورىدىن زەﻫەرلىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، دورا قاپلانغان ئۇرۇقنى تېرىشتىن بۇرۇن بىخلىنىشىنى سىناق قىلىش، ئۆلچەش تەجرىبىسىنى ئىشلىمەي، بىۋاسىتە تېرىسا بولىدۇ. چۈنكى، دورا قاپلانغان ئۇرۇق زاۋۇتتىن چىققاندىلا قاتتىق سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدۇ، پەقەت ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولسىلا، سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلمەيدۇ.
   3. دورا قاپلانغان ئۇرۇقنى تېرىغاندىن كېيىن پروپانىل (دىبەي ي敌) تۈرىدىكى ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسىنى ئالدىراپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئۇرۇق تېرىلىپ بولغان بولسا، پروپانىلنى 30 كۈندىن كېيىن ئىشلتىش. ئەگەر تېرىشتىن ئاۋۋال پروپانىل ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۇرۇقنى 3 كۈندىن كېيىن تېرىش لازىم.
   4. شورلۇق، ئىشقارلىق يەرلەرگە تېرىماسلىق لازىم. چۈنكى، دورا قاپلانغان ئۇرۇق ئىشقارغا يولۇقسا ئۈنۈمى يوقىلىدۇ. شۇڭا، PH قىممىتى 8 دىن يۇقىرى يەرلەرگە تېرىماسلىق لازىم.
   5. ئويمان، زەيكەش يەرلەرگە تېرىماسلىق لازىم. چۈنكى، دورا قاپلانغان ئۇرۇق يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرىراق يەرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ، بولمىسا ئۇرۇق ئاسانلا چىرىپ كېتىدۇ.