guide
چارۋىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئىلگىرىكى يۈرەك ئاسراش مەشغۇلاتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
715 قىتىم
ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ئىلگىرى چارۋىلارغا يۈرەك كۈچەيتكۈچى ئوكۇللارنى ئۇرۇش ئارقىلىق، يۈرەكنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوپېراتسىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا شارائىت ﻫازىرلىغىلى بولىدۇ.
   1. ئاتروفىن سۇلفات (硫酸阿托品)ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيىدىن 10 - 15 مىنۇت ئىلگىرى ئات، كالىغا 15mg ~ 30mg، قويغا 2mg ~ 4mg تېرە ئاستىغا ئۇرۇش كېرەك.
   2. دېگىتالىس (洋地黄) ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيىدىن 3 سائەت ئىلگىرى چارۋىلارنىڭ ﻫەر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا 0.006mg - 0.012mg دىن، 1 - قېتىمدا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 2/1 ىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ﻫەر 2 سائەتتە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 10/1 ىنى تاكى يۈرەك كۈچەيگەنگە قەدەر ۋىنادىن ئۇرۇش لازىم. بۇ دورىنى ئىشلەتكەندە كالتسىي پرۇپاتلىرى بىلەن كالىي تۇزلىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
   3. كامفورا (樟脑) ئوكۇلىنى ئوپېراتسىيىدىن 15 - 20 مىنۇت ئىلگىرى ئات، كالىغا 10ml ~ 20ml، قويغا 5ml ~ 10ml ۋىنادىن ياكى مۇسكۇلغا ئۇرۇش ياكى ناترىي كامفو سۇلفات ئوكۇلىنى ئات، كالىغا 1g - 2g، قويغا 0.2g - 1g مۇسكۇل، ۋىنا ياكى تېرە ئاستىغا ئۇرۇش كېرەك.