guide
مۇچ مايسىسىدىكى كېسەل ۋە زىيانداش ﻫاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش،يوقىتىش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
662 قىتىم
مۇچ مايسىسىغا زىيان سالىدىغان كېسەللەردىن توساتتىن يېتىۋېلىش كېسىلى، تىك قۇرۇش كېسىلى، ۋىرۇسلۇق كېسەل، كۆيدۈرگە كېسىلى ۋە قوتۇر كېسىلى (باكتېرىيىلىك تېشىلىش كېسىلى) قاتارلىقلار بار. زىيانداش ﻫاشاراتلاردىن كۆكپىت، غوزا قۇرتى، تاماكا كۆك قۇرتى قاتارلىقلار بار.
   1. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
   1) يەرنى ئاغدۇرۇشتىن ئىلگىرى ﻫەر مو يەرگە 70% لىك دېكسون (敌克松) ئەسلى پاراشوكىدىن0.3 2kg~5kg چېچىش كېرەك.
  2) ﻫەر بىر كۋادرات مايسىزارلىققا 50% لىك باۋىستىن ئىمۇلسىيىسىنىڭ 1000 ﻫەسسىلىك ئېرىتمىسىنى تەكشى پۈركۈش كېرەك.
   3) تېرىشتىن 2 - 3 ﻫەپتە ئىلگىرى ﻫەر كۋادرات مايسىزارلىققا 40ml فورمالىن (福尔马林)نى 3kg ~ 4kg سۇدا تەڭشەپ چېچىپ، 2 ﻫەپتىلەردىن كېيىن تۇپراقنى يۇمشىتىپ تېرىسا بولىدۇ.
   4) مايسا مەزگىلىدە توساتتىن يېتىۋېلىش كېسىلى ۋە تىك قۇرۇش كېسىلى يېنىكرەك پەيدا بولسا، 70% لىك بوترىلېكس (硝荃五氯) دىن 5gنى 16kg ~ 17kg توپىغا ئارىلاشتۇرۇپ دورىلىق توپا تەييارلاپ، ۋاقتىدا مايسىنىڭ يىلتىز ۋە غولىغا چېچىش كېرەك.
   2. كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
   1) مايسا مەزگىلىدىن باشلاپ دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بولۇپمۇ، كۆچۈرگەندىن كېيىن نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
   2) 40% لىك ئوكسىدلانغان روگورنىڭ 1000 ﻫەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ياكى 50% لىك مالاتىئون (马硫磷) نىڭ 1000g ~ 1800g ﻫەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 7 - 10 كۈندە بىر قېتىمدىن    2 نۆۋەت پۈركۈسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
   3. غوزا قۇرتى، تاماكا كۆك قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
1 -، 2 - ئەۋلاد لىچىنكىسى پەيدا بولۇش مەزگىلىدە 80% لىك دىپتېرېكس (敌虫) ئەسلى پاراشوكىنى 1000 ﻫەسسە سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈسە بولىدۇ.