guide
گازىر تاۋۇزىدا ئۆسۈشنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
793 قىتىم
گازىر تاۋۇزىدا ئۆسۈشنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاساسلىقى ئاق توزان كېسىلى، سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ۋە ۋابا كېسىلى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، بولۇپمۇ ئاق توزان كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدۇ.
   1. ئاق توزان كېسىلى
   1) كېسەل ئالامىتى: يوپۇرماق ساپىقى، يوپۇرماق يۈزى ۋە پېلەكتە ئاق توزانسىمان كىچىك پاختىلاشقان چېكىتلەر پەيدا بولىدۇ، بارا - بارا كېڭىيىپ پاختىلاشقان داغقا ئايلىنىدۇ. يوپۇرماق ساپىقى، پېلەك قايناقسۇدا كۆيگەندەك يۇمشاپ چىرىيدۇ، ئاخىرقى مەزگىلدە ئاق توزانسىمان قەۋىتى ئاقىرىدۇ، ئارىلىقتا ئۇچۇپ تارقىلىدۇ ياكى دۆۋىلىنىپ سېرىقتىن قارا قوڭۇرغا ئۆزگەرگەن كىچىك دانچىلار پەيدا بولىدۇ، ئېغىرلاشقاندا تۈپ قۇرۇپ قالىدۇ.
   2) ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: (1) فوسفور، كالىي ئوغۇتى ۋە مىكرو ئېلېمېنتلىق ئوغۇتلار بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاپ، تۈپنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (2) مۇۋاپىق مەزگىلدە دورا پۈركۈپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەتتە بۇ كېسەل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا پەيدا بولۇپ، 7 - ئايدا قۇرغاقچىلىق مەزگىلدە تېز يامرايدۇ. 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قوغداش خاراكتېرىدىكى دورىلارنى پۈركۈش لازىم. مەسىلەن، سۇلفۇر پاراشوكى (ليۇخۇاڭفېن 硫磺粉)، سۇلفۇر سۇسپېنزىيىسى ( ليۇخۇاڭشۈەنفۇجى硫磺悬浮剂)، داكېنىڭ (达科宁) قاتارلىقلار. ئەمما، سۇلفۇرنى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشمىغان ئەﻫۋالدا ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا دورا زىيىنى كۆرۈلىدۇ. (3) ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا ئىشلىتىش كېرەك. ئادەتتە %512. لىك دىلىكاڭ (康力敌) نەملىنىشچان پاراشوكىدىن 40g، %15 لىك بايلېتون (سەنزوتوڭ 酮唑三) نەملنىشچان پاراشوكىدىن 80g ~ 100g، 哎20 لىك بايلېتون ئېمۇلسىيىسىدىن 50g ~ 60g، فلۇسىلازول (فوگۇيزو 氟硅唑) دىن 4g ~ 6g، مىكلوبۇتانىل (چىڭجۈنزو 睛菌唑) دىن 12g ~ 15g نى 30kg سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ (بۇ دورىلارنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ)، ﻫەر مو يەرگە 7 - 10 كۈندە 1 قېتىم، ئۇدا 2 - 3 قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ. (4) دورىنى پۈركۈپ بولغاندىن كېيىن ﻫەر مو يەرنى 3kg ~ 4kg ئۇرېيە بىلەن 1 قېتىم پۈركۈپ ئوغۇتلاش كېرەك.
   2. سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى
   كۆپىنچە ئېڭىز ئالماشتۇرماي ئۇدا تېرىغان ئېتىزلاردا ئېغىرراق يۈز بېرىدۇ، ئادەتتە سويمىلاش مەزگىلىدە ئېغىرراق كۆرۈلىدۇ. كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە يوپۇرماقلىرى چۈشتە سولىشىپ، ئەتىگەن، كەچتە ئەسلىگە كېلىدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن پۈتكۈل تۈپ سولىشىپ، يىلتىزى چىرىپ كېتىدۇ. پېلەك بوغۇزى ۋە يىلتىزنى بويىغا كەسكەندە يىلتىز تومۇر دەستىسى قوڭۇرغا ئۆزگەرگەن بولىدۇ. كېسەل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇرېيە، كالىي دى ﻫىدروفوسفات (لىنسۇەن ئېرچىڭجيا 钾氢二酸磷) ۋە ئاق شېكەرنىڭ ﻫەرقايسىسىدىن بىر ئۈلۈش ئېلىپ، ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ، 100 ﻫەسسە سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ، 7 كۈندە 1 قېتىمدىن ئۇدا 2 - 3 قېتىم پۈركۈسە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. كېسەل دەسلەپ پەيدا بولغان مەزگىلدە ﻫەر مو يەرگە 哎37 لىك كۇۋېيلىكې (枯萎立克) دىن 50g غا بىر ئامپول فېڭچەنشىڭ (丰产星) قوشۇپ، 15kg ~ 30kg سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ يىلتىز، پېلەك بوغۇزىغا پۈركۈسە ياكى يىلتىزغا قۇيسا بولىدۇ. %55 لىك دېكسون (دىكېسوڭ 敌克松) نەملىنىشچان پاراشوكىدىن 1kg ~ 1.5kg نى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ سۇغا قوشىۋەتسىمۇ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
   3. ۋابا
   تاۋۇز سېسىش كېسىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاۋۇز پىشىشتىن ئىلگىرى كۆرۈلىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى نەملىك ۋە سۇغىرىش بۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش، تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق شەرت. كېسەللەنگەن تۈپنىڭ پۈتكۈل يوپۇرماقلىرى سولىشىدۇ، پېلىكىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ يۇمشاپ چىرىگەن ﻫالەتكە كىرىدۇ، ئاخىرىدا تۈپ بويىچە قۇرۇپ قالىدۇ. تاۋۇز يۇقۇملانسا ئالدى بىلەن يەرگە تېگىپ تۇرغان يۈزىدە مەڭلەشسىمان يۇمىلاق پاختىلاشقان قەۋەت ﻫاسىل بولىدۇ، كېيىن ئاستا - ئاستا كېڭىيىپ تاۋۇزنى پۈتۈنلەي قاپلاپ، يۈزىدە ئاپئاق تىۋىتسىمان پاختىلاشقان قەۋەت ﻫاسىل بولىدۇ. ۋابا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا: (1) تاۋۇز تېگى سۇغا تېگىپ قالماسلىق كېرەك؛ (2) تاختىغا سۇ قويىۋەتمەسلىك، چىڭقى چۈشتە سۇغارماسلىق لازىم. كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ﻫەر مو يەرگە كېكاڭلىڭ (克抗灵)، كېنيۈەن شۇاڭيىجىڭ (垦原霜疫净) ياكى مانكوزېب (جياشۇاڭلىڭمېڭشىن 甲霜灵锰锌) تىن 100g نى 30kg سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈش لازىم.