ئالما دەرىخى چىرىش كېسىلىنى يەرلىك ئۇسۇلدا يوقىتىش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 664 قىتىم
ئالما دەرىخى چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا بالدۇر بايقاپ يوقىتىشقا ئەﻫمىيەت بېرىش لازىم. ئادەتتە 4 - ئايدىن 9 - ئايغىچە بۇ كېسەل ئېغىر يۈز بېرىدۇ، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل.
1. گىل - چاچ ئارىلاشمىسىنى سۈرۈش گىل بىلەن چاچنى ئارىلاشتۇرۇپ يېپىشقاق ﻫالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن، كېسەللەنگەن ئورۇنغا سۈرۈپ، ئاندىن سۇلياۋ بىلەن ئوراپ 10 كۈن ئەتراپىدا تۇرغۇزسا، كېسەل باكتېرىيىلىرى ﻫاۋادىن ئايرىلىپ ئۆلىدۇ. چاچ گىلنى يېپىشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، سۇلياۋ گىلنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ئادەم سۈيدۈكى سۈرۈش بۇ ئۇسۇل ناﻫايىتى ئاددىي. ئاۋۋال كېسەل ئورۇننىڭ ئەتراپىنى ياغاچلانغان قىسمىغىچە ﻫالقىسىمان ئويىۋېتىپ، پىچاق بىلەن 0.5cm چوڭلۇقتا گىرەلەشمە تۆشۈك ئېچىپ، يېڭى سۈيدۈكنى تەكشى سۈرسە بولىدۇ.
3. ئاچچىقسۇ سۈرۈش ئاچچىقسۇنى كۈچلۈك پۇرىقى چىققۇدەك ﻫەمدە يېرىمى قالغۇدەك قاينىتىپ، سوۋۇتۇپ، كېسەللەنگەن ئورۇننى پىچاق بىلەن ياغاچلانغان قىسمىغىچە پرىزما شەكلىدە قىرىۋەتكەندىن كېيىن (قىرىۋەتكەن قوۋزاقنى يىغىپ كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك)، كىچىك چوتكا بىلەن كېسەل تەگكەن ئورۇندىن 2cm دىن ئوشۇق قىسىمغىچە سۈرسە بولىدۇ، 2 ﻫەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشى سۈرۈش لازىم.
4. تۇز سۈرۈش كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋەتكەندىن كېيىن %10 لىك تۇزنى تەكشى سۈرۈپ، تەييارلانغان گىل لاينى ئۈستىگە چاپلاپ، سۇلياۋ بىلەن مەﻫكەم ئوراپ قويسا بولىدۇ.
5. قاراماي سۈرۈش 15kg قاراماينى قاچىغا سېلىپ سۇس ئوتتا ئېرىتكەندىن كېيىن، چوتكا بىلەن كېسەللەنگەن جاينىڭ 3/1 قىسمىچىلىك جايىغا 3 قېتىم سۈركىسە بولىدۇ.
6. كۆمۈر مېيى سۈرۈش كېسەللەنگەن ئورۇننى 3mm كەڭلىكتە ئۇزۇنىسىغا ياغاچلانغان قىسىمىغىچە تىلىپ، كۆمۈر مېيىنى سۈرسە بولىدۇ، 2 كۈندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈرۈش لازىم. كۆمۈر مېيى قوۋزاقنى كۆيدۈرمەيدۇ، سېڭىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈنۈمى فۇمېيشېن (神美福) نىڭكىدىن ياخشى.
7. كالا تېزىكى لېيى سۈرۈش ئوت - چۆپ ئارىلاشقان كالا تېزىكىدىن 10 ئۈلۈش، لايدىن 1 ئۈلۈشنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كېسەللەنگەن جاينى قىرىۋەتكەندىن كېيىن سۈرسە بولىدۇ.
8. سېرىق گلىتسېرىن سۈرۈش كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، ﻫاندۇۋا بىلەن سېرىق گلىتسېرىننى تەكشى سۈركەپ، سۇلياۋ بىلەن ئوراپ، 1 يىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن يېشىۋەتسە بولىدۇ.
9. قويۇق شۇلتا سۈيى سۈرۈش شۇلتىنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا سۇدا ئېرىتىپ تويۇندۇرۇلغان شۇلتا سۈيى، كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋېتىپ، 2 كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 3 قېتىم سۈركىسە بولىدۇ.
10. سامساق سۈرۈش ئاۋۋال كېسەللەنگەن ئورۇننى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، سامساق چىشىنى بىۋاسىتە قىرىۋەتكەن ئورۇنغا سۈيى ئېقىپ چىققۇدەك سۈركىسە بولىدۇ، 1 ﻫەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈركەش لازىم. بۇ ئۇسۇل زەﻫەرسىز، ئەكس تەسىرى يوق، كېسەللەنگەن ئورۇننىڭ ئەسلىگە كېلىشى %97 تىن ئاشىدۇ، كېسەلنىڭ قايتا پەيدا بولۇشى %0.5 تىن تۆۋەن .