قوي راخت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 722 قىتىم
راخت كېسىلى قوزا ئورگانىزىمىدا كالتسىي ، فوسفورنىڭ مىتابولىزمى توسقۇنلۇق ئۇچراشتىن كېلىپ چىقىدىغان سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق كېسىلى بولۇپ ، ۋىتامىن Dكەمچىل بولۇش بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇﻫىم ئامىل .
كېسەل سەۋەبى بۇ كېسەل ئاساسلىقى يەم -خەشەكتە ۋىتامىن Dكەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، بىۋاستە كالتسىي ، فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە ۋە قاندىكى كالتسي ، فوسفورنىڭ تەڭپۇقلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە گەرچە ۋىتامىن Dقوزىنىڭ ئېﻬتىياجىنى قامدىيالىسىمۇ ، لېكىن ساغلىقنىڭ سۈتى ۋە يەم -خەشىكىدە كالتسىي ، فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەردىن ئوزۇقلۇق يىتىشمەي قالسىمۇ ، بۇ كېسەل پەيدا بولىدۇ .
كېسەل ئالامىتى كېسەل يېنىكرەك بولسا، قوزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستىلاپ ، غەيرىي نەرسىلەرنى يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ ؛ ﻫالسىزلىنىپ، يېتىۋالىدۇ ،ئورنىدىن تۇرۇشى قىيىنلىشىپ ، ئاقسايدۇ ، دەلدەڭشىيدۇ ، بۇغۇنم قىشمىنى تۇتسا ئاغرىقسىنىدۇ . كېسەل ئۇزىراپ كەتسە ، پۇت بوغۇملىرى ئىششىپ ، سۆڭىكى ئەگرىلىشىپ ، پۇتلىرى سىرتقا كېرىلىپ قالىدۇ. ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە قوزا تىزى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ ، تىنىنىڭ كەين قىسمىنى كۆتۈرەلمەيدۇ ؛ تېخىمۇ ئېغىرلاشقاندا يېتىپ قالىدۇ، نەپسى ۋە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ .
ئالدىنى ئېلىش 1)بوغاز ساغلىق ۋە قوزىلىق ساغلىقنى بېقىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، يەم -خەشىكىدىكى ئاقسىل ، ۋىتامىن Dۋە كالتسىي ، فوسفورنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولۇشقا دىققەت قىلىش ﻫەمدە يېتەرلىك يېشىل يەم -خەشەك ۋە قۇرۇق ئوت-چۆپ بېرىش ، مۇۋاپىق ﻫەركەتلەندۈرۈش ، ئاپتاپسىزلاندۇرۇشقا ئەﻫمىيەت بېرىش كېرەك . 2)قوزىنى تۈجۈبىلەپ بېقىش شارائىت بولسا بېدە ، سەۋزە قاتارلىق شىرنىلىك ، يېشىل يەم -خەشەكلەرنى كۆپرەك بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى ۋە تۈرلۈك مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش كېرەك .
داۋالاش ۋىتامىن A،ۋىتامىن Dئوكۇلىدىن 3مىللىينى مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك ؛بېلىق مېيىدىن 3مىللىينى ئاغزىغا تېمىتىش ياكى مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك .يەنە %10لىك كالتسىي گىلوكونات ئوكۇل سۇيۇقلۇقىدىن 5مىللىيدىن -10مىللىينى ئۇرۇش كېرەك .