guide
كۆك پۇرچاق مېتىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
630 قىتىم
1. تارقىلىش يولى
يېقىن ئارىلىققا ئۆزى ئۇچۇپ تارقىلىدۇ. يىراق ئورۇنغا ئۇرۇق، ئوراق ئارقىلىق تارقىلىدۇ.
   2. ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش
   1) كارانتىن قىلىش: چوقۇم كارانتىن قىلىنغان ﻫەمدە بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن ئۇرۇقنى كىرگۈزۈش كېرەك.
   2) دورا پۈركۈش: دەسلەپكى چېچەكلەش مەزگىلىدە ﻫەر مو يەرگە %25 لىك كۇەيشالىن (快杀磷) ئېمۇلسىيىسىدىن 25g نى 15kg سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ پۈركۈش لازىم. ﻫەر مو يەرگە %40 لىك ئوكسىدلانغان روگور (ياڭخۇالېگو 氧化乐果) دىن 50mg نى 10kg ~ 15kg سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تۇمانلىتىپ پۈركۈش، كارات (گوڭفۇ 功夫) تىن 50mg نى 10kg ~ 15kg سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تۇمانلىتىپ پۈركۈش، 50mg سۇمىتسىدىن (سۇميېشادىڭ 速灭杀丁) نى 10kg ~ 15kg سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تۇمانلىتىپ پۈركۈش لازىم. ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە 7 - 8 كۈن ئارىلىق قالدۇرۇپ 2 - 3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.
   3) دېﻬقانچىلىق ئۇسۇلىدا ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: كۆك پۇرچاقنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ئېڭىزىنى ۋاقتىدا ئاغدۇرىۋېتىش كېرەك.
   3. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
دورا پۈركۈگەن چاغدا چوقۇم ماسكا تاقاش ﻫەمدە رېزىنكە پەلەي كىيىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا ﻫەرگىز تاماكا چەكمەسلىك، بىر نەرسە يېمەسلىك لازىم. دورا پۈركۈپ بولغاندىن كېيىن قولنى ۋاقتىدا پاكىز يۇيىۋېتىش كېرەك. ئەگەر باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرﻫال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىش، زەﻫەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.