ئانار قانداق كۆپەيتىلىدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 827 قىتىم
ئۇرۇقنى تېرىپ كۆچەت يېتىشتۈرۈش
ئۇرۇق ئېلىش ئۈچۈن 10-، 11-، ئايلاردا ياخشى پىشقان، سۈپىتى ياخشى، پوستى يېرىلمىغان، مىۋىسى چوڭ، تاتلىق ئانار سورتلىرىنى تاللاش كېرەك. ئانار ئۇرۇقنى كۈزدە ياكى ئەتىيازدا تەييارلىسىمۇ بولىدۇ. ئۇرۇقنى تەييارلاشتا، ئادەتتە ئانارنى پوستىدىن ئاجىرتېۋېلىپ پاكىز داكا خالتىغا قاچىلاپ قول بىلەن سىقىش ئارقىلىق ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ. ئۇرۇق سۇدا پاكىز يۇيۇپ تازىلانغاندىن كېيىن ئەلگەك، غەلۋىر قاتارلىق سايمانلار ئارقىلىق سۇدىن سۈزۈۋېلىنىپ، ﻫاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايدا بورا ئۈستىگە يېيىپ قۇرۇتۇلىدۇ. ئۇرۇق تولۇق قۇرىغاندىن كېيىن، رەخت خالتا ياكى چىتا تاغارغا قاچىلاپ سوغۇق جايدا ساقلىنىدۇ.
ئۇرۇقنى تېرىشتىن بۇرۇن سۇغا چىلاپ، ﻫۆل قۇمغا كۈمۈش، ئورىغا كۈمۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق بىخلاندۇرۇلىدۇ، بىخلانغان ئۇرۇقنى ئاندىن پارنىكقا تېرىمىز. تېرىش ئۇسۇلى: كۈن نۇرى ئوبدان چۈشىدىغان مۇنبەت تۇپراقلىق يەر توخۇ، كەپتەر تۆكۈپ يۇمشاق ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن تۈزلەپ ئوسا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پارنىك جازىلىرى قۇراشتۇرۇلۇپ، سۇلياۋ يوپۇق يېيىپ، پارنىك تىمپىراتۇرىسى ئاشۇرۇلىدۇ. يەرنى تەكشى تۈزلەپ، قىر سېلىپ تەييارلىغاندىن كېيىن قۇر ئارىلىقىنى 25 سانتىمىتىر، چوڭقۇرلىقىنى 1~1.5 سانتىمىتىر قىلىپ، تۈز سىزىق بويىچە قۇر ئىچىگە ئۇرۇق قويۇق تىزىلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ كۆمۈلۈش قىلىنلىقى 1.5سانتىمىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، دەسسەپ چىڭدىلىشى كېرەك. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىر مو پارنىك ئىچىدە 40-50 مىڭ تۈپ كۆچەت يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. يىل ئاخىرغىچە كۆچەت ئىگىزلىكى 30-40 سانتىمىتىرغا يېتىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى ئاق يەرگە كۆچۈرگىلى بولىدۇ.