ئانار كۆچىتىنى ئۇلاپ سورتىنى ياخشىلاش ئۇسۇلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 661 قىتىم
1. ئۇلاق ئاستىنى تالاش: ئۇلىنىدىغان ئانار دەرىخىنىڭ تۇپراق يۈزىدىكى غولىنىڭ كەسمە يۈز دىئامېتىرى 1cm غا يەتسىلا ئۇلاشقا بولىدۇ.
2. خىپچا ئېلىش: خىپچا ئېلىشتا ئانارنى ئۈزۈش ۋاقتىدا دانىسى چوڭ، بولۇق مېۋىلىگەن، مېۋىسى تاتلىق، كېسەل ۋە زىيانداش ﻫاشارات ئاپىتىگە ئۇچرىمىغان تۈپلەرنى تاللاپ بەلگە قىلىۋېلىپ، كۆمۈشنىڭ ئالدىدا شۇ تۈپتىكى مېۋىلىگەن شاخنىڭ ئۇچىدىكى نوتا كېسىۋېلىنىپ، خىپچا قىلىنىپ، ئاپتاپ چۈشمەيدىغان جايغا ئورا كولاپ كۆمۈپ ساقلىنىدۇ ياكى مۇزخانىدا ساقلىنىدۇ. ئەگەر كۈزدە خىپچا ئېلىپ مۇز خانىدا ساقلاشتا قىيىنچىلىق بولسا، ئانار دەرىخىنى ئاچقاندا بەلگە قىلىۋېلىنغان تۈپتىن خىپچا ئېلىپ ئۇلىسىمۇ بولىدۇ.
3. ئۇلاش ۋاقتى: ئۇلاش مەشغۇلاتى ئانار دەرىخى ئېچىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى، ئەڭ بالدۇر بولغاندا 4- ئاينىڭ -20 كۈنلىرىگىچە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. 4- ئاينىڭ 10- كۈندىن كېيىن ئۇلىنىدىغان خىپچا مۇز خانىدا ساقلانغان خىپچا بولۇشى كېرەك.
4. خىپچا قويۇش: ئۇلىماقچى بولغان ئانار دەرىخىنىڭ ئۇلاق ئاستى بېشى تۇپراق يۈزىدىن 5cm- 7cm ئېگىزلىكتە ﻫەرە بىلەن تۈز كېسىۋېلىنىپ، ئوتتۇرىسى پىچاق ياكى چاپقۇ بىلەن يېرىلىدۇ. ئاندىن ئۇلىماقچى بولغان خىپچا10cm- 12cm كېسىۋېلىنىپ بىر يېنىنى نېپىزراق تەرىپى يېرىلغان ئانار تۈپىنىڭ قوۋزاق تەرىپىگە ئۇدۇل كەلتۈرۈلۈپ ئىككى خىپچا قويۇلىدۇ. خىپچىنىڭ يونالغان قىسمىدىن 0.5cm قىسمى يېرىق سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، سىرتىغا بىر قەۋەت قەغەز قويۇپ، شوينا بىلەن مەﻫكەم تېڭىلىدۇ ۋە ئۇلاق ئۈستىگە لاي سېلىنىدۇ. سىرتىغا سۇلياۋ خالتا كىيگۈزۈپ چىگىپ قويىلىدۇ. مۇمكىن بولسا، ئۇلاش مەشغۇلاتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر قېتىم سۇغىرىلىدۇ. ئۇلاش تېخنىكا تەلەپلىرى تولۇق ئورۇندالسا، قويۇلغان خىپچا سۇلياۋ ئىچىدە كۆكلەيدۇ. يېڭى بىخلار 2cm- 3cm غا يەتكەندە كەچقۇرۇن سۇلياۋ خالتىنىڭ ئۇچى ئازراق تېشىلىپ، يېڭى بىخلار قۇياش نۇرىغا كۆندۈرۈلىدۇ ۋە 3cm- 4cm غا يەتكەندە بارلىق قەغەز ۋە چىگىلگەن شوينا ئېلىۋېتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلسا،ئۇلانغان ئانار دەرىخىنىڭ ياشىرىش نىسبىتىنى %98 كە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.