guide
يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋالغاندا قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشكە سەل قارىماڭ
يوللانغان ۋاقتى :
12-13
كۆرۈلۈشى:
1805 قىتىم
 ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى. ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېرىش دۆلەتنىڭ ئېلېكتىر – ماشىنىسازلىق مەﻫسۇلاتلىرىغا قارىتا يولغا قويغان بىر تۈرلۈك مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك باشقۇرۇش تەدبىرىدۇر. نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەﻫسۇلاتلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بويىچە باشقۇرىدىغان مەﻫسۇلاتلار دىزېل موتورى، سۇ پومپىسى، موتورلۇق دان ئايرىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت بۇ مەﻫسۇلاتلارغا بەرگەن ئىجازەتنامىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. كارخانىلار ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان يېڭى مەﻫسۇلاتلارغا بېجىرگەن ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئالتە ئاي بولىدۇ.    يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسى. بۇ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ دېﻬقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان بىر تۈرلۈك باشقۇرۇش تەدبىرىدۇر. بۇ تەدبىر مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بۇنى كارخانىلار ئىختىيارلىقى بىلەن تەلەپ قىلىدۇ. مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسىنى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دەلىللەپ تارقىتىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئومۇملاشتۇرۇش ئىجازەتنامىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى دەلىللەپ تارقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ.    مەﻫسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈش ماتېرىيالى. بۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ماس كېلىش دائىرىسى شۇنىڭدەك ئىقتىدار ئالاﻫىدىلىكى، تېخنىكىلىق سان – سېپىرلىرى، ئىشلەپچىقىرىشتا ئىجرا قىلىنغان ئۆلچەمنىڭ شەرتلىك بەلگىسى، ئىش پىرىنسىپى ۋە ئالاﻫىدىلىكى، مەشغۇلات قىلىش قائىدىسى، ئادەتتىكى كاشىلىلار ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەرلىك ئاگاﻫلاندۇرۇشى، ئاسراش، قوشۇمچە زاپچاسلارنىڭ تىزىملىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.    لاياقەتلىك گۇۋاﻫنامىسى. بۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى زاۋۇتتىن چىققاندا سۈپەت تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى ياكى كارخانا ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغان مەﻫسۇلاتلارغا كارخانا تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان گۇۋاﻫنامىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە: يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنىڭ نامى، زاۋۇت نامى، تەكشۈرگۈچىنىڭ نومۇرى، تەكشۈرۈلگەن ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.    مەﻫسۇلات نامى تاختىسى. بۇ ئادەتتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنىڭ نامى، تىپى، سىرتقى ئۆلچىمى، سەپلەنگەن ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى، سۈپىتى، زاۋۇتتىن چىقىش نومۇرى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئىجرا قىلىنغان ئۆلچەمنىڭ ۋاكالەت نومۇرى، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى، زاۋۇت نامى، ئادرېسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.    ئۈچكە كېپىل بولۇش ئىسپاتى. بۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىلغاندا ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا بېرىدىغان تالون ۋە ئىسپاتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەلۇم ۋاقىتقىچە ﻫەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىش، ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇپ بېرىشكە كېپىل بولىدىغان ئىسپاتتۇر. ئۇنىڭدا مەﻫسۇلاتنىڭ نامى، ئۆلچىمى، تىپ نومۇرى، ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە رېمونت قىلغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، پوچتا نومۇرى، ماشىنىنىڭ ئۈچكە كېپىل بولۇش ۋاقتى بىلەن ئاساسلىق زاپچاسلىرىنىڭ ئۈچكە كېپىل بولۇش ۋاقتى، رېمونت قىلىش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹خەلق گېزىتى››دىن گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى