guide
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
838 قىتىم
 

جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى ـــ
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى 2-باپ ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش (2)
  14-ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ﻫايۋانات يۇقۇمى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنى يولغا قويۇشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ . يېزا دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى ، شەﻫەر كوچا باشقارمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ﻫايۋانات باقىدىغان ئوۇرۇن ۋە شەخسلەرنى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىشى كېرەك .
  ﻫايۋانات باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ﻫايۋانات يۇقۇمىنى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىتىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ ، مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەلىپى بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك .
مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلانغان ﻫايۋاناتقا گوۋۇيۈەننىڭ مالدوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىممۇنىتېت ئارخپىى تۇرغۇزۇپ ، چارۋا-قۇش بەلگىسى سېلىپ ، سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇشى كېرەك .
  15-ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمىتى ﻫايۋانات يۇقۇمىنى تەكشۈرۈش تورى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، ﻫايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك .
گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك . ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش پىلانىغا ئاساسەن ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ﻫايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش پىلانىنى تۈزۈشى كېرەك .
  ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنشلەش ئاپپاراتى گوۋۇيۈننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، ﻫايۋانات باقىدىغان ، سويىدىغان ، تىجارەت قىلىدىغان ، ئايرىۋېتىدىغان ، توشۇيدىغان شۇنىڭدەك ﻫايۋانات مەﻫسۇلاتلىرىنى ئىشلەيدىغان ، تىجارەت قىلىدىغان ، پىششىقلايدىغان ۋە ساقلايدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر رەت قىلماسلىقى ياكى توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى