guide
ياشانغان دېﻬقانلار قانداق قىلغاندا ياخشى كۈتۈنەلەيدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
937 قىتىم
  ئاقسۇ شەﻫىرىنىڭ يېزا – بازارلاردا كەنت دەرىجىلىك ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى 2010 – يىلى 5 – ئايدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، بۇ خىزمەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، خۇلاسىلەش، يەنە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يەنە خۇلاسىلەش تەسەۋۋۇرى بويىچە پۇختا، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. سىناق نۇقتىسى دەسلەپكى ئۈچ يېزا، بىر بازار، 14 كەنتتىن نۆۋەتتە تۆت يېزا، ئىككى بازار، بىر مەيدان ۋە 31 كەنتكە كېڭىيىپ، شەﻫەر بويىچە يېزا – بازارنىڭ ﻫەممىسىنى، ئومۇمىي كەنتنىڭ %25.4ىنى قاپلاپ، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا پۇختا ئاساس يارىتىلدى.
  ياشانغان دېﻬقان – چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش، بېقىلىش – كۈتۈلۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش نۆۋەتتە يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. گەرچە دۆلەتﻬازىر ئايرىم جايلاردا دېﻬقان – چارۋىچىلارنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەت يېزىلارنىڭ ياشانغانلار مەسىلىسىنى نوقۇل ﻫۆكۈمەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا تەلتۆكۈس ﻫەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ﻫەر قايسى جايلارنىڭمۇ تېگىشلىك ﻫەسسە قوشۇشى زۆرۈرلۈكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا ئاقسۇ شەﻫەرلىك پارتكوم، خەلق ﻫۆكۈمىتى ۋىلايەتنىڭ تەلىپى بويىچە بۇلتۇر 5 – ئايدىن باشلاپ يېزىلاردا كەنت دەرىجىلىك ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە، مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئېرىشتى. شەﻫەر بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە ئېگەرچى يېزىسىدىن تۆت كەنت، بەشتۈگمەن يېزىسىدىن ئۈچ كەنت، قاراتال بازىرىدىن تۆت كەنت، توپلۇق يېزىسىدىن ئۈچ كەنت سىناق نۇقتىسى قىلىپ تاللاندى. يېزا – بازارلارنىڭ كوللېكتىپ تىجارەت ئېتىزىدىن جەمئىي 1344 مو يەر مەخسۇس ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى››غا ئاجرىتىپ بېرىلدى. بۇ ئېتىزلاردىن قىلىنغان كىرىم شۇ كەنتتىكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ياشانغان دېﻬقان – چارۋىچىلارنىڭ، تەنﻬا ئۆتۈۋاتقان بوۋاي – مومايلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، تەمىناتىنى كۆپەيتىپ بېرىشكە سەرپ قىلىندى. ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› ئارقىلىق پارتىيە، ﻫۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىسلاﻫات، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرى ياشانغان دېﻬقان – چارۋىچىلارغا تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ بىۋاسىتە ﻫېس قىلدۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ﻫېسسىياتى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمدىن ئېرىشكەن بەختىيارلىق تۇيغۇسى كۈچەيتىلدى.
  ئاقسۇ شەﻫىرى يېزىلاردا كەنت دەرىجىلىك ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› بەرپا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا، ﻫەر قايسى يېزا – بازارلارنىڭ كونكرېت ئالاﻫىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ناﻫايىتى ئاددىي، ئەمما ئەمەلىي ئۇسۇلنى قوللاندى. يەنى كوللېكتىپ تىجارەت يېرى 1000 مودىن ئاشىدىغان كەنتلەر 20 مودىن 50 موغىچە ئېتىزنى ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى››غا ئاجرىتىپ بېرىش ياكى يىللىق كوللېكتىپ جۇغلانمىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان كەنتلەر تىجارەت ئېتىزىدىن قىلغان يىللىق ئومۇمىي ساپ كىرىمنىڭ %5ىنى ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› ﻫېساباتىغا ئاغدۇرۇپ بېرىشنى بەلگىلىدى. باشقا كەنتلەرنىڭ ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› غا ئاجرىتىدىغان يېرى، تاپشۇرىدىغان ﻫەققى يۇقىرىقى ئۆلچەمنى بىرلىك قىلغان ئاساستا، شۇ كەنتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي شارائىتىنى چىقىش قىلغان ﻫالدا پەرقلىق بېكىتىلدى. شەﻫەر بويىچە كەنت دەرىجىلىك ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى››بەرپا قىلىشتا، ئاجرىتىلغان يەر ۋە ئېتىز بېشىغا ئورنىتىلغان ۋىۋىسكا ئېنىق بولۇش؛ ئۈچ يىلدىن ئون يىلغىچە ئۆزگەرتىلمەيدىغان ئېنىق يەر ﻫۆددىگەرلىك توختامى بولۇش؛ ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى››فوندى ئېنىق بولۇش، مەخسۇس مەبلەغنى مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىش؛ تايىنىدىغان قانۇن ئاساسى ئېنىق بولۇش، ئادىل ئىش كۆرۈش؛ تۈزۈم ئېنىق بولۇش، مەسئۇلىيەتنى كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹بەش ئېنىق بولۇش›› تەلىپى تىرىشىپ ئورۇندالدى. كەنتلەردىكى ياشانغانلار جەمئىيىتى ‹‹بازا›› ۋە فوند مەبلىغىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشكە كونكرېت مەسئۇل قىلىندى. يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە ئاقسۇ شەﻫىرىدە بۇ يىل 8 – ئايغا قەدەر، كەنت دەرىجىلىك ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› سىناق قىلىنغان كەنت 31گە، ئاجرىتىلغان يەر 1880 موغا كېڭەيدى. ﻫەر مو يەردىن يىغىلغان فوند مەبلىغى 102.6 يۈەنگە، ئومۇمىي مەبلەغ 192 مىڭ 950 يۈەنگە يەتتى. ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› قىلىنغان 35 پارچە ئېتىز بېشىغا ۋىۋىسكا ئورنىتىلدى. دەسلەپكى قەدەمدە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كەنتلەردىكى دېﻬقان – چارۋىچىلاردىن 7779 كىشى ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› قۇرۇلۇشىدىن ئەمەلىي مەنپەئەتلىنىشكە باشلىدى. بۇلتۇر شەﻫەر بويىچە ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى››دىن قىلىنغان 152 مىڭ 500 يۈەن فوند مەبلىغىنىڭ ﻫەممىسى شۇ كەنتلەردىكى 80 ياشتىن ئاشقان بوۋاي، مومايلارنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە سەرپ قىلىندى. ئېگەرچى يېزىسى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كەنتلەردىكى 70 ياشتىن ﻫالقىغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى››دىن قىلىنغان كىرىم ئارقىلىق ﻫەر ئايدا 150 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە ‹‹شەرەپ ياردەم پۇلى›› تارقىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە ئاقسۇ شەﻫىرىدە ‹‹ياشانغانلارنى بېقىش بازىسى›› بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ﻫوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ياشانغانلارنىڭ ﻫوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى››نى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇﻫىم تەدبىر سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى