guide
تاشيول بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
924 قىتىم
593 – نومۇرلۇق
 
 
‹‹تاشيول بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى›› 2011 – يىل 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 144 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ﻫازىر ئېلان قىلىندى، 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
زۇڭلى ۋېن جياباۋ
2011 – يىل 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى
 
 
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
 
 
1 – ماددا بۇ نىزام تاشيول قوغداشنى كۈچەيتىش، تاشيولنىڭ بېجىرىملىكى، بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى›› غا ئاساسەن چىقىرىلدى.
2–ماددا ﻫەر دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى تاشيول قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەﻫبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تاشيول قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.
3–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاشيول قوغداش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى تاشيول قوغداش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ؛ لېكىن، ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ دۆلەت يولى، ئۆلكە يولىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى بېكىتىدۇ.
تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تاشيول قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.
4–ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ﻫەر دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ تەرەققىيات – ئىسلاﻫات، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا – سانائەت، سۈپەت تەكشۈرۈش تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى تاشيول قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن قانۇن بويىچە ئىشلەيدۇ.
5–ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ﻫەر دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ﻫۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تاشيول باشقۇرۇش، ئاسراشقا كېتىدىغان خىراجەت شۇنىڭدەك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تاشيولنى مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزۈشىگە كېتىدىغان خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. لېكىن، مەخسۇس تاشيولنى قوغداش خىراجىتى بۇنىڭ سىرتىدا.
6–ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ﻫەر دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمى، تاشيولنىڭ ئىشلىتىلىش ئەﻫۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، تاشيول ياساش، باشقۇرۇش ۋە ئاسراش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات شۇنىڭدەك خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشئېﻬتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرۇشى كېرەك.
7–ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ﻫەر دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، يەر تەۋرەش، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن، يامغۇر، قار، مۇز، توڭ ئاپىتى قاتارلىق تاشيولنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەر (تۆۋەندە تاشيول تاسادىپىي ۋەقەسى دېيىلىدۇ) گە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىﻬەسى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويۇشى كېرەك.
تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تاشيول تىجارەت كارخانىلىرى قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن تاشيول تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىﻬەسىگە ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنى تەشكىللىشى ﻫەمدە قەرەللىك ﻫالدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.
8–ماددا دۆلەت تاشيول تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، يۆتكەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاشيولدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئېﻬتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
9–ماددا ﻫەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاشيول، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، زىيان سېلىشىغا، ئۇنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى قانۇنسىز ئىشلىتىۋېلىشىغا بولمايدۇ.
 
 
2 – باب تاشيول لىنىيەسى
 
 
10–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تاشيول باشقۇرۇش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشيول، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىشى كېرەك.
11–ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش پىرىنسىپى شۇنىڭدەك تاشيول تەرەققىياتىنىڭ ئېﻬتىياجىغا ئاساسەن، قاتناش – تىرانسپورت، زېمىن بايلىقى تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، تاشيول ئىمارەت كونترول رايونىنىڭ دائىرىسىنى ئايرىپ بېرىشى كېرەك.
تاشيول ئىمارەت كونترول رايونىنىڭ دائىرىسى تاشيول يېرىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن باشلاپ سىرتىغىچە بولغان ئارىلىق ئۆلچىمى مۇنداق:
(1) دۆلەت يولىنىڭ 20 مېتىردىن ئاز بولمايدۇ؛
(2) ئۆلكە يولىنىڭ 15 مېتىردىن ئاز بولمايدۇ؛
(3) ناﻫىيە يولىنىڭ ئون مېتىردىن ئاز بولمايدۇ؛
(4) يېزا يولىنىڭ بەش مېتىردىن ئاز بولمايدۇ.
يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولسا، تاشيول ئىمارەت كونترول رايونىنىڭ دائىرىسى تاشيول يېرىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن باشلاپ سىرتىغىچە بولغان ئارىلىق ئۆلچىمى 30 مېتىردىن ئاز بولمايدۇ.
تاشيول ئايلانما يولىنىڭ ئىچ تەرىپى، ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈك ۋە تەكشىلىكتە كېسىشكەن يول ئېغىزىنىڭ ئىمارەت كونترول رايونىنىڭ دائىرىسى بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
12–ماددا يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان تاشيولنىڭ ئىمارەت كونترول رايونىنىڭ دائىرىسىنى تاشيولنىڭ دەسلەپكى لايىﻬەسى تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، تاشيول بويىدىكى ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى مۇشۇ نىزام بويىچە ئايرىپ بېرىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.
تاشيول ئىمارەت كونترول رايونى بىلەن تۆمۈريول لىنيەسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش رايونى، سۇ يولىنى قوغداش دائىرىسى، دەريا يولىنى باشقۇرۇش دائىرىسى ياكى سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى ئۈستىمۇ ئۈستى چۈشۈپ قالسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىلەن تۆمۈريول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، سۇ يولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، سۇ مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى كېڭىشىپ ئايرىيدۇ.
13–ماددا تاشيول ئىمارەت كونترول رايونى ئىچىدە تاشيول قوغداش ئېﻬتىياجىدىن باشقا ئىمارەت سېلىش ۋە يەر ئۈستى قۇرۇلمىلىرىنى ياساش مەنئى قىلىنىدۇ، تاشيول ئىمارەت كونترول رايونىنى ئايرىشتىن بۇرۇن قانۇنلۇق ياسالغانلىرىنى كېڭەيتىشكە بولمايدۇ، تاشيول قۇرۇلۇشى ياكى تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چېقىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىش كېرەك.
تاشيول ئىمارەت كونترول رايونىنىڭ سىرتىغا سېلىنغان ئىمارەت، يەر ئۈستى قۇرۇلمىسى شۇنىڭدەك باشقا ئەسلىﻬەلەر يول بەلگىسىنى ۋە بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىنى توسۇۋالسا بولمايدۇ.
14–ماددا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان كەنت، تەرەققىيات رايونى، مەكتەپ ۋە يۈكساراي، چوڭ تىپتىكى سودا تور نۇقتىسى، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى سودا بازىرى قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تاشيول ئىمارەت كونترول رايونى چېگراسىنىڭ سىرتى بىلەن بولغان ئارىلىقى تۆۋەندىكى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىش ﻫەم ئۇنى ئىمكانقەدەر تاشيولنىڭ بىر تەرىپىگە سېلىش كېرەك:
(1) دۆلەت يولى، ئۆلكە يولىنىڭ 50 مېتىردىن ئاز بولمايدۇ؛
(2) ناﻫىيە يولى، يېزا يولىنىڭ 20 مېتىردىن ئاز بولمايدۇ.
15–ماددا يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان تاشيول بىلەن ياسىلىپ بولغان شەﻫەر يولى، تۆمۈر يول، خەۋەرلىشىش لىنىيەلىرى كېسىشىدىغان بولسا ياكى يېڭىدىن ياسىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان شەﻫەر يولى، تۆمۈريول، خەۋەرلىشىش لىنىيەلىرى ياسىلىپ بولغان تاشيول بىلەن كېسىشىدىغان بولسا، قۇرۇلۇش خىراجىتىنى يېڭىدىن ياسايدىغان، ئۆزگەرتىدىغان ئورۇن چىقىرىدۇ؛ شەﻫەر يولى، تۆمۈريول، خەۋەرلىشىش لىنىيەلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق، ئورۇن ياكى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياسىلىپ بولغان قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئېشىپ كەتكەن خىراجەتنى تەلەپ قىلغۇچى تارماق ياكى ئورۇن چىقىرىدۇ.
ياسىلىپ بولغان تاشيول بىلەن شەﻫەر يولى، تۆمۈريول، خەۋەرلىشىش لىنىيەلىرىنىڭ كېسىشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغانلار قۇرۇلۇش خىراجىتىنى ئادىل، مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئايرىم – ئايرىم چىقىرىدۇ.
16–ماددا تاشيولنى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تورمۇز ئىقتىدارىنى سىناش مەيدانى قىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
تاشيولدا ۋە تاشيول يېرى دائىرىسىدە يايما يېيىش، نەرسە دۆۋىلەپ قويۇش، ئەخلەت تۆكۈش، توسۇق قويۇش، ئېرىق چېپىش، خامان تېپىش، زىرائەت تېرىش، چارۋا بېقىش، تاش توپائېلىش، كولاش، نەرسە كۆيدۈرۈش، تاشيول يان ئېرىقىدىن پايدىلىنىپ بۇلغىما چىقىرىش ياكى تاشيولنى بۇزىدىغان، بۇلغايدىغان ۋە تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ﻫەرىكەتلەرنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
17–ماددا تۆۋەندىكى دائىرىدە كان ئېچىش، تاش، توپا ئېلىش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىق تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلى، تاشيول كېچىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ:
(1) دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى، ناﻫىيە يولىنىڭ تاشيول يېرى سىرتىدىكى 100 مېتىر دائىرە ئىچىدە، يېزا يولى يېرىنىڭ سىرتىدىكى 50 مېتىر دائىرە ئىچىدە؛
(2) تاشيول كېچىكى ۋە ئوتتۇراﻫالدىن يۇقىرى تاشيول كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى 200 مېتىر دائىرە ئىچىدە؛
(3) تاشيول تونېلىنىڭ ئۈستى ۋە تونېل ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى 100 مېتىر دائىرە ئىچىدە.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېﻬتىياجى بىلەن، توسما ياساش، دەريا قىنىنى تارايتىش ياكى كېڭەيتىشكە توغرا كەلسە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىلەن سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىش ﻫەمدە بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن قىلىش كېرەك.
18–ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلغان قاتناش ۋاسىتىسىگە يېقىلغۇ تولۇقلاش سورۇنى ۋە ئەسلىﻬەسىدىن باشقا، تۆۋەندىكى دائىرە ئىچىدە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەﻫەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، ساتىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىﻬەلەرنى قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ:
(1) تاشيول يېرىنىڭ سىرتىدىكى 100 مېتىر دائىرە ئىچىدە؛
(2) تاشيول كېچىكى ۋە ئوتتۇرا ﻫالدىن يۇقىرى تاشيول كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى 200 مېتىر دائىرە ئىچىدە؛
(3) تاشيول تونېلىنىڭ ئۈستى ۋە تونېل ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى 100 مېتىر دائىرە ئىچىدە.
19–ماددا ئوتتۇرا ﻫالدىن يۇقىرى تاشيول كۆۋرۈكى سېلىنغان دەريانىڭيۇقىرى، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 1000 مېتىر دائىرىسى ئىچىدە يەر ئاستى سۈيى تارتىش، لەيلىمە كۆۋرۈك سېلىش شۇنىڭدەك تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ئەسلىﻬەلەرنى ياساش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن دائىرىدە يەر ئاستى سۈيى تارتىش، لەيلىمە كۆۋرۈك سېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىدىغانلار سۇچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا ۋە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىشى ﻫەمدە بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرى قوللانغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىشى لازىم.
20–ماددا تاشيول كۆۋرۈكى سېلىنغان دەريانىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن دائىرىسدىن قۇم – شېغىل ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ:
(1) پەۋقۇلئاددە چوڭ تاشيول كۆۋرۈكى سېلىنغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ 500 مېتىر دائىرىسى ئىچىدە، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 3000 مېتىر دائىرىسى ئىچىدە؛
(2) چوڭ تاشيول كۆۋرۈكى سېلىنغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ 500 مېتىر، تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ 2000 مېتىر دائىرىسى ئىچىدە؛
(3) ئوتتۇرا – كىچىك تاشيول كۆۋرۈكى سېلىنغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ 500 مېتىر، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 1000 مېتىر دائىرىسى ئىچىدە.
21–ماددا تاشيول كۆۋرۈكى سېلىنغان دەريانىڭ يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 500 مېتىر دائىرىسى ئىچىدە، قانۇن بويىچە لاي ئادالايدىغانلار تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپى بويىچە ئىش قىلىشى، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىخەتەرلىكنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن مەشغۇلات قىلىشى كېرەك.
22–ماددا تاشيول كۆۋرۈكىگە باغلاپ سۆرەش، تارتىش، ئېسىپ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇش مەشغۇلاتلىرىنى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
تاشيول كۆۋرۈكى (جۈملىدىن كۆۋرۈك ئاستىدىكى بوشلۇق)، تاشيول تونېلى، سۈڭگۈچلىرىگە نەرسە – كېرەك دۆۋىلەپ قويۇش، ئەسلىﻬە ئورنىتىش شۇنىڭدەك يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتىش ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ياكى باشقا زەﻫەرلىك، خەتەرلىك گاز ۋە سۇيۇقلۇق تۇرۇبىسى ئورنىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
23–ماددا سۇ يولىغا سېلىنغان تاشيول كۆۋرۈكىگە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە سۇ يولى بەلگىسى، كۆۋرۈك تۈۋرۈكى بەلگىسى، كۆۋرۈك سۇ ئۆلچەش بەلگىسى ئورنىتىشى ﻫەمدە دۆلەت ئۆلچىمى، ساﻫە ئۆلچىمى بويىچە كۆۋرۈك رايونىدا سۇ ئۈستى سۇ يولى بەلگىسى ۋە كۆۋرۈك سەندىلىگە سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىشى كېرەك. كۆۋرۈك رايونىدا سۇ ئۈستى سۇ يولى بەلگىسىنى ئاسراشقا سۇ يولى بەلگىسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.
تاشيول كۆۋرۈكى ئاستىدىن ئۆتىدىغان كېمە – پاراخوتلار تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ سۇ قاتناش ساپ بوشلۇقى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى، سۇ يولىدا يۈرۈش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك، كېمە – پاراخوتنى تاشيول كۆۋرۈكى ئاستىدا توختىتىشقا ياكى باغلاشقا بولمايدۇ.
24–ماددا مۇﻫىم تاشيول كۆۋرۈكى ۋە تاشيول تونېلىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ خەلق قوراللىق ساقچىلىرى قانۇنى›› ۋە گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ﻫەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمى قوغدايدۇ.
25–ماددا تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنى بۇزۇۋېتىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، توسۇپ قويۇش ياكى تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇبا تارتىش، نەرسە ئېسىش مەنئى قىلىنىدۇ.
26–ماددا تاشيول ۋە تاشيول يېرى دائىرىسىدىكى يېشىللىقنى بۇزۇش مەنئىقىلىنىدۇ. تاشيول ئىﻬاتە ئورمىنىنى يېڭىلاش ئۈچۈن كېسىدىغانلار تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن كېسىشى ﻫەمدە ۋاقتىدا تولۇقلاپ تىكىشى كېرەك. ۋاقتىدا تولۇقلاپ تىكەلمەيدىغانلار كېتىدىغان خىراجەتنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋاكالىتەن تولۇقلاپ تىكىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇشى كېرەك.
27–ماددا يولغا مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك:
(1) تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، توك، سۇچىلىق، خەۋەرلىشىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن تاشيولنى ئىگىلەش، كولاش ياكى تاشيول لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش؛
(2) تاشيولنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان، كېسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈك، نو ياساش ياكى تۇرۇبا، كابېل قاتارلىق ئەسلىﻬەلەرنى تارتىش، كۆمۈش؛
(3) تاشيول يېرى دائىرىسىدە تۇرۇبا، كابېل قاتارلىق ئەسلىﻬەلەرنى تارتىش ۋە كۆمۈش؛
(4) تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلى، سۈڭگۈچىدىن پايدىلىنىپ كابېل قاتارلىق ئەسلىﻬەلەرنى ئورنىتىش؛
(5) تاشيولنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان ئەسلىﻬەلەرگە تاشيول بەلگىسىدىن باشقا بەلگە ئېسىش؛
(6) تاشيولدا تەكشىلىكتە كېسىشىدىغان يول ئېغىزىنى كۆپەيتىش ياكى ئۆزگەرتىش؛
(7) تاشيول ئىمارەت كونترول رايونىغا تۇرۇبا، كابېل قاتارلىق ئەسلىﻬەلەرنى كۆمۈش.
28–ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن تاشيولغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
(1) مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان لايىﻬە ۋە قۇرۇلۇش قىلىش لايىﻬەسى؛
(2) تاشيول، تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تېخنىكىلىق باﻫالاش دوكلاتى؛
(3) قۇرۇلۇش جەريانىدىكى خەتەرلىك ئەﻫۋالنى ۋە كۈتۈلمىگەن ﻫادىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىﻬەسى.
تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە، ئىجازەت بېرىش ياكى بەرمەسلىك قارارى چىقىرىشى؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى؛ تىجارەتلىك تاشيولغا مۇناسىۋەتلىك بولسا، تاشيول تىجارەت كارخانىسىدىن پىكىر ئېلىشى؛ ئىجازەت بەرمەيدىغان بولسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ﻫەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
29–ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلار ئىجازەت بېرىلگەن لايىﻬە ۋە قۇرۇلۇش قىلىش لايىﻬەسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشى ﻫەمدە تاشيول، تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇﻫاپىزەت تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
يولغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تاشيول ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن تېخنىكا ئۆلچىمىگە يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى شۇنىڭدەك، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ تاشيول ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى لازىم.
يولغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش ئەسلىﻬەسىنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى قۇرۇلۇش ئەسلىﻬەلىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاشيولنىڭ بېجىرىملىكى، بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا ﻫەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
 
 
 
3 – باب تاشيولدا مېڭىش
 
 
 
30–ماددا قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تاشقى رازمېرى، ئوق يۈكى ۋە ئومۇمىي ماسسىسى دۆلەتنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تاشقى رازمېرى، ئوق يۈكى ۋە ماسسا چەك قىممىتى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك موتورلۇق قاتناشۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.
31–ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىغاندا، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملىماسلىقى كېرەك.
32–ماددا پارچىلاشقا بولمايدىغان نەرسىلەرنى توشۇش ئۈچۈن قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، مۇناسىپ ساپاغا ئىگە قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل تىپى ۋە تېخنىكا پارامېتىرى بويىچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشى كېرەك.
33–ماددا تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش چېكى، ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى، ئۇزۇنلۇق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى ياكى تاشيول تونېلىدا مېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئاپتوموبىل كېچىك كېمىسىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش چېكى، ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى، ئۇزۇنلۇق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل كېچىك كېمىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش چېكى، ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى، ئۇزۇنلۇق چېكىنىڭ ئۆلچىمى تەڭشەلگەن بولسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، تاشيول تىجارەت كارخانىسى يۈك كۆتۈرۈش چېكى ، ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى، ئۇزۇنلۇق چېكى بەلگىسىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى؛ ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كەلسە، ئايلىنىپ مېڭىش لىنىيەسىنىمۇ كۆرسىتىپ قويۇشى لازىم.
34–ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ياكى يېزا دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى يېزا يولى، كەنت يولىنى قوغداش ئېﻬتىياجىغا ئاساسەن، يېزا يولى، كەنت يولىنىڭ كىرىش – چىقىش ئېغىزىغا زۆرۈر بولغان ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى ئەسلىﻬەلىرىنى ئورناتسا بولىدۇ، لېكىن، ئوت ئۆچۈرۈش، كېسەل قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە، بۇ ئاپتوموبىللاردىن ﻫەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
35–ماددا قاتناش ۋاسىتىسى پارچىلاشقا بولمايدىغان بۇيۇمنى توشۇشتا، قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن يۈك ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ تاشقى رازمېرى ياكى ئومۇمىي ماسسىسى تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش چېكى، ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى، ئۇزۇنلۇق چېكىدىن ئېشىپ كېتىپ، تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلىدا مېڭىشقا توغرا كەلسە، توشۇغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تاشيولدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئىجازىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
36–ماددا تاشيولدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئىجازىتى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىنىدۇ:
(1) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلەر ئارا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغانلار تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، ئىلتىماسنى توشۇش باشلانغان جايدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىدۇ ﻫەمدە تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىشىنى ماسلاشتۇرىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ؛
(2) ئۆلكە، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە رايون بار شەﻫەرلەر ئارا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغانلار ياكى بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەر دائىرىسىدە رايون، ناﻫىيەلەر ئارا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغانلار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، ئىلتىماسنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى قوبۇل قىلىدۇ ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛
(3) رايون بار شەﻫەر دائىرىسىدە رايون، ناﻫىيەلەر ئارا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغانلار رايون بار شەﻫەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، ئىلتىماسنى رايون بار شەﻫەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى قوبۇل قىلىدۇ ﻫەمدە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛
(4) رايون، ناﻫىيە دائىرىسىدە چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغانلار رايون، ناﻫىيەنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، ئىلتىماسنى رايون، ناﻫىيەنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى قوبۇل قىلىدۇ ﻫەمدە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.
تاشيولدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك.
37–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشتا، ئەمەلىي ئەﻫۋالغا قاراپ مېڭىش لىنىيەسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، پۇختىلاش، ئۆزگەرتىش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، شۇنىڭغا يارىشا پۇختىلاش، ئۆزگەرتىش لايىﻬەسى تۈزسە بولىدۇ.
تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆزى تۈزگەن پۇختىلاش، ئۆزگەرتىش لايىﻬەسىگە ئاساسەن، تاشيول كۆۋرۈكى، سۈڭگۈچى قاتارلىق ئەسلىﻬەلەرنى پۇختىلىشى، ئۆزگەرتىشى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى لازىم.
38–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىن چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىرى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىسىگە گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن نۇسخىدىكى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتى بېرىشى كېرەك.
قاتناش ۋاسىتىسىدە تەستىق بىلەن چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغانلار چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنى بىللە ئېلىپ مېڭىشى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت، لىنىيە ۋە سۈرئەتتە مېڭىشى ﻫەمدە روشەن بەلگە ئېسىشى لازىم.
قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنى ئىجارە بېرىش، ئارىيەت بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
39–ماددا ئالاقىدار قاتناش – تىرانسپورت تارمىقى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەيدىغان مۇقىم پونكىت – نۇقتا قۇرۇپ، زۆرۈر ئۈسكۈنىلەرنى سەپلىسە ۋە خادىملارنى قويسا بولىدۇ.
چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەيدىغان مۇقىم پونكىت – نۇقتىلار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشى ﻫەمدە نازارەت قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىشى لازىم. تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەيدىغان مۇقىم پونكىت – نۇقتىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
40–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلى ياكى ئاپتوموبىل كېچىك كېمىسىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش چېكى، ئېگىزلىك چېكى، كەڭلىك چېكى، ئۇزۇنلۇق چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسىنى بايقىغانلىرى يېقىن ئەتراپتىكى چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەيدىغان مۇقىم پونكىت – نۇقتىغا ئاپىرىپ بىرتەرەپ قىلىشى لازىم.
قاتناش ۋاسىتىلىرى چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەش بەلگىسى ياكى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئۆلچىتىش لازىم، چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەيدىغان مۇقىم پونكىت – نۇقتىغا بارىدىغان ئاپتوموبىل يولىنى قەستەن توسۇۋېلىشقا، زورمۇزور ئۆتۈشكە ياكى ئۆلچەش پونكىت – نۇقتىسىنىڭ تەرتىپىنى باشقا ئۇسۇل بىلەن قالايمىقان قىلىشقا، قىسقا ئارىلىققا يۈك ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەتمەي قېچىپ كېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
ئايلىنىپ مېڭىشقا بۇيرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ يۈك توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەتمەي قېچىپ كېتىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
41–ماددا كۆمۈر، سېمونت قاتارلىقلار يىغىلىدىغان يۈك سارايلىرى ۋە يۈك بېكىتى قاتارلىق سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىسى، باشقۇرغۇچىسى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ يۈك توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەيدان (بېكەت) دىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى كۆمۈر، سېمونت قاتارلىقلار يىغىلىدىغان يۈك سارايلىرى ۋە يۈك بېكىتى قاتارلىق سورۇنلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ يۈك توشۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەيدان (بېكەت) تىن چىقىشىنى توسۇشى كېرەك.
ﻫەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى ﻫەيدىگۈچىلەرنى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇشقا يول كۆرسىتىشىگە، زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
42–ماددا ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەﻫەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇم توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى ﻫەمدە پەۋقۇلئاددە چوڭ تاشيول كۆۋرۈكىدىن ياكى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن تاشيول تونېلىدىن ئۆتۈشتىن ساقلىنىشى؛ پەۋقۇلئاددە چوڭ تاشيول كۆۋرۈكىدىن ياكى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن تاشيول تونېلىدىن ئۆتۈش ﻫەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەﻫەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇم توشۇش ئىجازىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ مېڭىش ۋاقتى، لىنىيەسىنى پەۋقۇلئاددە چوڭ تاشيول كۆۋرۈكى ياكى پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن تاشيول تونېلىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنغا ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ﻫەمدە پەۋقۇلئاددە چوڭ تاشيول كۆۋرۈكى ۋە پەۋقۇلئاددە ئۇزۇن تاشيول تونېلىدىن ئۆتىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك.
43–ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە قائىدە بويىچە يۈك قاچىلاش، يۈكنى يولدا سۆرىتىپ ماڭماسلىق لازىم. قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قاچىلىغان يۈكلەردىن ئاسان چۈشۈپ قالىدىغان، چېچىلىپ كېتىدىغان ياكى توزۇپ كېتىدىغانلىرىغا كوزۇپنى ﻫىم يېپىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللانغاندىن كېيىن تاشيولدا مېڭىشقا بولىدۇ.
تاشيولدا مېڭىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قاچىلانغان يۈك چۈشۈپ قالسا، چېچىلىپ كەتسە ياكى توزۇپ كەتسە، قاتناش ۋاسىتىسىنى ﻫەيدىگۈچى ۋە توشۇش نازارەتچىسى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىر تەرەپ قىلالمىسا، يۈك چۈشۈپ قالغان، چېچىلىپ كەتكەن ياكى توزۇپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىسى كەلگەن تەرەپتىكى مۇۋاپىق ئارىلىققا ئاگاﻫ بەلگىسى قويۇشى ﻫەمدە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. باشقا كىشىلەردىن تاشيولدا قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان توسالغۇ بارلىقىنى بايقىغانلىرى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ۋاسىتىسىگە قاچىلىغان يۈك چۈشۈپ قېلىش، چېچىلىپ كېتىش، توزۇپ كېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ﻫەرىكەتنى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى؛ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تاشيول تىجارەت كارخانىسى تاشيولغا چۈشۈپ قالغان، چېچىلىپ كەتكەن، توزۇپ كەتكەن توسالغۇلارنى ۋاقتىدا تازىلىۋېتىشى لازىم.
قاتناش ۋاسىتىسىگە قاچىلىغان يۈك چۈشۈپ قالغان، چېچىلىپ كەتكەن ياكى توزۇپ كەتكەندىن كېيىن، قاتناش ۋاسىتىسىنى ﻫەيدىگۈچى، توشۇش نازارەتچىسى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلماي، باشقىلارغا جىسمانىي زىيان ۋە مال – مۈلۈك زىيىنى سالسا، يول تىرانسپورت كارخانىسى ۋە قاتناش ۋاسىتىسىنى ﻫەيدىگۈچى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
44–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تاشيول تىجارەت كارخانىسى تاشيول ئاسراشنى كۈچەيتىپ، تاشيولنىڭ دائىم ياخشى تېخنىكىلىق ﻫالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ياخشى تېخنىكىلىق ﻫالەت: تاشيولنىڭ ئۆزىدىكى فىزىكىلىق ﻫالەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشىنى، جۈملىدىن يول يۈزىنىڭ تەكشى بولۇشى، يول يەلكىسى، ئاتكوسنىڭ تەكشى، رەتلىك بولۇشى، مۇناسىۋەتلىك ئەسلىﻬەلەرنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
45–ماددا تاشيولنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ئاسراش لازىم.
46–ماددا تاشيول ئاسرايدىغان ئورۇنلار تۆۋەندىكى ساپا شەرتىنى ﻫازىرلىشى كېرەك:
(1) تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇئەييەن ساندىكى تېخنىك خادىملىرى بولۇش؛
(2) تاشيول ئاسراشقا لايىق تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بولۇش؛
(3) تاشيول ئاسراشقا لايىق تەجرىبىسى بولۇش؛
(4) گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەر.
تاشيول ئاسرايدىغان ئورۇنلارنىڭ ساپاسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئايرىم چىقىرىدۇ.
47–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تاشيول تىجارەت كارخانىسى گوۋۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تاشيولنى چارلىشى ﻫەم خاتىرە قالدۇرۇشى؛ تاشيولنىڭ گۈمۈرۈلۈپ، كاتاڭ بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغان ﻫامان ئاگاﻫ بەلگىسى ئورنىتىشى ﻫەم تەدبىر قوللىنىپ ئوڭشىشى لازىم.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن تاشيول گۈمۈرۈلۈپ كېتىپ، كاتاڭ بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بۇزۇلۇشنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىغانلىرى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشى ﻫەم تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى تاشيول تىجارەت كارخانىسىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
باشقا كىشىلەردىن تاشيولنىڭ گۈمۈرۈلۈپ كېتىپ، كاتاڭ بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغانلىرى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى لازىم.
48–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تاشيول تىجارەت كارخانىسى تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ ۋە باﻫالاپ، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ﻫالىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئارقىلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان ﻫامان ئوڭشاپ، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشىﻬەم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.
49–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تاشيول تىجارەت كارخانىسى تاشيول تونېلىنىڭ سۇ چىقىرىش، ﻫاۋالاندۇرۇش، يورۇتۇش، كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، ئوت ئۆچۈرۈش، پاناﻫلاندۇرۇش ئەسلىﻬەلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ئەسلىﻬەلەرنىڭ داۋاملىق ياخشى ﻫالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
50–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تاشيول ئاسراش پىلانىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، تاشيولنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوڭشاش تۈپەيلىدىن قاتناش توسۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەر چېگرالىنىدىغان رايوندا تاشيول ئاسراشتا، قاتناش توسۇلۇپ قېلىش ئېﻬتىمالى بولسا، ئالاقىدار تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرنىڭ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنى ئاۋۋال يازما خەۋەرلەندۈرۈپ، راۋانلاشتۇرۇش لايىﻬەسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، تارقاقلاشتۇرۇش لىنىيەسىنى بېكىتىشى كېرەك.
51–ماددا تاشيول ئاسراشتا تاشيولنى تاقاشقا ياكى تاشيول ئېنىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىپ، يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىردىن ﻫەم مەشغۇلات مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا، جىددىي ئەﻫۋالنى ﻫېسابقا ئالمىغاندا تاشيول ئاسرايدىغان ئورۇن مەشغۇلات باشلاشتىن بەش كۈن بۇرۇن، ئايلىنىپ ئۆتىدىغان لىنىيەنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ﻫەم ئايلىنىپ ئۆتىدىغان جايغا بەلگە ئورنىتىشى؛ ئايلىنىپ ئۆتكىلى بولمىسا، ۋاقىتلىق يول ياسىشى لازىم.
52–ماددا تاشيول ئاسرىغۇچىلار ئاسراش مەشغۇلاتى قىلغاندا بىرلىككە كەلگەن بىخەتەرلىك بەلگە كىيىمىنى كىيىشى لازىم. تاشيول ئاسراش ئاپتوموبىلى، ماشىنا – ئۈسكۈنە بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا، ئۇلارغا روشەن مەشغۇلات بەلگىسى ئورنىتىش، خەتەر سىگنالى چىرىغى يېقىش كېرەك.
53–ماددا تاشيولدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ قاتناشقا تەسىر يەتسە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تاشيول تىجارەت كارخانىسى تاشيولنى ۋاقتىدا ئوڭشاپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم. رايون بار شەﻫەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تاشيولنى ئوڭشاپ، قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېﻬتىياجىغا قاراپ، جىددىي رېمونت قىلىدىغان كىشىلەرنى ۋاقتىدا تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات پىلانىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، يول تورىنى بەلگىلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئايلىنىپ مېڭىش، تارقاقلاشتۇرۇشنى تەشكىللىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.
رايون بار شەﻫەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى گوۋۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تاشيول بۇزۇلۇش ئەﻫۋالى، تاشيول قاتناش ئېقىم مىقدارى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىپ ۋە جەملەپ، تاشيول تاسادىپىي ۋەقەلىرىنى كۆزىتىش، بۇ ﻫەقتە ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئاگاﻫلاندۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ﻫەمدە كۆپ خىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، تاشيول قاتنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
54–ماددا جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قاتناش قىسىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلى قاتارلىق ئەسلىﻬەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
55–ماددا تاشيوللاردىن ئىشلىتىشتىن مەڭگۈلۈك توختىتىلغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن براك قىلىش ﻫەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.
براك قىلىنغان تاشيول يېرىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش يەر باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە بولىدۇ.
 
 
5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
 
 
56–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى بەلگىلەنگەن مۆﻫلەتتە چۇۋۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. مۆﻫلەت ئۆتسىمۇ چۇۋۇۋەتمىسە، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى چۇۋۇۋېتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى چىقىرىدۇ:
(1) تاشيول ئىمارەت كونترول رايونى ئىچىدە ئىمارەت سېلىش ۋە يەر ئۈستى قۇرۇلمىلىرىنى ياساش، كېڭەيتىش ياكى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ تۇرۇبا، كابېل قاتارلىق ئەسلىﻬەلەرنى كۆمۈش؛
(2) تاشيول ئىمارەت كونترول رايونىنىڭ سىرتىغا سالغان ئىمارەت، ياسىغان يەر ئۈستى قۇرۇلمىسى، شۇنىڭدەك باشقا ئەسلىﻬەلەر تاشيول بەلگىسىنى توسۇۋېلىش ياكى بىخەتەر كۆرۈش ئارىلىقىنى توسۇۋېلىش.
57–ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 18 –، 19 –، 23 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى، ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى، دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. 58 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
59–ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 22 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
60–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:
(1) تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنى بۇزۇۋېتىش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش، توسۇپ قويۇش ياكى تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇبا تارتىپ، نەرسە ئېسىپ، تاشيول بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېﻬتىمالى پەيدا قىلىش؛
(2) يولغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش ئەسلىﻬەلىرى تاشيولنىڭ بېجىرىملىكىگە، بىخەتەرلىكىگە ۋە راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش.
61–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلاتماي تۇرۇپ تاشيول ئىﻬاتە ئورمىنىنى يېڭىلاش ئۈچۈن كەسكەنلەرنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تولۇقلاپ تىكىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە كەسكەن ئورمان قىممىتىنىڭ ئۈچ ﻫەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ﻫەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
62–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ مۇشۇ نىزامنىڭ 27 – ماددىسىنىڭ (1) تارماقچىسىدىن (5) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردا بەلگىلەنگەن تاشيولغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش قىلغانلارنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ مۇشۇ نىزامنىڭ 27 – ماددىسىنىڭ 6 – تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن يولغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش قىلغانلارنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
63–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشقى رازمېرى، ئوق يۈكى، ئومۇمىي ماسسىسى دۆلەتنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تاشقى رازمېرى، ئوق يۈكى، ماسسا چەك قىممىتى قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلارغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت بەلگىلىگەن ساپاغا ئېرىشكەن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بەلگىلەنگەن تىپى ۋە تېخنىكا پارامېتىرى بويىچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرمىغانلىرىنى گۇۋاﻫنامە بەرگەن ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 40 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىنىڭ ساپانامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
64–ماددا تاشيولدا مېڭىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن يۈك ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ تاشقى رازمېرى، ئوق يۈكى ياكى ئومۇمىي ماسسىسى تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلى، ئاپتوموبىل كېچىك كېمىسىنىڭ بەلگىلەنگەن چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
65–ماددا تەستىق ئارقىلىق چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىت، لىنىيە ۋە سۈرئەت بويىچە ماڭمىغانلىرىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنى بىللە ئېلىپ ماڭمىغانلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۇتۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ﻫەيدىگۈچىسىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتى ياكى مۇناسىپ ئىسپاتنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇيدۇ.
قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنى ئىجارە بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغانلىرىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش يول خېتىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
66–ماددا بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ ﻫالدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تىجارەت تىرانسپورت گۇۋاﻫنامىسىنى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى بىكار قىلىدۇ؛ بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قانۇنغا خىلاپ ﻫالدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇغان قاتناش ۋاسىتىلىرى ﻫەيدىگۈچىلىرىنى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىجارەتلىك تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ يول تىرانسپورت كارخانىلىرىدىن بىر يىل ئىچىدە قانۇنغا خىلاپ ﻫالدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇغان قاتناش ۋاسىتىسى شۇ ئورۇننىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %10ىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ يول تىرانسپورت تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ﻫەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
67–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىسىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىدۇ ياكى تۇتۇپ قالىدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
(1) چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەش مۇقىم پونكىت – نۇقتىسى بار يولنى قەستەن توسۇۋېلىش، ئۇنىڭدىن زورمۇزور ئۆتۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچەش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش؛
(2) قىسقا ئارىلىقتا يۈك ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇغان يۈكنى ئۆلچىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.
68–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قاتناش ۋاسىتىسى ﻫەيدىگۈچىلەرنى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇشقا بۇيرۇغان، زورلىغانلارنى يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
69–ماددا قاتناش ۋاسىتىسىگە قاچىلىغان يۈك يولدا سۆرىلىپ قېلىپ، چۈشۈپ قېلىپ، چېچىلىپ كېتىپ ياكى توزۇپ كېتىپ تاشيول يۈزىنى بۇزۇۋەتكەن، بۇلغىۋەتكەن بولسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
70–ماددا تاشيول ئاسراش ئورۇنلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گوۋۋۇيۈەننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە يول ئاسراش مەشغۇلاتى قىلمىغانلىرىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلىرىنىڭ ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ.
71–ماددا تاشيول، تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەر تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا دەرﻫال مەلۇم قىلىپ، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان بولسا، ئاگاﻫ بەلگىسى قويۇشى ياكى باشقا بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى ﻫەم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا دەرﻫال مەلۇم قىلىشى لازىم.
قاتناش ﻫادىسىسى يۈز بېرىپ، تاشيول ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتناش ﻫادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان چاغدا، ئالاقىدار تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم.
72–ماددا تاشيول ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىﻬەلىرىنى بۇزۇۋېتىپ، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىسى، سايمىنىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.
تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتناش ۋاسىتىسى ۋە سايمىنىنى تۇتۇپ قالغاندا، نەق مەيداندا ئىسپات بېرىشى ﻫەم ئالاقىدارلارغا بەلگىلەنگەن مۆﻫلەتتە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. مۆﻫلەت ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئۈچ ئايغىچە يەنىلا بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى، سايمىنىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۇتۇپ قالغان قاتناش ۋاسىتىسى ۋە سايمانلارنى ئوبدان ساقلىشى، ئىشلەتمەسلىكى لازىم.
73–ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ:
(1) قانۇنغا خىلاپ ﻫالدا مەمۇرىي ئىجازەت بەرگەنلەر؛
(2) نورمال مېڭىۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ﻫالدا توسقانلار ۋە تەكشۈرگەنلەر؛
(3) تاشيولدىكى گۈمۈرۈلۈپ كېتىپ، كاتاڭ بولۇپ، كۆتۈرۈلۈپ كېتىپ بۇزۇلغان جايلارنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(4) قاتناش ۋاسىتىسى ۋە سايماننى قانۇنغا خىلاپ ﻫالدا تۇتۇپ ياكى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان قاتناش ۋاسىتىسى، سايماننى ئىشلەتكەنلەر؛
(5) خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، خىزمەت ﻫوقوقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش قىلمىشى سادىر قىلغانلار.
تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
74–ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
 
 
6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
 
 
75–ماددا كەنت يولىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش خىزمىتىنى يېزا دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەيدۇ.
مەخسۇس تاشيولنى قوغداشقا بۇ نىزام تەتبىقلانمايدۇ.
76–ماددا تاشيولنى ﻫەربىي تىرانسپورتقا ئىشلىتىش گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ﻫەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.
77–ماددا بۇ نىزام 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1987 – يىل 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ تاشيول باشقۇرۇش نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.