guide
«دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش نىزامى»
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1063 قىتىم
 

جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى
498- نومۇرلۇق
«دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى
2007- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن
زۇڭلى ۋېن جياباۋ
2007- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى
 
 
 
 
 
بىرىنچى باب: ئومۇمىي پرىنسىپ
 
 
1- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ئىگە سالاﻫىيىتىنى بېكىتىش. دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ﻫەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى»غا ئاساسەن بۇ نىزام تۈزۈم چىقىلدى.
2- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈشتە؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى ۋە بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلە ربويىچە تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش لازىم. دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنىڭ راستلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
3-ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تىزىملىتىشىدىن ئۆتۈپ، دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنىي ئىگە تىجارەت كىنىشكىسى (نۆۋەتتە قىسقارتىلىپ تىجارەت كېنىشكىسى دەپ ئاتالدى)نى ئېلىپ، قانۇنىي ئىگە سالاﻫىيىتىگە ئېرىشىدۇ. قانۇن بويىچە تىزىملاتماي تۇرۇپ، دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى نامىدا تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.
4-ماددا سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى - دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملايدىغان ئورگان. گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناﻫىيەلىك (شەﻫەرلىك)، رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىزىملايدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ ياكى رايون ﻫالقىغان دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى توغرىسىدا ئالاﻫىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
 
 
ئىككىنچى باب: تىزىملاش ئىشلىرى
 
 
5- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ئىشلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) نامى؛
2) ئولتۇراق ئورنى؛
3) ئەزالار چىقارغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى؛
4) تىجارەت دائىرىسى؛
5) قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى؛
6- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نامىدا «كەسپىي كوپىراتىپ»دېگەن سۆز بولۇشى ﻫەمدە دۆلەتنىڭ كارخانا نامىنى تىزىملاشقا دائىرى بەلگىلىمىلەرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
7- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئولتۇراق ئورنى دېگەندە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاينى كۆرسىتىدۇ.
8- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى پۇل بىلەن مەبلەغ سالسا بولىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلىي نەرسە، بىلىم مۈلۈك ﻫوقۇقى قاتارلىق پۇل بىلەن قىممىتىنى باﻫالىغىلى بولىدىغان ﻫەمدە قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولىدىغان غەيرىي پۇل مۈلۈكلىرىنى باﻫاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سالسىمۇ بولىدۇ. ئەزالار غەيرىي پۇل مۈلۈكلىرى ئارقىلىق مەبلەغ سالغاندا، ئۇنى بارلىق ئەزالىرى باﻫالاپ باﻫاغا سۇندۇرۇشى كېرەك. ئەزالارنىڭ ئەمگەك، ئىناۋەت، تەبىئىي ئادەم ئىسىم-فامىلىسى، سودا شان-شەرىپى، ئالاﻫىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ﻫوقۇقى ياكى كېپىللىككە بېرىلگەن مال-مۈلۈكنى باﻫاغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ سېلىشقا بولمايدۇ.
ئەزالار سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى خەلق پۇلى بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك، ئەزالار سالغان مەبلەغلەرنىڭ يىغىندىسى ئەزالار سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى بولىدۇ.
9- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئۆز ئەزالىرىنى ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىدۇ. كەسىپ دائىرىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى سېتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش، ساقلاش ﻫەمدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بولسا بولىدۇ.
دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسى كوپىراتىپ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.
10- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرىيەت مۇدىرى دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.
 
 
ئۈچىنچى باب: قۇرۇشنى تىزىملىتىش
 
 
11- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا بارلىق قۇرغۇچىلار كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ﻫاۋالە قىلغان ۋاكالەتچى تىزىملاش ئورگانلىرىغا تۆۋەندىكى ﻫۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
1) قۇرۇشنى تىزىملىتىش ئىلتىماسنامىسى؛
2) بارلىق قۇرغۇچىلار ئىمزا قويغان، تامغىسىنى باسقان قۇرۇش يىغىنىنىڭ مۇﻫىم خاتىرىسى؛
3) بارلىق قۇرغۇچىلار ئىمزا قويغان، تامغىسىنى باسقان قۇرۇش يىغىنىنىڭ مۇﻫىم خاتىرىسى؛
4) قانۇنىي ۋەكىل، مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ﻫۆججىتى ۋە سالاﻫىيەت ئىسپاتى؛
5) ئەزالارنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ياكى نامى، مەبلەغ سېلىش شەكلى، سالغان مەبلەغ سوممىسى ۋە ئەزالار سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى ئېنىق خاتىرىلەنگەن ﻫەمدە بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىمزا قويۇپ، تامغا بېسىپ ئېتىراپ قىلغان مەبلەغ سېلىش تالونى؛
6) ئەزالارنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ياكى نامى، پۇقرا كىملىك نومۇرى ياكى تىزىملاش كېنىشكىسى نومۇرى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى ئېنىق خاتىرلەنگەن ئەزالار ئىسىملىكى ﻫەمدە ئەزالارنىڭ سالاﻫىيەت ئىسپاتى؛
7) دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئۆز ئولتۇراق جايىغا قارىتا ئىشلىتىش ﻫوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئولتۇراق جاينى ئىشلىتىش ئىسپاتى؛
8) بارلىق قۇرغۇچىلار كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ﻫاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىنىڭ ئىسپاتى؛
دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزام ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى تەستىقلىتىش كېرەك بولغان تۈرلەر بولسا، مۇناسىۋەتلىك تەستىق ﻫۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇش كېرەك.
12- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نىزامىسىدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەزمۇنلار بولسا، تىزىملاش ئورگىنى دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ مۇناسىپ ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
13- ماددا ﻫەق تەلەپ دەۋا ئىقتىدارىغا ئىگە پۇقرالار ﻫەمدە دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن پايدىلىنالايدىغان، دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن كوپىراتىپقا كىرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەنلەر دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى بولسا بولىدۇ. لېكىن ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى بار ئورۇنلارنىڭ دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىغا كىرىشىگە بولمايدۇ.
14- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدا بەشتىن ئارتۇق ئەزا بولۇشى، ئۇنىڭ ئىچىدە دېﻬقانلار ئاز دېگەندە ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىشى كېرەك.
ئەزالار ئومۇمىي سانى 20 گە يەتمىگەن كوپىراتىپتا بىر كارخانا، كەسپىي ئورۇن ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزا بولسا بولىدۇ؛ ئەزالار ئومۇمىي سانى 20 دىن ئاشقان كوپىراتىپتا كارخانا، كەسپىي ئورۇن ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات ئەزا سانى ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %5 تىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
15- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى دېﻬقان بولسا، ئۇنىڭ ئەزالىق سالاﻫىيەت ئىسپاتى يېزا ئىگىلىك نوپۇس دەپتىرى بولىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك نوپۇس دەپتىرى يوق بولسا ئۇنىڭ ئەزالىق سالاﻫىيەت ئىسپاتى كىملىكى ۋە يەر ﻫۆددىگەرلىك ﻫوقۇقى كېنىشكىسى ياكى كەنت ئاﻫالىلەر كومىتېتى چىقىرىپ بەرگەن سالاﻫىيەت ئىسپاتى بولىدۇ.
دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى دېﻬقان بولمىسا، ئەزالىق سالاﻫىيىتى ئىسپاتى ئاﻫالىلەر كىملىكى بولىدۇ.
دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى كارخانا، كەسپىي ئورۇن ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلات بولسا ئۇنىڭ ئەزالىق سالاﻫىيىتى ئىسپاتى كارخانا قانۇنىي ئىگە تىجارەت كېنىشكىسى ياكى باشقا تىزىملاش كېنىشكىلىرى بولىدۇ.
16- ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرى تولۇق، قانۇنىي شەكىلگە ئۇيغۇن بولسا، تىزىملاش ئورگىنى نەق مەيداندا تىزىملاپ تىجارەت كېنىشكىسى بېرىدۇ.
ئالدىنقى بەلگىلىمىدىكى ئەﻫۋاللاردىن باشقىلارغا قارىتا، تىزىملاش ئورگىنى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈن ئىچىدە تىزىملاش-تىزىملىماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ. تىزىملانغانلارغا تىجارەت كېنىشكسى بېرىدۇ؛ تىزىملانمىغانلارغا يازما جاۋاب بېرىشى ﻫەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى لازىم.
تىجارەت كېنىشكىسى تەستىقلىنىپ بېرىلگەن كۈن دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قۇرۇلغان كۈن بولىدۇ.
17- ماددا تىجارەت كېنىشكىسى رەسمىي نۇسخىسى ۋە قوشۇمچە نۇسخىسى دەپ ئايرىلىدۇ. رەسمىي نۇسخىسى ۋە قوشۇمچە نۇسخىسى ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە.
تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئولتۇراق ئورنىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئورنىغا قويۇش كېرەك.
18- ماددا تىجارەت كېنىشكىسى يۈتۈپ كەتكەن ياكى بۇزۇلغان بولسا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم.
ﻫەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىنى ساختا ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىشىگە، ئىجارىگە، ئارىيەتكە بېرىشىگە، ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
19- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاش ﻫۆججەتلىرىنىڭ شەكلى، تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسى ۋە قوشۇمچە نۇسخىسىنىڭ شەكلىنى گوۋۇيۈەننىڭ سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىدۇ.
 
 
تۆتىنچى باب: تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش
 
 
20- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ نامى، ئولتۇراق ئورنى، ئەزالىرى سالغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى، كەسىپ دائىرىسى، قانۇنىي ۋەكىلىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىدە ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش قارارىنى چىقارغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىدىكى تىزىملىغان ئورگانغا ئۆزگىرىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى ﻫەمدە تۆۋەندىكى ﻫۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى لازىم:
1) قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان ئۆزگىرىشنى تىزىملاش ئىلتىماسنامىسى؛
2) ئەزالار يىغىنى ياكى ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارى؛
3) قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نىزامنامە ياكى نىزامنامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى؛
4) قانۇنىي ۋەكىل كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ﻫاۋالە قىلىنغان ۋاكالەتچىنىڭ ئىسپاتى؛
21- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسىنى ئۆزگەرتىشى قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملاردىكى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىدىكى تەستىقلىتىش زۆرۈر بولغان تۈرلەرگە چېتىشلىق بولسا، تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتىشنى تىزىملىشىنى ئىلتىماس قىلىشى ﻫەمدە ئالاقىدار تەستىق ﻫۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇشى لازىم.
دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كەسىپ دائىرىسىدە قانۇن، مەمۇرىي قانۇن-نىزاملار ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملاشتىن ئىلگىرى تەستىقلىتىش زۆرۈر بولغان تۈرلەر بولۇپ، تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش ياكى بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش لازىم.
1) ئىجازەتنامىسى ياكى باشقا تەستىق ﻫۆججەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بىكار قىلىنغان بولسا؛
2) ئىجازەتنامىسى ياكى باشقا تەستىق ﻫۆججەتلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشقان بولسا.
22- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرىدا ئۆزگىرىش بولسا، شۇ مالىيە يىلى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى ئەزالار تىزىملىكىنى تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئەزالار كوپىراتىپقا كىرگەن بولسا يەنە يېڭى ئەزانىڭ سالاﻫىيەت ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش كېرەك.
دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ئەزالىرىدا ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن دېﻬقان ئەزالارنىڭ نىسبىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن تۆۋەن بولسا، شۇ ئىش يۈز بېرىپ ئالتە ئاي ئىچىدە يېڭى دېﻬقان ئەزالارنى كوپىراتىپقا قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېﻬقان ئەزالارنىڭ نىسبىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزۈش كېرەك.
23- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نىزامنامىسى تىزىملاش ئىشلىرىغا چېتىلمىغان بولسا، ئۆزگەرتىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە قانۇنىي ۋەكىل ئىمزا قويغان، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى نىمزامنامە ياكى نىزامنامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىنى تىزىملاش ئورگىنىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللاش كېرەك.
24- ماددا تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش تىجارەت كېنىشكىسىنى ئۆزگەرتىشكە چېتىلسا، تىزىملاش ئورگانلىرى تىجارەت كېنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
25- ماددا ﻫېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسى قۇرغان دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ﻫېساباتنى ئېنىقلاشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ﻫېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ﻫاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئەسلىدىكى تىزىملىغان ئورگانغا بېرىپ، تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى ﻫەمدە تۆۋەندىكى ﻫۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك:
1) ﻫېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويغان تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماسى؛
2) دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇن بويىچە چىقارغان تارقىتىۋېتىش قارارى، دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ قانۇن بويىچە تىجارەت كېنىشكىسى بىكار قىلىنغانلىقى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ﻫۆججەت، خەلق سوت مەﻫكىمىسىنىڭ ۋەيران قىلىش كېسىمنامىسى، تارقىتىۋېتىش ﻫۆكۈمنامىسى؛
3) ئەزالار چوڭ يىغىنى، ئەزالار قۇرۇلتىيى ياكى سوت مەﻫكىمىسى ئېتىراپ قىلىپ بېكىتكەن ﻫېساباتنى ئېنىقلاش دوكلاتى؛
4) تىجارەت كېنىشكىسى؛
5) ﻫېساباتنى ئېنىقلاش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ﻫاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسىنىڭ ئىسپاتى؛
قوشۇۋېتىش، بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن تارقىتىۋېلگەن دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تارقىتىۋېتىش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلىدىكى تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى ﻫەمدە قانۇنىي ۋەكىلى ئىمزا قويغان تىزىمدىن ئۆچۈرۈش ئىلتىماسنامىسى، ئەزالار يىغىنى ياكى ئەزالار قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان تارقىتىۋېتىش قارارى ﻫەمدە قەرز ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ تۆلەش ياكى قەرز ئىشلىرىغا كېپىللىك قىلىش ئەﻫۋالى ﻫەققىدىكى چۈشەندۈرۈش، تىجارەت كېنىشكىسى ۋە قانۇنىي ۋەكىل كۆرسەتكەن ۋەكىل ياكى ﻫاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىنىڭ ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
تىزىملاش ئورگىنى تىزىمدىن ئۆچۈرگەندىن كېيىن، دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تىجارەتنى توختىتىدۇ.
 
 
بەشىنچى باب: قانۇنىي جاۋابكارلىق
 
 
26- ماددا ساختا ماتېرىيال تاپشۇرۇش ياكى باشقا ئالداش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشنى قولغا كەلتۈرگەنلەرگە قارىتا، تىزىملاش ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا قارىتا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تىزىملىنىشى بىكار قىلىنىدۇ.
27- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدا تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تىزىملاش ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا قارىتا تىجارەت كېنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ:
1) تىزىملاتقان ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆزگىرىشنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا؛
2) ئەزالاردا ئۆزگىرىش بولۇش تۈپەيلىدىن، دېﻬقان ئەزالارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن تۆۋەن بولغىلى تولۇق ئالتە ئاي بولغان بولسا؛
3) تىجارەت دائىرىسىدە بولمىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا؛
4) تىجارەت كېنىشكىسىنى ساختا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەن، ئىجارىگە، ئارىيەتكە بەرگەن، ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا؛
28- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىدا تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تىزىملاش ئورگىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛
1) تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئەزالار ئىسىملىكىنى قانۇن بويىچە تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا؛
2) تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نىزامنامىنى ياكى نىزامنامىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى قانۇن بويىچە تىزىملاش ئورگىنىغا يوللاپ ئەنگە ئالدۇرمىغان بولسا؛
29- ماددا شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەن دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا تىزىملاش ئورگىنى تىزىملىغان بولسا ياكى شەرتى ئۇيغۇن كەلگەن دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا تىزىملىمىغان بولسا، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان ئاساسىي مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
 
 
ئالتىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
 
 
30- ماددا دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپى تارماق ئاپپارات قۇرسا ﻫەمدە بۇ نىزامدىكى دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملاشقا دائىر بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تارماق ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدىكى تىزىملاش ئاپپاراتىغا تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ تارماق ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ﻫەرىكىتى بولسا، بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەر تەدبىقلىنىپ چارە كۆرۈلىدۇ.
31- ماددا تىزىملاش ئورگىنىنىڭ دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپىنى تىزىملىغاندا ﻫەق ئېلىشىغا بولمايدۇ.
32- ماددا بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قۇرۇلغان دېﻬقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى بۇ نىزام يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قانۇن بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.
33- ماددا بۇ نىزام 2007- يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.