guide
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1103 قىتىم
168 - نومۇرلۇق
2011 - يىل 22 - ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ 21 - يىغىنىدا <<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش چارىسى>> مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، بۇنى ئېلان قىلدىم. 2011 - يىل 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى: نۇربەكرى
 
2011 - يىل 30 - ئاپرېل
1 - ماددا بۇ چارە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، <جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ سۇ قانۇنى>> ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزامغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
2 - ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە (سۇ باشلاش تۈگۈنى)، سۇغىرىش (سۇ چىقىرىش) ئۆستىڭى، مۇداپىئە دامبىسى، موتورلۇق (ئېلېكتىرلەشكەن) قۇدۇق، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇغىرىش پونكىتى، سۇ بېرىش (چىقىرىش) تۇرۇبا يولى، كارىز، توسما كۆل، تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى، شۇنداقلا سۇچىلىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گېدرولوگىيەلىك مىقدار ﻫېسابلاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىﻬەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4 - ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمىتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە بولغان رەﻫبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەۋەلىكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە دائىر چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ﻫەل قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەر ۋە نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىلغار پەن - تېخنىكا، ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە قوللىنىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
5 - ماددا ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ﻫوقۇق دائىرىسى ئىچىدە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم.
تەرەققىيات ۋە ئىسلاﻫات، مالىيە، زېمىن بايلىقى، قاتناش - تىرانسپورت ۋە مۇﻫىت ئاسراش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
6 - ماددا ﻫەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى توسۇش، شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىشقا ﻫوقۇقلۇق.
7 - ماددا مالىيە مەبلىغى بىلەن ياكى مالىيە مەبلىغى ئاساسىدا قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ:
1) ئوبلاست، شەﻫەر (ۋىلايەت) ﻫالقىغان دەريا ئېقىنىدا قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايون قۇرغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون بېكىتكەن مۇﻫىم ئېقىنغا قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ﻫۆكۈمىتى ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەسىس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە باشقۇرىدۇ؛
2) ناﻫىيە (شەﻫەر) ﻫالقىغان دەريا ئېقىنىدا قۇرۇلغان مۇﻫىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئوبلاست، شەﻫەر (ۋىلايەت) قۇرغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئوبلاستلىق، شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەﻫكىمە) ياكى ئوبلاستلىق، شەﻫەرلىك (ۋىلايەتلىك) سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەسىس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە باشقۇرىدۇ؛
3) ناﻫىيە (شەﻫەر) تەۋەسىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ناﻫىيەلىك (شەﻫەرلىك) سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىتەسىس قىلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى باشقۇرىدۇ، سۇغىرىش رايونىنىڭ ئاخىرىدىكى ئېرىق ۋە يېزىلارنىڭ كىچىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى دېﻬقانلار سۇ ئىشلىتىش ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ.
باشقا مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سالغۇچى باشقۇرۇشقا ۋە قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ ﻫەم سۇنى بىر تۇتاش تەڭشەشكە بويسۇنىدۇ.
8 - ماددا مالىيە مەبلىغى بىلەن ياكى مالىيە مەبلىغى ئاساسىدا قۇرۇلىدىغان سۇچىلىق تۈرىنىڭ مۇمكىنلىك دوكلاتىنى تۈزۈش بىلەن بىللە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش لايىﻬەسىنى تۈزۈش لازىم. لايىﻬە - باشقۇرىدىغان ئورۇن ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، خىزمەت راسخوتىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىشلىتىلىشى، شۇنداقلا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوغداش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.
9 - ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى لازىم:
1) سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، قوغدىشى، رېمونت قىلىشى ۋە ئاسرىشى؛
2) تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكا ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛
3) سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بويىچە يىللىق تەڭشەش لايىﻬەسى تۈزۈشى ﻫەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛
4) جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىﻬەسى ۋە ئالاقىدار قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى ﻫەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛
5) قۇرۇلۇش باشقۇرۇش تېخنىكا قائىدىسى بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈشى؛
6) قانۇن - نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى لازىم.
10 - ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورنى تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار راسخوتنى تۈرگە ئايرىپ ئۈستىگە ئېلىشى لازىم:
1) كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، زەي چىقىرىش قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار (نوقۇل جامائەت پاراۋانلىقىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار) ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق راسخوتى، قۇرۇلۇش رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ؛
2) ﻫەم كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، زەي چىقىرىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە باشقۇرۇش، ئاسراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ﻫەم سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش قاتارلىق تىجارەتلىك فۇنكسىيەسى بولغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى (ئوخشىما جامائەت پاراۋانلىقىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن) ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ئاساسلىق خىراجىتىنى ۋە قۇرۇلۇش رېمونت قىلىش، ئاسراش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدۇ؛ تىجارەت ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئاساسلىق خىراجىتىنى ۋە قۇرۇلۇش رېمونت قىلىش، ئاسراش خىراجىتىنى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ؛
3) سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، ئاسراش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى (تىجارەتلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار)نىڭ يۈرۈشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش راسخوتىنى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار ئۈستىگە ئالىدۇ.
جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئوخشىما ئورۇن ۋە سۇچلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان تىجارەتلىك ئورۇننىڭ سۇ تەمىنلەش ﻫەققى، تىجارەت كىرىمى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئاساسلىق راسخوت مەنبەسى بولۇپ، ئۇنى ئۆزلىرى يىغىپ ئۆزلىرى چىقىم قىلىدۇ.
11 - ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، نۇقتىلىق سۇ ئامبىرى، دامبا قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكى، يۈرۈشۈشى ۋە باشقۇرۇلۇش ئەﻫۋالى قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى لازىم.
ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈندىلىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ساقلانغان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ﻫەم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلارنى تەدبىر قوللىنىپ خەۋپنى تۈگىتىشكە بۇيرۇشى لازىم.
12 - ماددا ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەدبىرنى قوللانسا بولىدۇ:
1) نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛
2) سۇ ساقلاش، سۇ باشقۇرۇشقا (تەقسىملەشكە) دائىر ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈش، نۇسخىلاش؛
3) سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلاردىن سۇ تەڭشەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىش؛
4) باشلانغان (تەقسىملەنگەن) سۇنى نەق مەيداندا كۆزىتىش؛
5) قانۇن - نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.
13 - ماددا ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋادا سۇ تەقسىمات لايىﻬەسى ۋە تەڭشەش پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ ﻫەم يۇقىرى بىر دەرىجىلىك سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا رويخەتكە ئالدۇرىدۇ.
سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار تەستىقلانغان ۋادا سۇ مىقدارىنى تەقسىملەش لايىﻬەسى ۋە تەڭشەش پىلانىغا ئاساسەن، يىللىق سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تەڭشەش خىزمەت لايىﻬەسىنى تۈزۈپ، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئىجرا قىلىشى لازىم.
14 - ماددا سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە (سۇ باشلاش تۈگۈنى) ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ سۇ تەڭشەش بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى لازىم. كەلكۈن مەزگىلىدە ۋە قۇرغاقچىلىق كۆرۈلگەن مەزگىلدە يەنە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەڭشەش بويرۇقىغا بويسۇنۇشى لازىم.
سۇ تەڭشەش - ساقلاش فۇنكسىيەسىگە ئىگە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەڭشەش خىزمىتىدە توك سۇغا بويسۇنۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تۇرمۇش، سۇغىرىش، شۇنداقلا سانائەتنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
سىرغىم شەكلىدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەڭشەش خىزمىتىدە دەريا بۆلىكىدىكى جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىشىنى تولۇق ئويلىشىشى لازىم.
15 - ماددا ئېغىر قۇرغاقچىلىق، چوڭ - چوڭ سۇ بۇلغىنىش ﻫادىسىلىرى، ئېكولوگىيەلىك جىددىي سۇ تەڭشەش قاتارلىق ئەﻫۋاللاردا، ئالاقىدار يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى سۇنى جىددىي تەڭشەش لايىﻬەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى لازىم. بۇنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، تەڭشەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ ﻫەم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇننىڭ ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا نۇقتىلىق سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگىنى بىۋاسىتە تەڭشىسە بولىدۇ.
جىددىي تەڭشەش مەزگىلىدە، تەڭشەلگەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتىغا سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش ۋە سۇ باشلاش (تەقسىملەش) ئەﻫۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى لازىم.
16 - ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرىدىغان ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋاقتىدا باﻫالىشى ﻫەم باﻫالاش دوكلاتىنى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى لازىم. دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغان سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باﻫالىشى، قىسمەن ياكى بارلىق ئىقتىدارىنى يوقاتقان سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى بىكار قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى؛ خەتەرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا قارىتا ۋاقتىدا خەتەرنى تۈگىتىش ۋە پۇختىلاش تەدبىرىنى قوللىنىشى لازىم.
17 - ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمىتى زېمىن بايلىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنى تەشكىللەپ، بۇ چارىنىڭ قوشۇمچىسىدىكى <<سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى>>گە ئاساسەن، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىشى لازىم.
ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن <<ئايرىش ئۆلچىمى>>نى تۈزىتىش ۋە تەڭشەش لايىﻬەسىنى ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى ۋە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ﻫەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ يولغا قويىدۇ.
18 - ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يەر ئىشلىتىش ﻫوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدۇ. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە زېمىن بايلىقى مەمۇرىي تارمىقىدىن كىنىشكا بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى، زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە يەر تىزىملاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولۇشى لازىم.
19 - ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىدىكى پاسىلغا مۇقىم بەلگىنى ئورنىتىشى، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېﻬتىماللىقى بولغان سۇ ئامبىرى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە چۈشۈرگە قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئېنىق بولغان ئاگاﻫلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئورنىتىشى لازىم. ﻫەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى ئىچىدىكى بەلگىنى خالىغانچە يۆتكىشىگە ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا بولمايدۇ.
20 - ماددا تۈرلۈك قۇرۇلۇشلاردىن كېڭەيتىشكە، ئۆزگەرتىشكە ۋە ئەسلىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى چېقىشقا توغرا كەلگەنلىرىدە سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش؛ كېڭەيتىشكە، ئۆزگەرتىشكە ۋە چېقىشقا كېتەرلىك خىراجەتنى، شۇنداقلا زىيان تولۇقلىما ﻫەققىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار قۇرۇلۇش ئېﻬتىياجى تۈپەيلىدىن يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش، زەي چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىپ، سۇغىرىش، زەي چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى كېرەكتىن چىقارغان ياكى قىسمەن ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىگىلەپ ئىشلەتكەن ئورۇن ئۈنۈمى ئوخشاش بولغان قۇرۇلۇشنى قىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولۇشى ياكى تۆلەم بېرىشى لازىم.
21 - ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە تۆۋەندىكى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ:
1) ئۆز مەيلىچە ئۆي سېلىش، ئېرىق چېپىش، قۇدۇق كولاش، سۇ پومپىسى جازىسىنى قۇرۇش، ئورەك كولاش، پارتلىتىش، بۇرغىلاش، ئارخېئولوگىيەلىك كولاش، تاش كولاش، قۇم - توپا ئېلىش، قەبرە سېلىش ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىش؛
2) ئۆستەڭ ياكى سۇ ئامبىرى ئىچىدە ماي تۈرىدىكىلەرنى ۋە زەﻫەرلىك بۇلغىما قاچىلانغان ئىدىش ۋە تىرانسپورت قوراللىرىنى يۇيۇش؛
3) بۇلغىما ۋە تاشلاندۇقلارنى دۆۋىلەپ قويۇش، تۆكۈش ۋە قويۇپ بېرىش؛
4) سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.
سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى قوغداش دائىرىسى ئىچىدە پارتلىتىش، قۇدۇق قېزىش، قۇم - شېغىل ۋە توپا ئېلىش قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېﻬتىماللىقى بولغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.
22 - ماددا سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى دامبا ئۈستى، دامبا يولى، توغان ئاتكوسىدىكى يول، چۈشۈرگە كۆۋرۈكى، ئۆستەڭ قىرغىقى ۋە مۇداپىئە دامبىسى ئۈستىگە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنغان بەلگە ئورنىتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئاسراش - رېمونت قىلىش ئاپتوموبىللىرىدىن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىنى مەنئى قىلىشى لازىم.
دامبا، دامبا يولى، توغان ئاتكوسىدىكى يول، چۈشۈرگە كۆۋرۈكى، ئۆستەڭ قىرغىقى، مۇداپىئە دامبىسىنى قوشۇمچە تاشيول قىلىشقا توغرا كەلسە، شۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ﻫەم شۇ دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش لازىم. تاشيولدا ئاپتوموبىل قاتنىغاندىن كېيىن، تاشيول باشقۇرۇش ئورنى يول يۈزى (يول ياقىسى)نى باشقۇرۇش، قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ. سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئەﻫۋالىغا ئاساسەن، ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. ياخشى رېمونت قىلىنماسلىق سەۋەبىدىن سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتسە، سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئاپتوموبىل قاتنىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، تاشيول باشقۇرۇش ئورنى رېمونت قىلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپىنى تۈگىتىشى لازىم.
23 - ماددا سۇ ئامبىرى، چۈشۈرگە (سۇ باشلاش تۈگۈنى) ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن بۇ چارىنىڭ 14 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇ مىقدارىنى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىغانلارنى ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا مەجبۇرىي تەڭشەش تەدبىرى قوللىنىدۇ ﻫەم قوشۇپ 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
24 - ماددا بۇ چارىنىڭ 19 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى بەلگىسىنى خالىغانچە يۆتكىگەن ۋە بۇزۇۋەتكەنلەرنى ناﻫىيە (شەﻫەر) دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئەسلىدىكى ﻫالىتىگە كەلتۈرۈشنى بۇيرۇيدۇ ﻫەم ئۇلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
25 - ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بۇ چارىنىڭ 22 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دامبا، دامبا يولى، توغان ئاتكوسىدىكى يول، چۈشۈرگە كۆۋرۈكى، ئۆستەڭ قىرى ۋە مۇداپىئە دامبىسىدا خالىغانچە يۈرگەنلەرنى ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ﻫەم ئۇلارغا 100 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
26 - ماددا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ چارىنىڭ 9 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى شۇ ئورۇننى تەسىس قىلغان ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارىغا چارە كۆرىدۇ.
27 - ماددا ناﻫىيە (شەﻫەر)دىن يۇقىرى سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ۋادا باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىپەرۋالىق، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلار ۋە خىزمەت ﻫوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغانلارغا مەسئۇل تارماق ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ.
28 - ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىشقا تېگىشلىكلىرى ئالاقىدار قانۇن - نىزام، بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
29 - ماددا بۇ چارە 2011 - يىل 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
قوشۇمچىسى:
سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى
.1 سۇ ئامبىرىنىڭ باشقۇرۇش ۋە قوغداش دائىرىسى
1) تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرى: يۇقىرى ئېقىننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئۆلچەپ بېكىتىلگەن تۇراقلىق سۇ ئورنى سىزىقىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ، چوڭىنىڭ 100 مېتىردىن 150 مېتىرغىچە، ئوتتۇراﻫالىنىڭ 80 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ ئون مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ؛ تۆۋەنكى ئېقىننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى دامبا تۈۋى سىزىقىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ: چوڭىنىڭ 800 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە، ئوتتۇراﻫالىنىڭ 600 مېتىردىن 800 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ 50 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە بولىدۇ؛ ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى دامبا يەلكىسى ياكى دامبا ئارقىسىنىڭ يانتۇلۇق باغرىدىن باشلاپ سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ: چوڭىنىڭ 300 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە، ئوتتۇراﻫالىنىڭ 200 مېتىردىن 300 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ 50 مېتىردىن 300 مېتىرغىچە بولىدۇ. قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ: چوڭىنىڭ 500 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە، ئوتتۇراﻫالىنىڭ 200 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە، كىچىكىنىڭ 50 مېتىردىن 200 مېتىرغىچە بولىدۇ.
2) تاغلىق رايون سۇ ئامبىرى: يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىننىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسىدە تۈزلەڭلىك سۇ ئامبىرىنىڭ ئۆلچىمى قوللىنىلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى بىرىنچى تەبىئىي سۇ بۆلگۈچ چوققا ئىچىدىكى رايون بولۇپ، قوغداش دائىرىسى بىرىنچى تەبىئىي سۇ بۆلگۈچ چوققىدىن سىرتقا قاراپ 50 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بولغان دائىرىنى كۆرسىتىدۇ. نۇقتىلىق سۇ ئامبىرىدا دائىرىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشكە ياكى 1 - دەرىجىلىك ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.
3) سۇ ئامبىرىدا كەلكۈن سۈيىنى قويۇۋېتىش، سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇمچە ئەسلىﻬە، شۇنداقلا سۇ يەتكۈزۈش بەلبېغى (تۇرۇبا) يولىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ئۇلارنىڭ ئاساسىي پاسىلىدىن باشلاپ سىرتقا قاراپ 100 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بېكىتىلىدۇ، قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ 100 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بولغان دائىرىدە بېكىتىلىدۇ. خەتەردىن قۇتقۇزۇشتا توپا ئېلىنىدىغان يەر، رېمونت مەيدانى ۋە سۇ ئامبىرى مەخسۇس يولى ئەمەلىي ئىگىلىگەن يەرگە قاراپ باشقۇرۇش دائىرىسى بېكىتىلىدۇ ياكى ئون مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىق قوغداش دائىرىسى قىلىپ بېكىتىلسە بولىدۇ.
4) توسما كۆلنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسى تۈزلەڭلىكتىكى كىچىك سۇ ئامبىرى ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ.
2. سۇ باشلاش تۈگۈنىنى باشقۇرۇش دائىرىسى توغان (كەلكۈن چۈشۈرگىسى)، سۇ كىرىش ئېغىزى، شېغىل ئېقىتىش چۈشۈرگىسى، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقتىكى قۇرۇلۇشنى قوغداش دامبىسى، باشقۇرۇش ئۆيى، رېمونت قىلىدىغان - قوغدايدىغان مەيدان قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى 100 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە بولغان دائىرە ئىچىدىكى كۆلەمنى كۆرسىتىدۇ، باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ 50 مېتىردىن 200 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىق قوغداش دائىرىسى قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
3. ئۆستەڭنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسى لايىﻬەدىكى ئېقىن مىقدارى ۋە ئۆستەڭ كۆلىمىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. باشقۇرۇش دائىرىسى، ئۆستەڭ قېزىلغان تەرەپنىڭ لىنىيەسىدىن باشلاپ ﻫېسابلىنىدۇ، تولدۇرۇلغان تەرەپنىڭ ئۆستەڭ دامبىسى سىرتى يانتۇلۇق باغرى سىزىقىدىن باشلاپ ﻫەم تاغقا يانداش ئېرىق قېزىلغان لىنىيەدىن باشلاپ ﻫېسابلىنىدۇ؛ قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
1) ئۆستەڭنىڭ لايىﻬەدىكى ئېقىن مىقدارى S/10m3تىن تۆۋەن بولغاندا، باشۇرۇش دائىرىسى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە بولىدۇ، قوغداش دائىرىسى ئىككى مېتىردىن ئون مېتىرغىچە بولىدۇ.
2) ئۆستەڭنىڭ لايىﻬەدىكى ئېقىن مىقدارى S/10m3 تىن S/50m3كىچە بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى ئون مېتىردىن 20 مېتىرغىچە، قوغداش دائىرىسى ئون مېتىردىن 20 مېتىرغىچە بولىدۇ.
3) ئۆستەڭنىڭ لايىﻬەدىكى ئېقىن مىقدارى S/50m3تىن يۇقىرى بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى 20 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ، قوغداش دائىرىسى 20 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ.
4. دەريا يولى (جىلغا يولى) نىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارىغا قاراپ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسى ئايرىلىدۇ، باشقۇرۇش دائىرىسى ئىككى قىرغاق دامبا مۇداپىئەسىنىڭ سىرتقى يان باغرى سىزىقىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ قوغداش دائىرىسى باشقۇرۇش دائىرىسىدىن سىرتقا قاراپ بېكىتىلىدۇ.
1) يىللىق ئېقىن مىقدارى m3 1x108دىن يۇقىرى بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى 20 مېتىردىن 50 مېتىرغىچە بولىدۇ، قوغداش دائىرىسى 50 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە بولىدۇ.
2) يىللىق ئېقىن مىقدارى m3 1x108دىن تۆۋەن بولغاندا، باشقۇرۇش دائىرىسى 15 مېتىردىن 30 مېتىرغىچە، قوغداش دائىرىسى 30 مېتىردىن 60 مېتىرغىچە بولىدۇ.
باشقا سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسى ۋە قوغداش دائىرىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن زېمىن بايلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.