guide
يېزىلاردا كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرگە جامائەت ئىجارە ئۆيى سېلىش چەكلىنىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
812 قىتىم
 زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2011 – يىللىق مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ئۆي سېلىشقا پىلانلانغان يەر كۆلىمى 218 مىڭ گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدا تەمىنلەنگەن ئەمەلىي يەر كۆلىمىنىڭ ئىككى ﻫەسسىسىگە باراۋەر. بۇنىڭ %.6 78ىنى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى تاۋار ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش پىلانلانغان.
    زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››تا، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرگە جامائەت ئىجارە ئۆيى سېلىشنى قاتتىق چەكلەپ، ‹‹كىچىك مۈلۈك ﻫوقۇقى ئۆيى›› سېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يەرلەرنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش تەرتىپىنى قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
    ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ﻫەر دەرىجىلىك زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەرنى ياخشى قوغداپ، ۋاقتىدا تەمىنلەش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇكەممەل كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ‹‹يېشىل كارىدورى››نى قۇرۇشى كېرەك.
    شۇنىڭ بىلەن بىللە، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ئۆلچىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، چەكلىك يەر بايلىقى بىلەن تۇرالغۇ ئۆي تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش كېرەك. ﻫۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشلۈك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى كۆلىمىنى 60 كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، 40 كىۋادرات مېتىرنى ئاساس قىلىش كېرەك.
    ‹‹ئۇقتۇرۇش›› تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سېلىنىپ ۋە سېتىلىپ بولغان ‹‹كىچىك مۈلۈك ﻫوقۇقى ئۆيى›› گە ئىشلىتىلگەن يەرلەرنى رويخەتكە ئالماسلىق، ﻫەرقانداق ئۇسۇلدا يەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىپ بەرمەسلىك كېرەك. يېزىلاردا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرگە قانۇنسىز ‹‹كىچىك مۈلۈك ﻫوقۇقى ئۆيى›› سالغانلىقى ئېنىقلانغان ﻫامان، ئۆي قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ، قانۇن – تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
    كارخانىلارنىڭ ئۆز يېرىگە كاپالەتلىك تۇرالغۇ سېلىش قىلمىشىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. شەﻫەردىن يىراق ئولتۇرىدىغان، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئىشچىلىرى كۆپ مۇستەقىل كان – كارخانىلار خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ﻫەل قىلىش ئۈچۈن، شەﻫەر پىلانلاشقا ماس كېلىش پىرىنسىپىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، ئۆز يېرىدە كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قىلغان بولسا، زېمىن بايلىقى تارماقلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇش شەﻫەر، ناﻫىيەلەردىكى تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلسە بولىدۇ.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى