guide
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى 2-باپ ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
695 قىتىم
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
12-ماددا گوۋۇيۈننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى ﻫايۋانات يۇقۇمى خەۋپ – خەتىرىنى باﻫالايدۇ ، باﻫالاش نەتىجىسىگە قاراپ ، ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزىدۇ .
    گوۋۇيۈننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ﻫايۋانات يۇقۇمىغا ، باقمچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئېﻬتىياجىغا قاراپ، ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكا قائىدىسىنى ۋاقتىدا تۈزىدۇ ﻫەمدە ئېلان قىلىدۇ . 13-ماددا دۆلەت باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ﻫايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلايدۇ . گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تامرىقى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىنىدىغان ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ تۈرى ۋە رايونىنى بېكىتىدۇ ﻫەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇمى بويىچە مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىنى تۈزىدۇ .
 ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇمى مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلاش پىلانىغا ئاساسەن ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەجبۇرىي ئىممۇنېتىتلاش پىلانىنى تۈزىدۇ ﻫەمدە شۇ مەمۇرىي رايوندا ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش ئەﻫۋالىغا قاراپ ، مەجبۇرىي ئىممۇنىتېتلىنىدىغان ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ تۈرى ۋە رايونىنى كۆپەيتىپ ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا ﻫەمدە گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ .