guide
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى 1-باپ ئومۇمىي پرىنسىپ ـــ3
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
795 قىتىم
 7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇلۇق مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ .
   ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ .
ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا تارماقلىرى ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلەيدۇ .
   ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ﻫايۋانات ساقلىقىنى نازارەت قىلىدىغان فۇنكىسىيىلىك تارمىقى ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدا مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ﻫايۋانات ۋە ئارمىيە قوراللىق ساقچى قىسىم ئۆزى بېقىپ ئىشلىتىدىغان ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ .
   8-ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى قۇرغان ﻫايۋانات ساقلىقى نازارەتچىلىك ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ، ﻫايۋانات ۋە ﻫايۋانات مەﻫسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتى ۋە ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشقا دائىر باشقا خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ .
   9-ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ، بىر تۇتاش پىلانلاش ، مۇۋاپىق بىنائەن ، ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى قۇرىدۇ . ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئاپپاراتى قۇرىدۇ . بۇ ئاپپارات ﻫايۋانات يۇقۇمىنى كۆزىتىش ، تەكشۈرۈش ، يۇقۇمنى مەلۇم قىلىش خىزمىتى شۇنىڭدەك ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەشكە ئوخشاش باشقا تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى