guide
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى ـــ1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ(2)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
680 قىتىم
   4-ماددا باشقۇرۇلىدىغانلىقى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ﻫايۋانات يۇقۇمى باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كىشلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە قاراپ تۆۋەندىكى ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ :
    (1)1-خىل يۇقۇم ئادەم ۋە ﻫايۋاناتقا ئېغىر خەۋپى بولغانلىقتىن ، جىددىي ، كەسكىن ﻫالدا مەجبۇرىي ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش ، يوقىتىش تەدبىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدىغانلىىرنى كۆرسىتىدۇ ؛
   (2)2-خىل يۇقۇم زور ئىقتىسادىي زىيان سېلىش ئېﻬتىمالى بولغانلىقتىن ، قاتتىق تىزگىنلەش – يوقىتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ ، تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىغانلىرىنى كۆرستىدۇ ؛
    (3)3-خىل يۇقۇم دائىم ئۇچرايدىغان ،كۆپ قوزغىلىدىغان ، زور ئىقتىسادىي زىيان سېلىش ئېﻬتىمالى بولغانلىقتىن ، تىزگىنلەش ۋە تازىلاشقا توغرا كېلىدىغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ .
   ئالدىنقى تارماقتىكى 1-،2-،3-خىل ﻫايۋانات يۇقۇمىغا ياتىدىغان كونكرېت كېسەل نامى تىزىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ مال دوختۇرلۇق مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ﻫەمدە ئېلان قىلىدۇ .
   5-ماددا دۆلەت ﻫايۋانات يۇقۇمىد ا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ .
   6-مادا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمىتى ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەﻫبەرلىكىنى كۈچەيتىش ، ئاساسىي قاتلام ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ، ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ﻫەمدە يولغا قويۇشى كېرەك .
   يېزا دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ، شەﻫەردىكى كوچا باشقارمىلىرى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئاممىنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى