guide
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى ـــ1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ (1)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
684 قىتىم
1-ماددا بۇ قانۇن ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش ، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، جىسمانىي ساغلاملىق ، جامائەت ساغلاملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى .
   2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقىلىنىدۇ .
چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان – چىقىرىلىدىغان ﻫايۋانات ۋە ﻫايۋانات مەﻫسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشتا ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ چېگىرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان - چىقىرىلىدىغان ﻫايۋانات – ئۆسۈملۈك كارانتىن قانۇنى » تەتبىقلىنىدۇ .
   3-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ﻫايۋانات ئۆي ﻫايۋانلىرى ، ئۆي قۇشلىرىنى ۋە قولدا بېقىلغان ، قانۇنلۇق تۇتۇلغان باشقا ﻫايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ .
   بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ﻫايۋانات مەﻫسۇلاتلىرى ﻫايۋاناتنىڭ گۆشى ، تېرىسى ، يۇڭى ، تىۋىتى ، ئىچكى ئەزاسى ، يېغى ، قېنى ، ئىسپىرمىسى ، تۇخۇمى ، تۆرەلمىسى ، ئۇستىخىنى ، تۇيىقى ، بېشى ، مۈڭگۈزى ، سىڭىرى شۇنىڭدەك ﻫايۋانات يۇقۇمى تارقىتىش ئېﻬتىمالى بولغان ، سۈت ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ .
   بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ﻫايۋانات يۇقۇمى ﻫايۋاناتتا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلنى ، پارازىت قۇرت كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ .
    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش ، ﻫايۋانات ۋە ﻫايۋانات مەﻫسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى