guide
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگرى سۈرۈش قانۇنى ـــــ 8-باپ قانۇن جاۋابكارلىقى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
585 قىتىم
66-ماددا كەسپىي ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى قاتارلىق كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ﻫەمدە ئالاقىدار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ .
   كەسپىي ۋاستىچىلىك ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگلىمىلەرگەخىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچىلەردىن زالوك ئالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە ئەمگەكچىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ﻫەمدە ﻫەربىر كىشى ئۈچۈن 500 يۈەندىن يۇقىرى ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن ئۆلچەمدە جەرىمانەقويىدۇ .
   67- ماددا كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئاجرىتىشقا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتىنى ئىشلىتىۋالغانلىرىنى ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ﻫەمدە قانۇن بويىچە جازالايدۇ .
   68-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ﻫوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن ، مال-مۈلكىگە زىيان سالغان ياكى باشقا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە ﻫەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ .
 
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى