guide
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 7-باپ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
603 قىتىم
  7-باپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
   58-ماددا ﻫەردەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك . ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىكى تەلەپكە بىنائەن ، قارىمىقىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە بىر دەرىجە تۆەن خەلق ﻫۆكۈمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ .
   59-ماددا ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە مالىيە تارماقلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئەﻫۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك .
   60-ماددا ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى ئەﻫۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ ، پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ، مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ ئىشلار ﻫەققىدىكى مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىشى ﻫەمدە ۋاقتىدا ئېنىقلاپ بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى