جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 757 قىتىم
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(14 – نومۇرلۇق)
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى›› 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ
2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
2 – باب مۇرەسسە قىلىش
3 – باب كېسىم قىلىش
1 – پاراگراف كېسىم كومىتېتى ۋە كېسىمچىلەر
2 – پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش
3 – پاراگراف كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى
4 – پاراگراف كېڭەش ئېچىش ۋە قارار چىقىرىش
4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ئادىل، ۋاقتىدا ﻫەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ﻫوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى:
(1) يېزىلاردىكى يەر ﻫۆددىگەرلىك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاياغلاشتۇرۇشتا تۇغۇلغان ماجىرالار:
(2) يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ﻫوقۇقىنى باشقىلارغا ﻫۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈش، پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق ئوبوروت ئىشلىرىدا تۇغۇلغان ماجىرالار؛
(3) ﻫۆددە يەرنى يىغىۋېلىش، تەڭشەشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛
(4) يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ﻫوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛
(5) يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ﻫوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن تۇغۇلغان ماجىرالار؛
(6) يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا ماجىرالاردىن قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەنلىرى.
كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىشتە تۇغۇلغان ماجىرالار يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ياكى دەۋالىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن ﻫەل قىلىنسا بولىدۇ.
3 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشتا تۇغۇلغان ماجىرالاردا ئالاقىدارلار ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالسىمۇ، كەنت ئاﻫالە كومىتېتى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ﻫۆكۈمىتى قاتارلىقلاردىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
4 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېلىشىۋالالمىغانلىرى، مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقىرالمىغانلىرى ياكى كېلىشىۋېلىش، مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىغانلىرى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، خەلق سوت مەﻫكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
5 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىشتا ئاشكارا، لىللا، ئادىل، ئاﻫالىگە قۇلايلىق، ئۈنۈملۈك ئىش قىلىش، پاكىتقا ئاساسلىنىش، قانۇنغا ئەمەل قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ﻫۆرمەت قىلىش كېرەك.
6 – ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزىلاردىكى يەر ﻫۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار مۇناسىۋەتلىك مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە يېزىلاردىكى يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلىشىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە قوللىشى كېرەك.
2 – باب مۇرەسسە قىلىش
7 – ماددا كەنت ئاﻫالە كومىتېتلىرى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدارلارنىڭ ماجىرالارنى كېلىشىم ﻫاسىل قىلىش يولى بىلەن ﻫەل قىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
8 – ماددا ئالاقىدارلاردىن يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى يازما ئىلتىماس قىلسىمۇ، ئاغزاكى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. ئاغزاكى ئىلتىماس قىلغاندا، كەنت ئاﻫالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ﻫۆكۈمىتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەﻫۋالىنى، مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ماجىرانى، ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە ۋاقتىنى شۇ مەيداندا خاتىرىلەپ قويىدۇ.
9 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە قىلىشتا، كەنت ئاﻫالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ﻫۆكۈمىتى ئالاقىدارلارنىڭ بايان قىلغان پاكىت ۋە ئاساسىغا تولۇق قۇلاق سېلىپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كېلىشىم ﻫاسىل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
10 – ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ﻫاسىل قىلىنغاندا، كەنت ئاﻫالە كومىتېتى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ﻫۆكۈمىتى مۇرەسسە كېلىشىمنامىسى تەييارلىشى كېرەك. مۇرەسسە كېلىشىمنامىسىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئىمزا قويۇپ، تامغىسى ياكى بارمىقىنى بېسىپ، مۇرەسسە خادىملىرى ئىمزا قويغان ﻫەمدە مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ تامغىسى بېسىلغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
11 – ماددا كېسىم كېڭىشى يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. مۇرەسسەدە كېلىشىم ﻫاسىل قىلىنغاندا، مۇرەسسە كېڭىشى مۇرەسسەنامە تەييارلىشى كېرەك؛ مۇرەسسەدىن نەتىجە چىقمىغاندا، ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.
مۇرەسسەنامىگە كېسىم تەلىپىنى ۋە ئالاقىدارلارنىڭ كېلىشىمىنىڭ نەتىجىسىنى يېزىش كېرەك. مۇرەسسەنامە كېسىمچىلەرنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، يېزىلاردىكى يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
مۇرەسسەنامە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تاپشۇرۇۋېلىپ ئىمزا قويغان ﻫامان قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. مۇرەسسەنامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىمزا قويغۇچە ئالاقىدارلار يېنىۋالسا، كېسىم كېڭىشى ۋاقتىدا قارار چىقىرىشى كېرەك.

12 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ﻫەل قىلىش ئەمەلىي ئېﻬتىياجىغا قاراپ قۇرۇلىدۇ. يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كومىتېتى ناﻫىيىلەردە ۋە رايونسىز شەﻫەرلەردە قۇرۇلسىمۇ، رايون بار شەﻫەرلەردە ياكى شەﻫەرگە قاراشلىق رايونلاردا قۇرۇلسىمۇ بولىدۇ.
يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلىدۇ. يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىنى شۇ جايدىكى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارماق ئىشلەيدۇ.
13 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىرى كېسىم كومىتېتى شۇ جايدىكى خەلق ﻫۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ۋەكىلى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى، دېﻬقانلار ۋەكىلىنىڭ ۋە قانۇن ساﻫەسى، ئىقتىسادىي ساﻫە قاتارلىق ساﻫەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتۈشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دېﻬقانلار ۋەكىلى ۋە قانۇن، ئىقتىساد ساﻫەسى قاتارلىق ساﻫەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ يېرىمىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ.
يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا بىر مۇدىر، بىردىدىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋە بىر نەچچە ئەزا قويۇلىدۇ. مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىر ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنىڭ ﻫەممىسى قاتناشقان سايلامدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
14 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىدۇ:
(1) كېسىمچىلەرنى تەكلىپ قىلىش، قالدۇرۇۋېتىش؛
(2) كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش؛
(3) كېسىم پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش.
يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى نىزامنامىسىنى مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن چىقىرىشى، تەركىبىدىكىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئۇسۇلى ۋە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، ئىش قائىدىسى قاتارلىقلارنى بەلگىلىشى كېرەك.
15 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىمچىلىككە ئادىل، دۇرۇس كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك.
كېسىمچىلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:
(1) يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقان بولۇش؛
(2) قانۇن خىزمىتى ياكى خەلق مۇرەسسە خىزمىتى ئىشلىگىنىگە بەش يىل توشقان بولۇش؛
(3) شۇ جايدا خېلى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە ئاﻫالە ﻫەمدە يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكىگە دائىر قانۇنلار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى پىششىق بىلىدىغان ئاﻫالە بولۇش.
16 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىمچىلەرنى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكىگە دائىر قانۇنلار ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرى جەﻫەتتە يېتىشتۈرۈشى كېرەك.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكىنى باشقۇرغۇچى تارمىقى كېسىمچىلەرنى يېتىشتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلاتچىلىق ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
17 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكىلەر، كېسىمچىلەر مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسىگە ۋە كېسىم قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، پارا تەلەپ قىلىشقا، پارا ئېلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ﻫوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
كېسىمچىلەردىن پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، قانۇننى بۇزۇپ قارار چىقىرىش ۋە ئالاقىدارلارنىڭ زىياپىتىنى يېيىش، سوۋغىتىنى ئېلىش قاتارلىق قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلىرىنى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، كېسىمچىلەرنىڭ قانۇن–ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز–شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ﻫەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

18 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى سۈرۈكى ئىككى يىل بولىدۇ، ئۇ ئالاقىدارلار ﻫوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ﻫېسابلىنىدۇ.
19 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىراسى كېسىمىدە ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئالاقىدارلار ﻫېسابلىنىدۇ. ئائىلە بويىچە ﻫۆددە ئالغانلىرىدا، كېسىم قىلىشقا دېﻬقانلار ئائىلىسىنىڭ ۋەكىلى قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولغانلىرىدا، كېسىم قىلىشقا قاتنىشىدىغان ۋەكىل كۆرسىتىلسە بولىدۇ.
دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار كېسىم قىلىشقا 3 – كىشى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى كېسىم قىلىشقا قاتنىشىشنى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار ۋە 3 – كىشى كېسىم قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىسىگە ﻫاۋالە قىلسا بولىدۇ.
20 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدا كېسىم قىلىش ﻫەققىدىكى ئىلتىماس تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ماجىرا بىلەن بىۋاسىتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇش؛
(2) ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئېنىق بولۇش؛
(3) كونكرېت كېسىم تەلىپى ۋە پاكىتى، ئاساسى بولۇش؛
(4) يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە بولۇش.
21 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ماجىرا پەيدا قىلغان يەر بار جايدىكى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا كېسىم ئىلتىماسىنى سۇنۇشى كېرەك. كېسىم ئىلتىماسى پوچتىغا سېلىنسا ياكى باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىشىگە ﻫاۋالە قىلىنسا بولىدۇ. كېسىم ئىلتىماسىغا كېسىم قىلغۇچى بىلەن كېسىم قىلىنغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەﻫۋالى، كېسىم تەلىپى ۋە ئاساسلىنىدىغان پاكىتى ئاساسى يېزىلىشى ﻫەمدە شۇنىڭغا ئائىت دەلىل – ئىسپاتلار بېرىلىشى ۋە دەلىل–ئىسپاتلارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى كېرەك. يازما ئىلتىماس قىلىشتا قىينىلىدىغانلار ئاغزاكى ئىلتىماس قىلغاندا، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى خاتىرىلەپ قويسا، ئىلتىماس قىلغۇچى خاتىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىمزا قويسا، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىپ بەرسە بولىدۇ.
22 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 20 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قارىغانلىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ قوبۇل قىلىپ بولغانلىرىدا كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرىدۇ:
(1) ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛
(2) خەلق سوت مەﻫكىمىسى شۇ ماجىرانى قوبۇل قىلغان بولسا؛
(3) قانۇندا شۇ ماجىرانى باشقا ئاپپاراتنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسا؛
(4) شۇ ماجىرادا كۈچكە ئىگە ﻫۆكۈم، كېسىم، كېسىم قارارى، مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى قاتارلىقلار چىقىرىلىپ بولغان بولسا.
جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى
2009– يىل12– ئاينىڭ3– كۈنى11:35شىنجاڭ گېزىتى
23 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغاندا، كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كېسىم قائىدىسى ۋە كېسىمچىلەر ئىسىملىكىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ قوبۇل قىلماسلىقنى ياكى كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان بولسا، كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن ياكى كېسىم تەرتىپىنى ئاياغلاشتۇرىدىغان ئەﻫۋالنى سەزگەن كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ﻫەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
24 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، كېسىم قائىدىسى ۋە كېسىمچىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
25 – ماددا ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېسىم ئىلتىماسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىغا جاۋابنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ يازما جاۋاب بېرىشتە قىينىلىدىغانلار ئاغزاكى جاۋاب بەرگەندە يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى خاتىرىلەپ قويسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچى خاتىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىمزا قويسا، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىپ بەرسە بولىدۇ. يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى جاۋابنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش ئىش كۈنىدە جاۋابنامىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلىنغۇچى جاۋاب بەرمىسە، كېسىم تەرتىپى ئۇنىڭغا قارىماي داۋاملاشتۇرۇلۇۋېرىلىدۇ.
26 – ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپنىڭ ﻫەرىكىتى سەۋەبى بىلەن ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن، قارارنى ئىجرا قىلالماسلىق ياكى ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش ئېﻬتىمالى كۆرۈلگەندە، مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار مال – مۈلۈكنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىدىكى ياكى مال–مۈلۈك بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەﻫكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
خاتا ئىلتىماس قىلىپ قويغان بولسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ مال – مۈلكى ئامان ساقلاش تۈپەيلىدىن ئۇچرىغان زىيىنىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلەپ بېرىشى كېرەك.

27 – ماددا كېسىم كېڭىشى ئۈچ نەپەر كېسىمچىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، باش كېسىمچىنى ئالاقىدارلار بىرلىكتە تاللايدۇ، باشقا ئىككى كېسىمچىنى ئالاقىدارلار ئۆز ئالدىغا تاللايدۇ؛ ئالاقىدارلار تاللىيالمىسا، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بېكىتىپ بېرىدۇ.
يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىدىن پاكىتى ئېنىق، ﻫوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭ بولغان، تالاش – تارتىش ئېغىر بولمىغانلىرىنى ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بىر كېسىمچى كېسىم قىلسا بولىدۇ. كېسىمچىنى ئالاقىدارلار بىرلىكتە تاللايدۇ ياكى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بېكىتىپ بېرىدۇ.
يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كېسىم كېڭىشى ئۇيۇشتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئىش كۈنىدە كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇش ئەﻫۋالىنى ئالاقىدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
28 – ماددا كېسىمچىلەردىن تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى شەرت، ئالاقىدارلارمۇ ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىلتىماس قىلىشقا ﻫوقۇقلۇق:
(1) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار بولسا ياكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى بولسا؛
(2) شۇ دېلو بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛
(3) شۇ دېلودىكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئادىل كېسىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېﻬتىمالى بولسا؛
(4) ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەر بىلەن ئاستىرتىن كۆرۈشكەن ياكى ئالاقىدارلار، ۋاكالەتچىلەرنىڭ زىياپىتىنى يېگەن، سوۋغىتىنى ئالغان بولسا.
ئالاقىدارلاردىن چەتلىتىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى ئاساسىنى چۈشەندۈرۈپ، تۇنجى قېتىملىق كېڭەشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. چەتلىتىش سەۋەبىنى تۇنجى قېتىم كېڭەشكەندىن كېيىن بىلگەنلەر ئاخىرقى بىر قېتىملىق كېڭەش ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
29 – ماددا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى چەتلىتىش ئىلتىماسى ﻫەققىدە ۋاقتىدا قارار چىقىرىپ، ئالاقىدارلارغا ئاغزاكى ياكى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى ﻫەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.
كېسىمچىلەرنىڭ چەتلەپ تۇرۇش – تۇرماسلىقىنى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قارار قىلىدۇ؛ يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى كېسىمچى بولغاندا ئۇنىڭ چەتلەپ تۇرۇش – تۇرماسلىقىنى يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى كوللېكتىپ قارار قىلىدۇ.
كېسىمچىلەر چەتلەپ تۇرۇش سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، كېسىمچىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا تاللاش ياكى بېكىتىپ بېرىش كېرەك.

30 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشتا كېڭەش ئېچىش كېرەك.
كېڭەش ماجىرا پەيدا قىلغان يەر بار جايدىكى يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە ئېچىلسىمۇ، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى بار جايدا ئېچىلسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار ئىككى تەرەپ يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە كېڭەش ئېچىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ يېزا (بازار) دا ياكى كەنتتە كېڭەش ئېچىش كېرەك.
كېڭەشنى ئوچۇق ئېچىش كېرەك، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغانلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدارلار ئوچۇق ئاچماسلىقنى پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
31 – ماددا كېسىم كېڭىشى كېڭەش ئاچىدىغان ۋاقىت، ئورۇننى كېڭەش ئېچىشتىن بەش ئىش كۈنى بۇرۇن ئالاقىدارلارغا ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.
ئالاقىدارلاردىن يوللۇق ئاساسى بولغانلىرى كېڭەش ئېچىش ۋاقتى، ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى كېسىم كېڭىشىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۆزگەرتىش – ئۆزگەرتمەسلىكنى كېسىم كېڭىشى قارار قىلىدۇ.
32 – ماددا ئالاقىدارلار كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا كېلىشىۋالسا بولىدۇ. كېلىشىۋېلىپ كېسىم ﻫاسىل قىلغانلىرى كېلىشىۋېلىپ ﻫاسىل قىلغان كېلىشىمىگە ئاساسەن قارار چىقىرىپ بېرىشنى كېسىم كېڭىشىدىن تەلەپ قىلسىمۇ، كېسىم ئېچىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسىمۇ بولىدۇ.
33 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېسىم تەلىپىدىن ۋاز كەچسە ياكى بۇ تەلىپىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. ئىلتىماسقىلىنغۇچىلار كېسىم تەلىپىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى رەت قىلسا بولىدۇ، قارشى تەلىپىنى قويۇشقا ﻫوقۇقلۇق.
34 – ماددا كېسىم كېڭىشى قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالسا، ئىلتىماس قىلىنغۇچى قارشى تەلەپ قويغانلىرىنى ﻫېسابقا ئالمىغاندا، كېسىم كېڭىشى كېسىم قىلىشنى ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك.
35 – ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ، يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كېڭەشكە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرى كېسىم ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالدى دەپ قارىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىنغۇچىلاردىن يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ كېڭەشكە كەلمىگەنلىرى ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتىسىز ئارىلىقتا چىقىپ كەتكەنلىرى ئۈستىدە سىرتتىن قارار چىقىرىلسا بولىدۇ.
36 – ماددا ئالاقىدارلار كېڭەش ئېچىلغاندا پىكرىنى، پاكىت ۋە ئاساسىنى بايان قىلىشقا، دەلىل – ئىسپاتلىرىنى كۆرسىتىشكە، يۈزلەشتۈرۈشكە ۋە مۇنازىرىلىشىشكە ﻫوقۇقلۇق. شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان تىل – يېزىقنى پىششىق بىلمەيدىغان ئالاقىدارلارغا يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
37 – ماددا ئالاقىدارلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەك. ماجىراغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار ئالاقىدار بىر تەرەپ ﻫېسابلىنىدىغان ﻫۆددە بەرگۈچىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قولىدا، باشقۇرۇشىدا بولسا، شۇ ئالاقىدار تەرەپ ئۇنى كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن مۆﻫلەتتە بېرىشى، مۆﻫلەت ئۆتكىچە بەرمىگەنلىرى پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
38 – ماددا كېسىم كېڭىشى توپلاشنى زۆرۈر تاپقان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئۆزى توپلىسا بولىدۇ.
39 – ماددا كېسىم كېڭىشى باﻫالىتىشنى، زۆرۈر تاپقان مەخسۇس ئىشلارنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باﻫالىغۇچى ئاپپاراتنىڭ باﻫالاپ بېرىشىگە تاپشۇرسا بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن بولسا، كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن باﻫالىغۇچى ئاپپارات باﻫالاپ بېرىدۇ.
باﻫالىغۇچى ئاپپارات ئالاقىدارلارنىڭ ياكى كېسىم كېڭىشىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن باﻫالىغۇچىنى كېڭەشكە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدارلار كېسىم كېڭىشىنىڭ رۇخسىتى بىلەن باﻫالىغۇچىغا سوئال قويسا بولىدۇ.
40 – ماددا كېڭەش ئاچقاندا دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتىش كېرەك، لېكىن دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىگە ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا تاقىلىدىغان دەلىل – ئىسپاتلارنى ئوچۇق كېڭەش ئاچقاندا كۆرسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
كېسىم كېڭىشى كېڭەشنى كېسىم قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېچىپ، ئالاقىدار ئىككى تەرەپكە باراۋەر پىكىر بايان قىلىش، مۇنازىرىلىشىش پۇرسىتى بېرىشى ﻫەمدە ئالاقىدارلارنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرىنى يۈزلەشتۈرۈشى كېرەك.
كېسىم كېڭىشىنىڭ تەكشۈرۈشىدە راست بولۇپ چىققان دەلىل – ئىسپاتلارنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.
41 – ماددا دەلىل – ئىسپاتلار يوقىلىپ كېتىش ياكى كېيىن ئېرىشىش تەس بولۇش ئېﻬتىمالى بولغان ئەﻫۋالدا، ئالاقىدارلار دەلىل – ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار دەلىل – ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىنى دەلىل – ئىسپات بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەﻫكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
42 – ماددا ﻫوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئايدىڭ ماجىرالاردا، ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، كېسىم كېڭىشى ﻫازىرقى ﻫالەتنى ساقلاپ قېلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە توپا ئېلىش، يەر ئىگىلەش قاتارلىق ﻫەرىكەتلەرنى توختىتىش ﻫەققىدە ئالدىن كېسىم چىقارسا بولىدۇ.
ئالاقىدار بىر تەرەپ ئالدىن چىقىرىلغان كېسىمنى ئادا قىلمىغاندا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى خەلق سوت مەﻫكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئىلتىماسىغا تۇشلۇق كېپىللىك بېرىشى كېرەك.
43 – ماددا كېسىم كېڭىشى كېڭەش ئېچىش ئەﻫۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى، ئۇنىڭغا كېسىمچىلەر، خاتىرىلىگۈچىلەر، ئالاقىدارلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرى ئىمزا قويۇشى، تامغىسىنى ياكى بارمىقىنى بېسىشى كېرەك.
ئالاقىدارلار ۋە باشقا كېسىم ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۆزىنىڭ بايانىنىڭ خاتىرىلەنمەي قالغان ياكى خاتا خاتىرىلىنىپ قالغان يەرلىرى بار دەپ قارىغانلىرى تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا ﻫوقۇقلۇق. تولۇقلاپ ۋە تۈزىتىپ قويمىغاندا، شۇ ئىلتىماسنى خاتىرىلەپ قويۇش كېرەك.
44 – ماددا كېسىم كېڭىشى بېكىتكەن پاكىتىغا ۋە قانۇنغا شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئاساسەن قارار چىقىرىشى ﻫەمدە قارارنامە تەييارلىشى كېرەك.
قارارنى كۆپ ساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك، ئاز ساندىكى كېسىمچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرى خاتىرىلەپ قويۇلسا بولىدۇ. كېسىم كېڭىشىدە كۆپ سانلىق بىر پىكىرگە كېلەلمىگەندە، قارارنى باش كېسىمچىنىڭ پىكرى بويىچە چىقىرىش كېرەك.
45 – ماددا قارارنامىگە كېسىم تەلىپى، تالاش – تارتىش قىلىۋاتقان پاكىت، قارار چىقىرىش ئاساسى، نەتىجىسى، قارار چىقارغان ۋاقىتنى شۇنىڭدەك ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرىنىڭ دەۋالىشىش ﻫوقۇقى ۋە مۆﻫلىتىنى يېزىش، كېسىمچىلەر ئىمزا قويۇش، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى بېسىش كېرەك.
يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى قارار چىقارغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ ئىش كۈنىدە قارارنامىنى ئالاقىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ﻫەمدە ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرىغا دەۋالىشىش ﻫوقۇقى ۋە مۆﻫلىتىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
46 – ماددا كېسىم كېڭىشى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئادا قىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.
47 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش ئىشىنى كېسىم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئەﻫۋال مۇرەككەپ بولۇپ، مۆﻫلەتنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلگەندە، يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتى مۇدىرىنىڭ تەستىقى بىلەن مۆﻫلەت ئۇزارتىلسا ﻫەمدە ئالاقىدارلارغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىنسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان مۆﻫلەت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
48 – ماددا ئالاقىدارلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەﻫكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. مۆﻫلەت ئۆتكىچە دەۋا قىلمىسا، قارارنامە قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.
49 – ماددا ئالاقىدارلار قانۇن كۈچىگە ئىگە بولغان مۇرەسسەنامە ۋە قارارنامىلەرنى بەلگىلەنگەن مۆﻫلەت بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار بىر تەرەپ مۆﻫلەت ئۆتكىچە ئادا قىلمىغاندا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپ ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى مال – مۈلۈك بار جايدىكى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەﻫكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان خەلق سوت مەﻫكىمىسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
50 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزىلاردىكى يەر دېﻬقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىق قىلىپ، قانۇن بويىچە دېﻬقانلار كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاقنى شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرنى كۆرسىتىدۇ.
51 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىش قائىدىسى ۋە يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ ئۈلگە قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېﻬقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرلىكتە چىقىرىدۇ.
52 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى كېسىم قىلىشتا ئالاقىدارلاردىن ﻫەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ، كېسىم خىراجىتى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.
53 – ماددا بۇ قانۇن 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

دېﻬقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ﻫەققى تۆۋەن بولۇش ۋە ئىش ﻫەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ﻫەل قى