جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 3-باپ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 567 قىتىم
29 -ماددا دۆلەت مېيىپلارنىڭ ئەمگەك ﻫوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ .
ﻫەر دەرىجىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى مېيىپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ، مېيىپلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك .
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا مېيىپلارنى كەمسىتسە بولمايدۇ .
30-ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەم ئېلىشتا ، يۇقۇملۇق كېسەل يۇقتۇرغۇچى دېگەن باﻫانە بىلەن ئىشلىتىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ . لېكىن ، تىببىي باﻫالاشتا ، يۇقۇملۇق كېسەل يۇقتۇرغۇچىلار داۋالىنىپ ساقىيىشتىن بۇرۇن ياكى يۇقۇملۇق كېسەل گۇمانى تۈگەشتىن بۇرۇن ، قانۇن ، مەمۇرىي نىزامدا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەﻫىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىگەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنغان ، يۇقۇملۇق كېسەلنى ئاسان كېڭەيتىۋېتىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ .
31-ماددا يېزىدىكى ئەمگەكچىلەر شەﻫەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ، شەﻫەر-بازارلاردىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ﻫوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ، يېزىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ شەﻫەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كەمسىتىلمە چەك قويۇشقا بولمايدۇ .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى