جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 780 قىتىم
2-باپ سىياسەت جەﻫەتتە مەدەت بېرىش
19-ماددا دۆلەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كۆپەيتىدۇ ؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ ، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارغا بولغان كرېدىت ياردىمىنى ئاشۇرۇشىغا ﻫەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە مەلۇم مۇددەتتە ئاز سوممىلىق كرېدىت ياردىمى بېرىشىگە ئىلﻬام بېرىدۇ .
20-ماددا دۆلەت شەﻫەر-يېزىلاردا بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، شەﻫەر ، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەر باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان تۈزۈمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ .
ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى كىچىك شەﻫەر-بازار يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە ، شۇ رايوندىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇﻫىم مەزمۇن قىلىدۇ .
ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شەﻫەرگە تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدۇ ؛ ئەمگەك كۈچى چىقارغان ۋە كىرگۈزگەن جايدىكى خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ماسلىشىپ ، يېزىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ شەﻫەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇﻫىتى ۋە شارائىتىنى ياخشىلىشى كېرەك .
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى