شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 841 قىتىم
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى
184 – نومۇرلۇق
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى›› 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ﻫۆكۈمىتىنىڭ 36 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى
2013 – يىل 18 – يانۋار
1 – ماددا بۇ چارە سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ ﻫايۋانلىرى تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، سۇ مەﻫسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جامائەت ساقلىقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <بېلىقچىلىق قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
2 – ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش ﻫەمدە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا بۇ چارىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى: بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ يۇقۇمىدىن ساقلىنىش ۋە سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ﻫايۋانلىرى دېڭىز – ئوكيان، ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇلۇق رايونىدىن قانۇنلۇق تۇتۇلغان ياكى سۈنئىي بېقىلغان بېلىق تۈرلىرى، قاسراقلىق جانلىقلار، قۇلۇلە تۈرلىرى، يۇمشاق تەنلىكلەر قاتارلىق سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ تىرىك تېنىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ چارىدە ئېيتىلغان سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقى سۇ مەﻫسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، بېقىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە پەن تەتقىقات تەجرىبىلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقى، يۇمران تەنچىسى، تۆرەلمىسى ﻫەمدە باشقا ئېرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئانىلىقى، يۇمران تەنچىسى، تۆرەلمىسى ﻫەمدە باشقا ئېرسىي ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ماتېرىيالىنى كۆرسىتىدۇ.
4 – ماددا سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلشنى ئاساس، ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.
5 – ماددا ناﻫىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەﻫبەرلىكنى كۈچەيتىپ، سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ﻫەمدە سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا كېرەكلىك ۋاكسىنا، دورا، ئەسلىﻬە ۋە مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلىشى لازىم.
6 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق، سەﻫىيە، سودا – سانائەت، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە، سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
7 – ماددا سۇ ﻫايۋانلىرىدا بولىدىغان 1 – ، 2 – ، 3 – تۈردىكى يۇقۇم ئۆلچىمى دۆلەتلىك ﻫايۋانات يۇقۇمى كاتالوگى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇﻫىتى، باقمىچىلىق تۈرى، باقمىچىلىق ئەندىزىسى قاتارلىق ئەمەلىي ئەﻫۋالىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن، ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.
8 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمى كۆرۈلۈش ئېﻬتىمالى بولغان باقمىچىلىق رايونلىرىغا قارىتا نۇقتىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشى، سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ۋاقتىدا ئانالىز قىلىپ، سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ يۇقۇم ئەﻫۋالىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىﻬەسىنى تۈزۈپ چىقىشى ﻫەمدە تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.
9 – ماددا سۇ ﻫايۋانلىرىنى باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر باقمىچىلىق سۇ دائىرىسىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشى، سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىنى كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ﻫەمدە باقمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇشى كېرەك.
باقمىچلىق ئارخىپىغا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارنى يېزىش كېرەك:
(1) سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ تۈرى، سانى، مەنبەسى ۋە فېرمىغا كىرگەن، چىققان ۋاقتى؛
(2) يەم، يەم خۇرۇچى قاتارلىق سېلىنغان بۇيۇملار ۋە بېلىق دورىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، نامى، ئىشلىتىلىش مىقدارى ﻫەمدە ساقلاش ئەسلىﻬەلىرى قاتارلىق ئالاقىدار ئەﻫۋاللار؛
(3) كۆزىتىش، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئەﻫۋالى؛
(4) سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ كېسەل بولۇش، ئۆلۈش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەﻫۋالى.
10 – ماددا سۇ ﻫايۋانلىرىنى باقىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەردىن سۇ ﻫايۋانلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىغانلىرى، شۇ جايدىكى ناﻫىيە(شەﻫەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دەرﻫال مەلۇم قىلىش ﻫەمدە ئايرىۋېتىش قاتارلىق تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك؛ باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەر سۇ ﻫايۋانلىرىغا يۇقۇملۇق ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەنلىكىنى بايقىسا، دەرﻫال مەلۇم قىلىشى كېرەك.
يۇقۇم مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ناﻫىيە(شەﻫەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋاقتىدا زۆرۈر تىزگىنلەش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشى ﻫەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانغا يوللىشى لازىم؛ سۇ ﻫايۋانلىرىدا يۇقۇملۇق كېسەل كۆرۈلسە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ﻫايۋانات مۇداپىئەسى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
11 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ياكى ساﻫەنىڭ سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە كارانتىن قىلىشى كېرەك. دۆلەت، ساﻫە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسى يەرلىك ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىپ، شۇ دەرىجىلىك ئۆلچەملەشتۈرۈشكە مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا يوللاپ تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.
12 – ماددا سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى سېتىش ياكى توشۇشتا، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسى سېتىش ياكى توشۇشتىن ئون كۈن بۇرۇن ئۇرۇق تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ناﻫىيە (شەﻫەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كارانتىن قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك. كارانتىندىن ئۆتۈپ، ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن جايىدىن ئايرىلسا بولىدۇ.
13 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كارانتىن قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە سۇ ﻫايۋانلىرىنى كارانتىن قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىشى، تۆۋەندىكى شەرتكە ئۇيغۇن بولغانلىرىغا، ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك؛
(1) مەزكۇر فېرمىدا يېقىندا 12 ئاي ئىچىدە سۇ ﻫايۋانلىرىغا ئالاقىدار يۇقۇم ئەﻫۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا؛
(2) ئۇرۇق كىلىنىكىلىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا؛
(3) دۆلەت سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىغا دىياگنوز قويۇش تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى بەلگىلەنگەنلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسى تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا؛
(4) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
14 – ماددا قانۇنلۇق تۇتۇلغان ياۋايى سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى بېقىپ كۆپەيتىش، سېتىش ياكى توتۇشتا، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسى ئاۋۋال ياۋايى سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئايرىۋېتىپ، تۇتقان كۈندىن باشلاپ ئىككى كۈن ئىچىدە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ناﻫىيە(شەﻫە)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا كارانتىن قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇشى كېرەك؛ كارانتىندىن ئۆتۈپ، ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاندىن باقمىچىلىق مەيدانىغا قويۇپ بەرسە، ساتسا ياكى توشۇسا بولىدۇ.
ئايرىۋېتىش مەيدانى دۆلەت بەلگىلىمىسىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
15 – ماددا تەبىئىي سۇ دائىرىسىگە سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قويۇپ بېرىشتە، سۇ ﻫايۋانلىرى ئۇرۇقىنىڭ ئەسلىي نەسلى ياكى كېيىنكى بىر ئەۋلادلىرىدىن باشقىلىرىدا، قويۇپ بېرىدىغان ئورۇن ياكى شەخس چوقۇم مۇناسىپ سالاﻫىيەتكە ئىگە ئاپپاراتقا ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى باﻫالاشنى ﻫاۋالە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىكنى باﻫالاش دوكلاتىنى تەييارلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا يوللىشى لازىم؛ ئاپتونوم رايوننىڭ بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ باﻫالىشى ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزمىسە، قويۇپ بەرسە بولىدۇ.
تەبىئىي سۇ دائىرىسىگە سىرتتىن كىرگەن تۈر، گېنى يۆتكەلگەن تۈر، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە شالغۇت تۈرلەرنى ﻫەمدە ئېكولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان باشقا سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قويۇپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
16 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىن سىرت جايلاردىن سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كىرگۈزۈشتە، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسىدا چوقۇم ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى بولۇشى كېرەك. بارار جايىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايىدىكى ناﻫىيە(شەﻫەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا 24 سائەت ئىچىدە مەلۇم قىلىشى ﻫەمدە بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
17 – ماددا كارانتىن خادىملىرى كارانتىن قىلغاندا، كارانتىن خىزمەت خاتىرىسىنى تولدۇرۇشى، مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، كارانتىن قىلىشقا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتى، كارانتىن قىلغان ۋاقىت، كارانتىن قىلغان ئورۇن، كارانتىن قىلىنغان ﻫايۋانات تۈرى، سانى ﻫەمدە ئىشلىتىلىش ئورنى، كارانتىن نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، كارانتىن ئىسپاتىنىڭ نومۇرى قاتارلىقلارنى تەپسلىي خاتىرىلىشى ﻫەمدە مال ئىگىسى ياكى مالنىڭ ئەمەلىي باشقۇرغۇچىسنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزۇشى كېرەك. كارانتىن خىزمەت خاتىرىسى 24 ئايدىن يۇقىرى ۋاقىت ساقلىنىشى كېرەك.
18 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كارانتىندا لاياقەتسىز بولغان سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىغا قارىتا، كارانتىن بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى ﻫەمدە ئالاقىدار تەرەپلەر قوللانغان يۇقۇمدىن ساقلىنىش دېزىنفېكسىيەسى ياكى زىيانسىزلاندۇرۇش تەدبىرلىرىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
19 – ماددا سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىدا تۆۋەندىكى ئەﻫۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ چارە ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزام بويىچە مەمۇرىي جازا بەرگەندىن سىرت، تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش شەرتىنى ﻫازىرلىغانلىرىنى تولۇقلاپ كارانتىن قىلىشى كېرەك:
(1) ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى بولمىسا؛
(2) سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى ماس كەلمىسە؛
(3) ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى ئىناۋەتلىك مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا؛
(4) ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتىنى ئۆزگەرتكەن، يالغاندىن ياسىغان بولسا.
تولۇقلاپ كارانتىن قىلىش مەزگىلىدە، سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى سېتىشقا، توشۇشقا بولمايدۇ.
20 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)لىك بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قانۇن بويىچە كارانتىن قىلغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە كارانتىن ﻫەققى ئالغاندىن سىرت، باشقا ﻫەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
21 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش، سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە بولغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ﻫەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەكشۈرۈشى لازىم:
(1) باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ سۇ دائىرىسى ۋە ساﻫىلىنىڭ باقمىچىلىق كىنىشكىسى، سۇ مەﻫسۇلاتى ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى، سۇ مەﻫسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى قاتارلىق سۇ مەﻫسۇلاتلىرى باقمىچىلىق ئارخىپى؛
(2) ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىﻬەلىرى سۇ ﻫايۋانلىرى يۇقۇم مۇداپىئەسى تەلىپىگە ئۇيغۇنمۇ – يوق؟
(3) يېقىنقى 12 ئاي ئىچىدە سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇق سورتلىرىنى سىرتتىن كەلتۈرگەندە مەنبە رايونىدىن بېرىلگەن ﻫايۋانات كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى؛
(4) فېرمىغا ئەكىرگەن – ئېلىپ چىققان ئەﻫۋال، يەم – خەشەك، ئىشلەتكەن سۇ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش، دېزىنفېكسىيەلەشكە ئىشلىتىلگەن دورا، يۇقۇم ئەﻫۋالى، ۋاكسىنا ۋە تازىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق ئەﻫۋاللار؛
(5) تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك باشقا ئىشلار.
22 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:
(1) سۇ ﻫايۋانلىرى، سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سورۇنغا كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛
(2) سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ يۇقۇم مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار ئىسپات، خاتىرە، توشۇش تالونى، توختام، ﻫېسابات دەپتىرى، تالون ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش، سۈرەتكە ئېلىش، تاللىۋېلىش؛
(3) سۇ ﻫايۋانلىرى، سۇ ﻫايۋانلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش، ئېلىپ قېلىپ تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش؛
(4) يۇقۇملۇق كېسەل ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەل تەگكەن سۇ ﻫايۋانلىرىنى قانۇن بويىچە ئايرىۋېتىش، پېچەتلەش ۋە بىر تەرەپ قىلىش؛
(5) قانۇن – نىزام، قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا تەدبىرلەر.
23 – ماددا ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ئۇنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
24 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تۈزەتمىسە شەخسكە قوشۇمچە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئورۇنغا قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
25 – ماددا مۇشۇ چارىنىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ناﻫىيە(شەﻫەر)دىن يۇقىرى بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە شۇ ئۇرۇقنىڭ مەﻫسۇلات قىممىتى سوممىسىنىڭ ئۈچ ﻫەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىراق جەرىمانە سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
26 – ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغان باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن – نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى

ئىشتا يارىلانغاندىن كېيىن قانداق ئەﻫۋال ئاستىدا ئەمگەك ئىقتىدارىنى باﻫالىتىش كېرەك؟باﻫالىتىشنى قاندا