خەلق مال–مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى›› نى تەشۋىق قىلىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1052 قىتىم
ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى 25 – فېۋرالدىن 8 – مارتقىچە ئۈچ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ ﻫەر قايسى ساﻫەلىرىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا ياخشى تەرەققىيات مۇﻫىتى يارىتىدىكەن.
دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى پائالىيىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى پائالىيىتىدىكى ئالاقىدارلارنىڭ ﻫوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ خېيىم – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلارغا ئاساسەن ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى چىقاردى. ‹‹نىزام›› بۇ يىل 1 – مارتتىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
ﻫەر يىلى 3 – ئاي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ مەركەزلىك سۇغۇرتىلاش مەزگىلى. شۇڭا، خەلق مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بىر قاتار ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. بىرىنچىدىن، ئوبلاست، شەﻫەرلەردىكى شىركەتلەر، ناﻫىيەلىك تارماق شىركەتلەر ۋە تىجارەت، مۇلازىمەت بۆلۈملىرى تىجارەت مەيدانلىرىدا ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ياكى لوزۇنكا تاختىلىرىنى ئېسىش ئارقىلىق بىرلىككە كەلگەن تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ﻫەر قايسى تارماق ئاپپاراتلار باﻫاردا قانات يايدۇرۇلىدىغان مەركەزلەشتۈرۈپ سۇغۇرتىلاش مەزگىلىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ ماددىلىرى››، ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتىلاش تۆلىمى كۆرسەتمىسى›› تەشۋىقات ۋەرەقى، تەشۋىقات قوللانمىسىنى تارقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مىللىي يېزىقتىكى ماتېرىياللار تارقىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىجارەت زالىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نىڭ ئالاقىدار تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ﻫەر قايسى شىركەتلەر ﻫەر دەرىجىلىك ﻫۆكۈمەت، يېزا ئىقتىسادى، دېﻬقانچىلىق تېخنىكىسى، مال دوختۇرلۇق قاتارلىق تارماقلارغا ‹‹يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى نىزامى››نى پائال تەشۋىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ ياخشى تەرەققىيات مۇﻫىتىنى يەنىمۇ تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى