guide
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ي
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
889 قىتىم
   (2012–يىل12–ئاينىڭ31–كۈنى)
    پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روﻫىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ﻫاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا ئاساسنى قەتئىي مۇستەﻫكەملەپ، ئۇلنى چىڭىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېﻬقانلار مەسىلىسىنى پۈتكۈل پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇﻫىم ئورۇنغا قويۇپ، شەﻫەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېﻬقانلار›› مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىشتىكى تۈپ چىقىش يولى قىلىش؛ بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ماسلاشتۇرۇپ، سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەﻫەرلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى تۈۋرۈك قىلىشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
     پارتىيە 16 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېﻬقانلار›› مەسىلىسى ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، خىزمەتلەرنىڭ مۇﻫىم نۇقتىسى، شەﻫەر – يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەﻫەرلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، جانلاندۇرۇش ۋە سانائەت يېزا ئىگىلىكىنى يۆلەش، شەﻫەر يېزىلارغا ياردەم بېرىشتەك بىر يۈرۈش زور سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى، شەﻫەر – يېزىلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈم رامكىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپ، دېﻬقانلار زور نەپ ئالدى، يېزا، كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي بۆسۈش ﻫاسىل قىلىنىپ، يەنە بىر ئالتۇن دەۋرنى كۈتۈۋالدۇق ﻫەم جۇڭگوچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە بارلىققا كەلتۈردۇق. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەﻫەتتە ئۇدا توققۇز يىل مول ﻫوسۇل ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈردۇق. دېﻬقانلارنىڭ كىرىمى ئۇدا توققۇز يىل خېلى تېز كۆپەيدى، يېزىلاردىكى نامرات ئاﻫالىنىڭ ياشاش ۋە كىيىنىش – تويۇنۇش مەسىلىسى ئاساسىي جەﻫەتتىن ﻫەل بولدى. يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە ياخشىلىنىپ، خەلق رايىغا ماس كەلگەن نۇرغۇن چوڭ ئىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلدۇق. يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاﻫاتى ۋە كوللېكتىپ ئورمان ﻫوقۇقى تۈزۈم ئىسلاﻫاتىدا زور ئىلگىرىلەش بولۇپ، شەﻫەر بىلەن يېزىلارنى ئايرىۋېتىش تۈزۈلمىسىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش قەدىمى تېزلەشتى. يېزىلاردا پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، يېزىلاردا ئىناقلىق، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدۇق. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە زور دەرىجىدە ئېشىشىغا، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ خىلمۇخىل خەتەر ۋە خىرىسلار داۋامىدا غەلبىسېرى ئىلگىرىلىشىگە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىق ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، گۈللىنىپ راۋاج تېپىشىغا كۈچلۈك ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى، تاقابىل تۇرۇش جاسارىتىگە ئىگە قىلدى، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق ﻫوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ يېزا ئىسلاﻫاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى زور سىياسەت ۋە فاڭجېنى پۈتۈنلەي توغرا بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېﻬقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېﻬقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ﻫاسىل بولدى.
     سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئېشىش، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات – تەلەپ مۇناسىۋىتىدىكى قۇرۇلما زىددىيىتى گەۋدىلىك بولۇش، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى جەﻫەتتە تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، شەﻫەر – يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزدىن بىرلەشتۈرۈشتەك ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئادەم كۆپ، يەر ئاز، سۇ كەمچىل بولۇشتەك زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى ئېﻬتىياجىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى مۇتلەق ئېشىپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىرتقا تايىنىشچانلىقى روشەن كۈچىيىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇﻫىم يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولدى؛ يېزا ئەمگەكچىلىرىنىڭ كۆپلەپ كۆچۈشى بىلەن، دېﻬقانلارنىڭ قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى، يېزا، كەنتلەرنىڭ قۇرۇقدىلىنىپ قېلىشى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، دېﻬقانلارنىڭ مەنپەئەت تەلىپى كۆپ مەنبەلىشىپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇشى جەﻫەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ؛ خەلق ئىگىلىكى بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىيات باغلىنىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقى ئامىلىنىڭ ئېقىپ كېتىشى تېز بولغانلىقتىن، شەﻫەر – يېزىلارنىڭ مۇﻫىم ئامىللارنى باراۋەر ئاساستا ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش تەلىپى تېخىمۇ تەخىرسىز بولۇپ قالدى، شەﻫەر بىلەن يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاﻫالىنىڭ كىرىم تەقسىمات پەرقىنى كىچىكلىتىشتە ۋەزىپە مۈشكۈل، مەنزىل يىراق. شۇڭا، باسقۇچلۇق ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ كۈچى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېﻬقانلارنى بېيتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.
    2013 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روﻫىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇﻫىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەﻫەرلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش››تەك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى كۆپەيتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئىسلاﻫات قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ﻫاياتىي كۈچ ئاتا قىلىش خىزمەت نىشانى بويىچە، يېزىلارنىڭ ئىسلاﻫاتى، سىياسەت ياردىمى ۋە پەن – تېخنىكا ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ﻫالدا، يېزىلارنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈجۈپىلىشىش، كەسىپلىشىش، تەشكىللىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېزىلارنىڭ يېڭىچە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى نۇقتىلىق شەكىللەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەﻫكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
    بىرىنچى، مۇﻫىم يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى تەمىناتى – تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي ئاساسىنى تىرىشىپ پۇختىلاش كېرەك
    دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇﻫىم يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى تەمىناتى – تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باشتىن – ئاخىر مۇﻫىم ۋەزىپە ﻫېسابلىنىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەﻫەتتە قەتئىي بوشاڭلىق قىلماي، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي ۋە تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    1.يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى جەﻫەتتە كۆلەم مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلما سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، بىرلىك ﻫوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش ئومۇمىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، مول ﻫوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاشلىق ﻫوسۇلىنى مۇقىم كۆپەيتىش ﻫەرىكىتى داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىقنى كۆپ تېرىيدىغان 800 ناﻫىيەنىڭ ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق كۈچەيتىلىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر ئاپتونوم رايوندا سۇ تېجەش، ئاشلىق ﻫوسۇلىنى كۆپەيتىش ﻫەرىكىتى، ئاشلىقتا مول ﻫوسۇل ئېلىشقا دائىر تېخنىكا قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. ئەۋزەل كەسىپ رايونلىرىدا كېۋەز، ياغلىق دان، شېكەر خام ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. ئاشلىق، كېۋەز، ياغ، شېكەر يۇقىرى ﻫوسۇللۇق رايون بەرپا قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ رايونلىرىدا پۈتۈن بىر گەۋدىسى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، رايون خاراكتېرلىك، ئۆلچەملەشكەن يۇقىرى ﻫوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەندىزە مەركەزلىك كېڭەيتىلىدۇ. يەرنى ئۆلچەپ ئوغۇت بېرىش يولغا قويۇلۇپ، چوڭ – چوڭ كېسەل، ﻫاشارات زىيىنىنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش بىلەن بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېڭى نۆۋەتلىك ‹‹كۆك – تاق›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى ئۆلچەملىك رايونى ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەﻫسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملىك بېقىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەيدان – فېرمىسى قۇرۇش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ. مۇكاپاتلاش تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىدا سىناق نۇقتىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق جەﻫەتتە سۈپەتلىك نەسىل (سورت) قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، زىرائەت ئۇرۇقچىلىق بازىسى ۋە يېڭى نەسىل كىرگۈزۈش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. بېلىقچىلىق كېمىسىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى قانۇن ئىجراسى كېمە – پاراخوتلىرىنى ياساش ۋە پورت قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىلىدۇ.
   2. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي تېخنىكىلىق جابدۇقلىرى كۈچەيتىلىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتا ئەڭ چىڭ تۈزۈم ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز – ئېرىق قۇرۇلۇشى كۈچەپ يولغا قويۇلىدۇ. چوڭ، ئوتتۇراﻫال سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ يانداشمىلىرىنى ئۆزگەرتىش، سۇغىرىش – سۇ چىقىرىش پومپىسى پونكىتىنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىش، ئوتتۇرا ۋە كىچىك دەريا ۋادىسىنى تىزگىنلەشنى تېزلىتىش، كىچىك تىپتىكى ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىقى نۇقتا قىلىنىدىغان ناﻫىيەلەرنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىشنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇش، يامغۇر سۈيىنى يىغىپ پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، توغان ۋە قاشنى تۈزەش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ۋە خەتەرنى تۈگىتىپ، توسمىلارنى مۇستەﻫكەملەش قۇرۇلۇشىنى مالىيە جەﻫەتتىن قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمىدىن ئېرىشكەن ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇش مەبلىغى ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بويىچە ﻫېسابلاپ ئاجرىتىپ بېرىلىدۇ ۋە ياخشى باشقۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئايلىنىش – باشقۇرۇش خىراجىتىگە مالىيەدىن مۇۋاپىق ياردەم بېرىش سىياسىتى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار شەرتى قۇرۇلۇشى ۋە بىلىم مۈلۈك ﻫوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، ئاشلىق، پاختا، ياغ، شېكەر قاتارلىق جەﻫەتتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرىنى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر ئوغۇت ۋە دېﻬقانچىلىق، مال دوختۇرلۇق دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش تېزلىتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى باغچە رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
   3.يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمدارلىقى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى بازىرى ئوبوروت تورىنىڭ جايلىشىشى بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى بازىرى، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى چىقىدىغان جاي بازىرى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ زاكاز مال بازىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى زاكاز مال تۈرى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا تەسىر كۈچكە ئىگە يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى باﻫاسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە سودىلىشىش مەركىزى يېتىشتۈرۈلىدۇ. شەﻫەرلەردىكى ئۆلچەملىك كۆكتات بازىرى، يېڭى مەﻫسۇلاتلار تاللا بازىرى، شەﻫەر – يېزا قوشۇمچە مەﻫسۇلاتلار بازىرىنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى پارچە سېتىش بازىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاشلىق، ياغ ئامبار ئەشيا ئوبوروت ئەسلىﻬەسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى توڭلىتىپ ساقلاش، دەرىجىگە ئايرىپ قاچىلاش، ئېلېكتىرونلۇق راسچوت قىلىش كېڭەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى يىغىش، پىششىقلاش، توشۇش، سېتىشنىڭ ﻫەرقايسى ﻫالقىلىرىنى قاپلىغان توڭلىتىپ ساقلانغان ئەشيالار زەنجىرسىمان ئوبوروت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. زامانىۋى ئوبوروت ئۇسۇلى ۋە يېڭىچە ئوبوروت كەسىپلىرى كۈچەپ يېتىشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى تور سودىسى، زەنجىرسىمان پارچە سېتىش دۇكىنى ۋە دېﻬقانلار تور دۇكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ‹‹شىمالنىڭ ئاشلىقىنى جەنۇبقا يۆتكەش››، ‹‹جەنۇبنىڭ كۆكتاتلىرىنى شىمالغا يۆتكەش››، ‹‹غەربنىڭ مېۋە – چىۋىلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش››، يېزا، كەنت بازارلىرى قۇرۇلۇشى، يېڭى يېزىلارنىڭ زامانىۋى ئوبوروت تورى قۇرۇلۇشى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ زامانىۋى ئوبوروت ئۇنىۋېرسال ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. تەمىنات – سودا ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى، چوڭ تىپتىكى سودا گۇرۇﻫى، پوچتا سىستېمىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى ئوبوروتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. تاۋار ماركىسى يارىتىش ئارقىلىق دېﻬقانلارنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى جۇغراپىيەلىك بەلگىسى ۋە تاۋار ماركىسى مۇﻫاپىزىتى كۈچەيتىلىدۇ.
   4.يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى بازىرىنى تەڭشەش – تىزگىنلەش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. باﻫانىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دېﻬقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە مەدەت بېرىش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىگە مۇۋاپىق پايدىنى قوشۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇغداي، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باﻫاسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، كۆممىقوناق، پۇرچاق، قىچا ئۇرۇقى، كېۋەز، شېكەر قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش ۋە زاپاس ساقلاش يولغا قويۇلىدۇ. ئاشلىق قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى زاپاسلاش تۈرلىرى قۇرۇلمىسى ۋە رايونلار بويىچە جايلىشىشى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئىمپورت قىلىنغان ئاشلىق، كېۋەز، ياغ، شېكەرنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مۇﻫىم يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش، سىگنال بېرىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ۋە تىرىك يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش لايىﻬەسى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنىپ، تىرىك، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش چارىسى چىڭىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت بېجىنى تەڭشەش – كونترول قىلىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىمپورت تاموژنا بېجى سوممىسىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، كۆپ مىقدارلىق يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى تۈرى بويىچە دوكلات بېرىش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، زىل تۈرلەر ئىمپورتىنى كۆزىتىش كۈچەيتىلىدۇ. ئىمپورت مەنبەسىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىمپورت – ئېكسپورت تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئەتكەسچىلىككە قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرىنى ئىستاتىستىكا – ئېلان قىلىش تۈزۈمى چىڭىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بازار ئارقىلىق تەڭشەش – كونترول قىلىش ئۈنۈمىنى باﻫالاش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاشتىكى تۈرلەر كۆپەيتىلىدۇ.
   5.يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاﻫ قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ﻫەر تەرەپ ماسلىشىپ ﻫەمتۈرتكە بولۇش كۈچەيتىلىپ، ئېتىز بېشىدىن تارتىپ، تاماق ئۈستىلىگىچە ئومۇمىي مۇساپىسى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئەﻫۋالىغا ئۇيغۇن، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سىستېمىسى تېزدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا مۇﻫىتنى كۆزىتىش كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش چىڭىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى مەنبە قىلغان بۇلغىنىش ۋە چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئاكتىپ ئالدى ئېلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى (پونكىتى) تەسىس قىلىشقا مەدەت بېرىلىپ، كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىراجىتىگە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش سېلىنمىسى ئاشۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.
    ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش – قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېﻬقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ
    يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ سېلىنما، كۆپ تەننەرخ، يۇقىرى خەۋپلىك تەرەققىيات مەزگىلىدىكى ئوبيېكتىپ تەلىپىگە ماسلىشىشتا، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش – قوغداشنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قەتئىي كۈچەيتىش كېرەك. مۇقىملاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۈچەيتىش، ئۈنۈملۈك سىياسەت ئاساسىدا، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېﻬقانلار›› سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى كۈچەپ ئورنىتىپ، ئومۇمىي مىقدارنىڭ سىجىل ئېشىشى، نىسبەتنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
   1. يېزا ئىگىلىكى تولۇقلىمىسىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي مىقدارنى ئاشۇرۇش، زاپاس مىقدارنى ياخشىلاش، ئاشۇرما مىقداردىن ياخشى پايدىلىنىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلىپىگە ئاساسەن، يېزا ئىگىلىكى ياردەم پۇلى سىياسىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ مەنپەئەت تولۇقلىمىسى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تولۇقلىمىسى، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق پايدىغا ئىگە قىلىش، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ مالىيە كۈچىنى مەملىكەت ياكى پۈتكۈل ئۆلكىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە تەدرىجىي يەتكۈزۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكى ياردەم پۇلى مەبلىغىنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىپ، يېڭى كۆپەيتىلگەن ياردەم پۇلى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېﻬقانچىلىق مەيدانى، دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت سۇبيېكتىغا مايىللاشتۇرۇلىدۇ. ئاشلىق تېرىيدىغان دېﻬقانلارنىڭ بىۋاسىتە ياردەم پۇلى، سۈپەتلىك ئۇرۇق ياردەم پۇلى سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنىڭ مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
    يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال ياردەم پۇلىنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەرگە تولۇقلىما بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مەﻫسۇلاتنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ياردەم پۇلى ۋە تۇپراق قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ياردەم پۇلى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، زىرائەتلەردىكى كېسەل، ﻫاشارات زىيىنىدىن كەسپىيلەشكەن ئورتاق مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى ئورتاق تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، زەﻫەرسىز، قالدۇقى قالمايدىغان خىمىيەۋى دورىلار ۋە كۈچى ئۇزاق ئوغۇتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ياردەم پۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يۆلەش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، گۆش كالىسى، گۆش قويى بېقىشقا مەدەت بېرىلىپ، يىراق ئوكيان بېلىقچىلىقى ياردەم پۇلى ۋە باجنى كەچۈرۈم قىلىش – كېمەيتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ئاشلىق (ياغ) مەﻫسۇلاتى كۆپ ناﻫىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سوممىسى كۆپەيتىلىپ، ئاشلىقنى كۆپ تېرىيدىغان ناﻫىيەلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش مالىيە مەبلىغىنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىلىپ، ئاشلىق ۋە يەرلىكتىكى ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدۇ.
   2.يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. دۆلەتنىڭ يېزا پۇل مۇئامىلە ئىسلاﻫاتى تەرەققىياتىنى يۆلەش ۋە يېتەكلىشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە سودا خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق مەدەت بېرىش سالمىقى ﻫەقىقىي ئاشۇرۇلۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ۋە ﻫەمكارلىق خاراكتېرىدىكى پۇل مۇئامىلىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىرېدىت سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. پۇل مۇئامىلە مەﻫسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئالدى بىلەن دېﻬقانلارنىڭ كىرېدىت ئېﻬتىياجى قاندۇرۇلۇپ، يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت سۇبيېكتى كىرېدىتىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. باج پىشاڭى بىلەن پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇلۇپ، ناﻫىيە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قەرز پۇلنى كۆپەيتىش مۇكاپاتى، يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ نىشانلىق خىراجەت تولۇقلىما پۇلى، دېﻬقانلار قەرز ئالسا باجدا ئېتىبار بېرىش، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ناﻫىيە (شەﻫەر) لەردىكى يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ئورنى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى ئىسلاﻫاتى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېﻬقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك فۇنكسىيەلىك ئورنى كۈچەيتىلىپ، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا ئىلﻬاملاندۇرۇلىدۇ. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېڭىچە يېزا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تەسىس قىلىشقا ئىشتىراك قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يېزا بېرىم مۇلازىمىتى شارائىتى ياخشىلىنىپ، بېرىم – راسچوت يولى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كىرىدىت ۋە سۇغۇرتا ﻫەمكارلىقى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئالاﻫىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان رەنىگە (گۆرۈ) قويۇش كېپىللىكى شەكلى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ شەكىللىك يېزا ئىناۋەت كېپىل سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ. ئورمان ﻫوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز پۇل ئېلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، ئورمان ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتا ﻫەققى ياردەم پۇلى سىياسىتى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايوندىكى رايونلار، ئاشلىق كۆپ تېرىلىدىغان ناﻫىيەلەرگە يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتا ﻫەققى تولۇقلىما پۇلى بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قىسمەن سۇغۇرتا تۈرلىرىنىڭ سۇغۇرتا ﻫەققى ياردەم پۇلى نىسبىتى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. زىرائەت تېرىش، بېلىقچىلىق، يېزا ئىگىلىك ماشىنا – سايمانلىرى، يېزا ئۆي سۇغۇرتىسى ۋە نۇقتىلىق دۆلەت ئورمان رايونى ئورمان سۇغۇرتا ﻫەققىگە ياردەم پۇلى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. مالىيەدىن ياردەم بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىكى سۇغۇرتىسى زور ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش باشلامچى كارخانىسى ۋە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى ئارقىلىق تەرەققىيات مەبلىغى غەملىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.
   3. ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىشىغا ئىلﻬام بېرىلىدۇ. ساﻫەلەر، كەسىپلەر تەرەققىيات پىلانى تۈزۈش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ كۆپەيتىشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇشى كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا ۋە ئۇنى قوللاشقا يېتەكلىنىدۇ. كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ غەملەش، پۇل ئىئانە قىلىش – ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا مەدىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلاردا داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، مەدەنىيەت – ساياﻫەت – تەنتەربىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، باجدا ئېتىبار بېرىش، باشقۇرۇش ﻫەققى ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەلگىلىمە بويىچە بەﻫرىمەن قىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ﻫەدىيەدىن يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى تۈرلىرىگە ئىشلىتىشكە چىقىم قىلىشتا تاپاۋەت بېجىدىن بۇرۇن تۇتۇپ قېلىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. كارخانىلارنىڭ كۆپ خىل مەبلەغ سېلىش شەكلى ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ئۇل ئەسلىﻬەلىرىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.
     ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، دېﻬقانلارنىڭ تەشكىللىنىش دەرىجىسى پۇختا قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ
   يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يادروسى ۋە ئاساسى. دېﻬقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىغا ﻫۆرمەت قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى تولۇق قوزغىتىلىشى كېرەك.
   1.يېزا يەر ﻫۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. ﻫازىرقى يەر ﻫۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىكنىڭ كونكرېت رېئال شەكلىنى تەتقىق قىلىش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. قانۇنىي، ئىختىيارىي، ﻫەقلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ﻫوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروتىغا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، يەر ﻫۆددىگە ئېلىشنى كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېﻬقانچىلىق مەيدانى، دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىغا يۈزلەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەت راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. ئېتىز – ئېرىق ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، دېﻬقانلارنى ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، ﻫۆددە يېرى بۆلەكلىنىپ تارىيىپ كېتىش، ئۇششاقلىنىپ پارچىلىنىپ كېتىش مەسىلىسىنى ﻫەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. يەر ئوبوروتىدا مەجبۇرىلاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە يول قويۇلمايدۇ، شۇنىڭدەك دېﻬقانلارنىڭ ﻫوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالماسلىققا، يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتمەسلىككە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. سودا – سانائەت كارخانىلىرىنىڭ دېﻬقانلارنىڭ ﻫۆددە تېرىلغۇ يېرى (ئورمانلىق، ئوتلاق) نى ئىجارىگە ئېلىشىغا ئىجازەت بېرىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش جەﻫەتتە ئىزدىلىنىدۇ. يەر ئوبوروت تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ناﻫىيە، يېزا، كەنت دەرىجىلىك مۇلازىمەت تورى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، سىياسەتتە مەسلىﻬەت بېرىش، توختام ئىمزالاش، باﻫا باﻫالاش قاتارلىق ئوبوروت مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ. يېزىلاردىكى يەرنى ﻫۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە – كېسىم قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ بوز يەرلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاﻫاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت دېﻬقانچىلىق مەيدانلىرى خىزمىتى ئىشخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى ئىسلاﻫ قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش زورايتىلىدۇ. يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاﻫاتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.
   2.دېﻬقان ئائىلىلىرىنىڭ تۈجۈپىلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسى تىرىشىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، دېﻬقانلار ئىلغار ئەمەلىي تېخنىكا ۋە زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلىنىپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىدۇ. ياخشى سىياسەت ۋە قانۇن مۇﻫىتى بەرپا قىلىنىپ، تەقدىرلەش، ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئائىلىلەر بىرلىشىپ باشقۇرۇشقا، كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېﻬقانچىلىق مەيدانلىرىغا مەدەت بېرىلىدۇ. يېڭىچە دېﻬقان ۋە يېزىلارغا كېرەكلىك ئىختىساسلىقلار زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىي مائارىپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش كۈچەيتىلىدۇ. تۈرلۈك تەربىيەلەش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسپىي چوڭ ئائىلە، ئائىلە دېﻬقانچىلىق مەيدانى باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. مەخسۇس پىلان تۈزۈلۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ﻫەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر، يېزىغا قايتقان دېﻬقان ئىشلەمچىلەرنىڭ دېﻬقانچىلىق قىلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم پۇلى ۋە قەرز پۇلى بېرىلىدۇ.
   3. كۆپ خىل شەكىلدىكى يېڭىچە دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى زور كۈچ بىلەن قوللىنىلىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق تەشكىلاتى دېﻬقانلارنىڭ بازارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي سۇبيېكت، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدىغان يېڭىچە ئەمەلىي گەۋدە، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. پائال راۋاجلاندۇرۇش، تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇش، يۆلەشنى كۈچەيتىش، ساپانى ئۆستۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق تەشكىلاتىنى راۋاجلاندۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، قەدىمى تېزلىتىلىپ، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە بازار رىقابەت ئىقتىدارى ﻫەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ. دېﻬقانلار كەسپىي ﻫەمكارلىق ۋە پاي ﻫەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ قۇتۇبلۇق، كۆپ خىل ﻫەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. ئۈلگىلىك كوپىراتىپنى تارماقلار بىرلىشىپ بېكىتىش مېخانىزمى يولغا قويۇلۇپ، ئۈلگىلىك كوپىراتىپ تىزىملىكى دەرىجە بويىچە تۈزۈلۈپ، ئۈلگىلىك كوپىراتىپ سىياسىي جەﻫەتتىن يۆلەشنىڭ مۇﻫىم نۇقتىسى قىلىنىدۇ. قىسمەن مالىيە سېلىنما تۈرلىرى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ﻫەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بىۋاسىتە يۈزلەندۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى تۈرىدىن شەكىللەنگەن مەبلەغنى ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە يېتەكلىنىپ، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ﻫەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەبلىغى ئاشۇرۇلۈپ، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىلىپ، تەرەققىيات ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى رەتلەش، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئۈستىگە ئېلىش كۆلىمى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. ئۈلگىلىك كوپىراتىپلارنىڭ يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى ئامبىرى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىﻬەسى ئورنىتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى قۇرۇشىغا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئۈلگىلىك كوپىراتىپلارنىڭ ئىناۋەتنى بىرلىكتە باﻫالاش يولغا قويۇلۇپ، شارائىتى بار جايلارغا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىلىپ، كوپىراتىپلارنىڭ ئىناۋەت ﻫەمكارلىقىنى يولغا قويۇشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي پىلانىغا ۋە ئايرىم باج تاپشۇرۇش سۇبيېكتى سۈپىتىدە باج تىزىمىغا كىرگۈزۈلۈپ، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تالون ئېلىش – ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلىنىدۇ. ﻫەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت قىلىش ئالاﻫىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سۇغۇرتا مەﻫسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. ﻫەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولى بار ئىختىساسلىقلىرى ئامبىرى ۋە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇپ، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىسى، تىجارەت باشقۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچىسىنى تەربىيەلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ﻫەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلىنىدۇ. ئەسلىﻬەلىك يېزا ئىگىلىك يېرىنى ئىشلىتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىﻬەسى يېرى ۋە قوشۇمچە ئەسلىﻬە يېرى يېزا ئىگىلىك يېرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى مەﻫسۇلات ۋە كەسىپنى ۋاسىتە قىلىپ ﻫەمكارلىشىش ۋە بىرلىشىشكە يېتەكلىنىپ، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىنىدۇ. دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش چىڭ تۇتۇپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
   4. باشلامچى كارخانىلار يېتىشتۈرۈلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ. باشلامچى كارخانىلارنىڭ بىرلەشتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، سېتىۋېلىش، پاي چېكىنى كونترول قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭ كارخانا گۇرۇﻫى تەشكىللىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ بىرىكىپ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. باشلامچى كارخانىلار بىلەن دېﻬقانلارنىڭ زىچ بىرلەشمە مەنپەئەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە كاپالەتلىك قىلغان ﻫالدا سېتىۋېلىش، پاي پايدىسىنى تەقسىملەش، پايدا قايتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىنىپ، دېﻬقانلار پىششىقلاش – سېتىش پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەﻫرىمەن قىلىنىدۇ. شەﻫەرلەردىكى سودا سانائەت كاپىتالىنى يېزىلاردا كارخانىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ماس كېلىدىغان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا يۈزلەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى يۆلەش مەبلىغى كۆپەيتىلىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ ئەشيا بازىسى قۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش، كۇرسلۇق مەﻫسۇلات يارىتىشىغا ياردەم بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قوشۇلما قىممەت بېجى، سېتىۋېلىنغان تۈر بېجى سوممىسىنى باﻫالاپ تۇتۇۋېلىش نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى مۇۋاپىق كۆلەمدە كېڭەيتىلىدۇ.
   تۆتىنچى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت سۇبيېكتى يېتىلدۈرۈلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ
    جۇڭگوچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشتا، مۇكەممەللەشكەن يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىشى شەرت. سۇبيېكتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى كەسىپلەشتۈرۈش، ئايلىنىشىنى بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتى بىلەن تىجارەتلىك مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس تۈر مۇلازىمىتى بىلەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى ماسلاشتۇرۇشتەك يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش قەدىمى تېزلىتىلىشى كېرەك.
   1.يېزا ئىگىلىك پاراۋانلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈچەيتىلىدۇ. يېزا، بازار ياكى رايون خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىش، ئۆسۈملۈك ۋە ﻫايۋاناتلاردا بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرى سۈپىتى نازارەتچىلىكى قاتارلىق جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاﻫاتى بىلەن قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇپ، ياردەم خىراجىتى بىلەن مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ شارائىت قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇلۇپ، ئومۇملاشتۇرۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ يېڭى يېزا تەرەققىياتى تەتقىقات يۇرتى، يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يېزىلارغا يۈزلىنىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قوللاپ بېرىلىدۇ. يېزا، بازار ياكى كىچىك ئېقىن سۇچىلىقى، ئاساسىي قاتلام ئورمانچىلىق جامائەت مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەۋپتىن قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. تەمىنات – سودا ﻫەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەتتىكى مۇﻫىم رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېزىلارنىڭ مېتېئورولوگىيە ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە ﻫاۋارايىغا سۈنئىي ئۇسۇلدا تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتى سىستېمىسى بىلەن ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ۋە يېزا مېتېئورولوگىيە ئاپەتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.
   2.يېزا ئىگىلىك تىجارەتلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ. دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى، كەسپىي مۇلازىمەت شىركىتى، كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى، دېﻬقانلار سۇ ئىشلىتىش ﻫەمكارلىق تەشكىلاتلىرى، دېﻬقانلار ۋاسىتىچىلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى تەننەرخى تۆۋەن، قولايلىق، ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى قوللاپ بېرىلىپ، تىجارەتلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ. ﻫۆكۈمەت زاكاز قىلىش، نىشانلىق ﻫاۋالە قىلىش، مۇكاپاتلىق ياردەم پۇلى بېرىش ۋە خېرىدار چاقىرىش – خېرىدار بولۇش قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلىنىپ، تىجارەتلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى پاراۋانلىق مۇلازىمەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلىنىپ، كېسەل، ﻫاشارات زىيىنىدىن بىر تۇتاش مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش، ﻫايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، ئېتىزلارنى سۇغىرىش، سۇ چىقىرىش، يالتىراق يوپۇق ئىشلىتىش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. پەن – تېخنىكا ئالاﻫىدە خادىملىرىنىڭ يېزىلاردا پەن – تېخنىكا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ﻫەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بوغالتىرلىق مۇپەتتىشلىكى، مۈلۈك باﻫالاش، سىياسەت ۋە قانۇندىن مەسلىﻬەت بېرىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇنلاشقان يېزا ئىگىلىك تىجارەتلىك مۇلازىمىتى كەسىپلىرىنىڭ تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
   3.مۇلازىمەت ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. رايون خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال سۇپىسى بەرپا قىلىشقا ئىلﻬاملاندۇرۇلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر قورۇسى، ئورۇنلار ۋە ناﻫىيەلەر ئورتاق قۇرۇش، يېزا پەن – تېخنىكا مۇلازىمەت تاللا بازىرى، زىرائەت دوختۇرخانىسى، كەسپىي مۇلازىمەت شىركىتى، ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى، دېﻬقانلار ئائىلىسى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى، مۇتەخەسسىسلەر، دېﻬقانلار ئائىلىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەندىزىسى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تېخنىكا بىلەن ماددىي ئامىلنى بىرلەشتۈرۈش، تېخنىكا جەﻫەتتىن ﻫۆددىگە ئېلىش، پۈتۈن مۇساپىلىك باشقۇرۇشنى ﻫاۋالە قىلىش مۇلازىمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىلغار ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلار دېﻬقانلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگىلىك ناﻫىيە بەرپا قىلىنىدۇ. بايلىقلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كوپىراتىپى ۋە مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹ئالتۇن يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى›› نىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، دۆلەتنىڭ يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە سىناق نۇقتا ئۆلكىلىرى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يۈكسەلدۈرۈلۈپ، ئۇچۇرلارنى توپلاش، تۈجۈپىلىك مەشغۇلات قىلىش، يېزا يىراقتىن رەقەملەشتۈرۈش ۋە كۆرۈش، ﻫاۋارايى مۆلچەر دوكلاتى ۋە ئاپەت سىگنالى قاتارلىق تېخنىكىلار نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
    بەشىنچى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ﻫوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاﻫ قىلىنىپ، دېﻬقانلارنىڭ مال – مۈلۈك ﻫوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنىدۇ
    تەۋەلىكى ئېنىق، ﻫوقۇق ۋە فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، ئايلىنىشى راۋان، چىڭ قوغدىلىدىغان يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ﻫوقۇقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش يېزىلارنىڭ تەرەققىيات كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى بولۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەبلەغ، مال – مۈلۈك ۋە بايلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېﻬقانلارنىڭ يەر ﻫۆددىگەرلىك ﻫوقۇقى، ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش ﻫوقۇقى ۋە كوللېكتىپ كىرىمىنى تەقسىملەش ﻫوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك.
   1) يېزىلارنىڭ يەر ﻫوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېزىلارنىڭ يەر ﻫۆددىگەرلىك ﻫوقۇقىنى تىزىملاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەر، ئورمان يەرلىرى قاتارلىق تۈرلۈك يەر ﻫۆددىگەرلىك ﻫوقۇقدارلىرىنىڭ ئىگىدارلىق ﻫوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ. بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ يەر ﻫوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش ۋە كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتى ئاساسىي جەﻫەتتىن تاماملىنىپ، دېﻬقانلار ﻫۆددىگە ئالغان يەر كۆلىمى توغرا بولماسلىق ۋە پاسىلى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىلىرى مۇۋاپىق ﻫەل قىلىنىدۇ. يېزا ئۆيلۈك يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا كوللېكتىپ يەر ئىگىدارلىق ﻫوقۇقى ۋە قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش ﻫوقۇقى بويىچە يەر تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، يەر ﻫوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتى تېزدىن تاماملىنىدۇ. يېزىلارنىڭ يەر ﻫوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتى خىراجىتى يەرلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلۈپ، مەركەز مالىيەسىدىن ياردەم بېرىلىدۇ. ﻫەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەﻫمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، يېزىلانىڭ يەر ﻫوقۇقى تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. كوللېكتىپ ئورمان ﻫوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاﻫاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئورمان ﻫوقۇقى كىنىشكىسىنى بېرىش نىسبىتى ۋە دېﻬقانلارنىڭ قولىغا تېگىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانى ئىسلاﻫاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان رايونىنى ئىسلاﻫ قىلىش يولىدا ئىزدىنىلىنىدۇ. چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يايلاقنى ﻫۆددىگە بېرىش خىزمىتى قەدىمى تېزلىتىلىپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى يايلاقنى ﻫۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ﻫوقۇقىنى بېكىتىپ كىنىشكا تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يولغا قويۇلىدۇ.
   2) يەر ئېلىش تۈزۈمى ئىسلاﻫاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. دېﻬقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى قانۇن بويىچە ئېلىشتا، دېﻬقانلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت كىرىمىدىكى تەقسىمات نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، يەرلىرى ئېلىنغان دېﻬقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يەر باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قەدىمى تېزلىتىلىپ، دېﻬقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلەرنى سېتىۋېلىش تۆلىمى نىزامى تېز تۈزۈلىدۇ. يەر سېتىۋېلىش تۆلىمى چارىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆلەم ئۆلچىمى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، يەر سېتىۋېلىش تەرتىپى چىڭ تۇتۇلۈپ، يەر سېتىۋېلىش قىلمىشلىرى چەكلىنىپ، تۆلەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنىڭ يەر سېتىۋېلىشى تەستىقلانمايدۇ. يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاﻫ قىلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، دېﻬقانلارنىڭ ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىش ﻫوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. يېزا يەرلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەﻫەر – يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى كۆپەيتىش – ئازايتىشنى ئۆزئارا چېتىشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى قۇرۇلۇش يېرى ئوبوروتى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىدە بولمىغان قۇرۇلۇشلارغا يەر ئىشلىتىشنىڭ بازارغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
   3) يېزا كوللېكتىپ ‹‹ئۈچ مەبلەغ›› ىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ كۆپ خىل ئۈنۈملۈك رېئاللىشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىدۇ. مۈلۈك ئېنىقلاش ۋە مەبلەغ بېكىتىش، مۈلۈكنى مىقدارلاشتۇرۇش، پاي ﻫوقۇقىنى باشقۇرۇش ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنىپ، يېزا كوللېكتىپ ‹‹ئۈچ مەبلەغ›› ىنى باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. يېزا كوللېكتىپ مالىيە خامچوت ۋە نەق چوتى، كىرىمنى باشقۇرۇش، چىقىمنى تەستىقلاش، مۈلۈكنى ﻫېساباتقا كىرگۈزۈش ۋە بايلىقنى تىزىملاش قاتارلىق تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ﻫۆددىگە ئېلىش، ئىجارىگە بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىقنى ئېچىپ پايدىلىنىشتىكى دېموكراتىك تەرتىپلەر چىڭىتىلىپ، يېزا كوللېكتىپ ‹‹ئۈچ مەبلەغ›› ىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. شەرتنى ﻫازىرلىغان جايلارنىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ﻫوقۇقى پاي ﻫەمكارلىق تۈزۈمى ئىسلاﻫاتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلﻬام بېرىلىدۇ. كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنىڭ سالاﻫىيىتىنى بېكىتىشنىڭ كونكرېت چارىسى تەتقىق قىلىنىدۇ.
    ئالتىنچى. يېزىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمەت مېخانىزمى ياخشىلىنىپ، شەﻫەر، يېزىلاردا جامائەت بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
    سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەدرىجىي ئىزىغا چۈشۈرۈش تەلىپى بويىچە، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، شەﻫەر، يېزىلارنىڭ پەرقى تىرىشىپ ئازايتىلىپ، شەﻫەر، يېزا ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.
    1.يېزا ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. جامائەت مالىيەسىنىڭ يېزا ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشىنى قاپلاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، سېلىنما كاپالىتى ۋە ئايلىنىشىنى باشقۇرۇش – ئاسراش مېخانىزمى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاساسەن ﻫەل قىلىنىدۇ. يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە، يېزا ئاﻫالىسىنىڭ توك ئىشلىتىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىنى توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىﻬەلىرىنى ياخشىلاشقا ئەﻫمىيەت بېرىلىدۇ، مەركەز سېلىنمىسىدا يېزىلارنىڭ سۇ ئېلېكتىرىدىن توك بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزىلارنىڭ سۇ ئېلېكتىر ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى ئاشۇرۇشقا داۋاملىق مەدەت بېرىلىدۇ. غەربىي رايون، ئالاﻫىدە نامرات تۇتاش رايونلاردىكى يېزا – بازارلار، ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى ئاسفالت (سېمونت)لاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي، ئوتتۇرا رايوندىكى ناﻫىيە، يېزا يوللىرىنى ئۆزگەرتىش، تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، يېزا يوللىرىغا كۆۋرۈك سېلىش، بىخەتەرلىكنى قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە كېچىكلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى يېزا – بازار يولۇچىلار توشۇش بېكىتى تور قۇرۇلۇشى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كەڭ بەلباغلىق تور قاتارلىق يېزا ئۇچۇر ئۇل ئەسلىﻬەسى قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. يېزا پاتقاق گازى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈر قۇرۇلمىسى سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشقا ئىلﻬام بېرىلىدۇ. يېزىلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دۆلەت ئورمان رايونى (مەيدانى)دىكى كەپە ئۆيلەر رايونى، دۆلەت بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە كېمىنى ئۆي قىلىپ تۇتۇۋاتقان بېلىقچىلارنى قۇرۇقلۇققا چىقىرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ. كەنت دەرىجىلىك جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىدا بىر ئىشتا بىر كېڭىشىش بويىچە مالىيەدىن مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جامائەت پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى يېزا – كەنتلەر قەرزىنى ئېنىقلاپ تۈگىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا قۇرۇلۇشى ئىلمىي پىلانلىنىپ، پىلانلاش ۋە باشقۇرۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، قۇرۇلۇش سىجىللىقى مۇۋاپىق تىزگىنلىنىپ، دېﻬقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىشقا ئەﻫمىيەت بېرىلىپ، يېزىلارنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە خاسلىقى ساقلاپ قېلىنىدۇ. مەخسۇس پىلان تۈزۈپ چىقىلىپ، مەخسۇس قۇرۇلۇش قىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ۋە مىللىي، رايون ئامىلىغا ئىگە ئەنئەنىۋى كەنتلەر ۋە ئىمارەتلەرنى قوغداش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. يېزا ئاﻫالە نۇقتىسىنى كۆچۈرۈش ۋە كەنتلەرنى قوشۇۋېتىشتە، دېﻬقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ﻫۆرمەت قىلىنىشى، كەنت ئاﻫالە كومىتېتى يىغىنىدا ماقۇللىنىشى كېرەك. شەﻫەر – بازارلارنى پىلانلاش رايونى سىرتىدا كەنتلەرنى قوشۇۋېتىشكە ۋە دېﻬقانلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان كەڭ كۆلەملىك رايون قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ ۋە ئۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلمەيدۇ، دېﻬقانلارنى كۆچۈشكە ۋە ئۇلارنى بىنالاردا ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. كەلكۈن ۋە گېئو ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تاقابىل تۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئاﻫالىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش سېلىنمىسى ئاشۇرۇلىدۇ.
   2.يېزا ئىجتىمائىي ئىشلىرى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. يېزا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ياتاقلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسى خىزمىتى ياخشى باشقۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار سەپلىنىپ، يېزىلاردىكى بالىلار يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ. مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلاردىكى يېزا، كەنت مەكتەپلىرى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. يېزىلاردا مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېزا مەدەنىيەت سېلىنمىسى كاپالەت مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ. يېزىلاردىكى ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا، كەنت تېببىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ﻫەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ﻫۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، داۋالىنىش چىقىمىنى جايلار ئارا راسچوت قىلىش پائال ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىياسەت تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى تەڭشەشنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە دائىر باشقا سۇغۇرتا تۈزۈملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەر داۋاملىق تەتقىق قىلىنىدۇ. يېزىلاردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا شەﻫەر – يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ نىسبىي بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلىشى كېرەك. نەپىقە بېرىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. يۆلەش – ئېچىش سېلىنمىسى كۆپەيتىلىپ، تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلارنىڭ رايون تەرەققىياتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەشتە ئىستىﻬكامغا ﻫۇجۇم قىلىش پىلانى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ.
يېزىلاردا نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ.
   3. يېزىلاردىن يۆتكەلگەن ئاﻫالىلەرنى شەﻫەر ئاﻫالىسىگە ئايلاندۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نوپوسنى شەﻫەرلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ دېﻬقان ئىشلەمچىلەرنى شەﻫەرلەردە ئولتۇراقلاشتۇرۇش شەﻫەرلەشتۈرۈشتىكى مۇﻫىم ۋەزىپە سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نوپۇس تەۋەلىكى تۈزۈمىنى ئىسلاﻫ قىلىش تىزلىتىلىپ، ئوتتۇراﻫال – كىچىك شەﻫەرلەر ۋە كىچىك شەﻫەر – بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىشتا قويۇلىدىغان شەرتلەرنى كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. دېﻬقان ئىشلەمچىلەرنى كەسپىي جەﻫەتتىن تەربىيىلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ﻫوقۇق – مەنپەئەتنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، دېﻬقان ئىشلەمچىلەرنى ئەمگەك ﻫەققى، پەزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى، جامائەت ساقلىق ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، ئۆي ئىجارە ئېلىش ۋە سېتىۋېلىش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىقلاردىن تەڭ بەﻫرىمەن قىلىپ، شەﻫەر – بازارلاردا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ دائىملىق ئولتۇرۇشلۇق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ﻫەر دەرىجىلىك پارتكوم، ﻫۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ﻫەر ساﻫە شەﻫەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان دېﻬقان ئىشلەمچىلەرنىڭ يېزىلاردا قالغان بالىلىرى، خوتۇنلىرى، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئىشلەپچىقىرىش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ئادىمىيلىك جەﻫەتتە ﻫەقىقىي كۆڭۇل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ تۈپ ﻫوقۇق – مەنپەئەتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ﻫەقىقي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
   4.ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، مۇﻫىت ئاسراش ۋە ﻫەر تەرەپلىمە تۈزەش كۈچەيتىلىپ، تىرىشىپ گۈزەل يېزا – كەنت بەرپا قىلىنىدۇ. شىمالدىكى ئۇچ ئىﻬاتە ئورمانلىقى، تەبئىي ئورمانلىقنى قوغداش قاتارلىق زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى كۈچەپ يولغا قويۇلۇپ، قۇملىشىش، سۇ – تۇپراق ئېقىپ كىتىشنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش چىڭ تۇتۇلىدۇ. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش نەتىجىلىرى تېخىمۇ مۇستەﻫكەملىنىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋەزىپىسى يېڭىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. قۇملاشقان تۇپراقنى قاشالاپ قوغداش رايونى سىناق نوقتا خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۇستىدە داۋاملىق ئىزدىنىلىنىدۇ. دۆلەت ياغاچ ماتېرىياللىرى ئىستراتېگىيەلىك زاپاسلاش بازىسى ۋە ئورمانچىلىق رايونلىرى ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، مەركەز مالىيەسىدىن دۆلەت دەرىجىلىك پاراۋانلىق ئورمانلىقىغا بېرىلىدىغان قوشۇمچە تۆلەم ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش سېلىنمىسى كۆپەيتىلىپ، ئورمان سورتلىرى، ئورمان بىنا قىلىش، ئورمان ئاسراش قاتارلىق ئورمانچىلىق قوشۇمچە ياردەم سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئورمانچىلىق ئىگىلىكى پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىش – مۇكاپاتلاش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. زىرائەتلەرنىڭ شاخلىرىدىن ئۇنىۋېرىسال پايدىلىنىش كۈچەيتىلىدۇ. يېزىلاردا ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۇپراق موﻫىتىنى ياخشىلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ مۇﻫىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، يېزا – كەنتلەردىكى ئېرىق – ئۆستەڭ، سۇ موﻫىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش تېزلىتىلىدۇ. يېزا – كەنت ساياﻫەتچىلىكى ۋە ئىستراﻫەت يېزا ئىگىلىكى راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئۈلگىلىك ناﻫىيە ۋە ئۈلگىلىك كەنت – بازار بەرپا قىلىنىدۇ.
   يەتتىنچى. يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى ﻫەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ
   يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائي قۇرۇلمىسى، شەﻫەر – يېزا مەنپەئەت قۇرۇلمىسى، دېﻬقانلارنىڭ ئىدىيە ۋە قارىشىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، يېزا – كەنت ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، يېزا – كەنت ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە، سىياسىي قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت ئەﻫۋالىغا ماس كىلىدىغان، قېلىپلاشقان يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى كېرەك.
    1.يېزا – كەنت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ﻫەقىقىي جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردا ﻫاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلى پۇختىلىنىدۇ. يېزا پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. كەنت كادىرلىرىنىڭ ‹‹بىرنى بېكىتىش، ئۈچى بولۇش›› سىياسىتى چىڭىتىلىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتنىڭ خىزمەت ئايلىنىشى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا – كەنت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېﻬقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. دېﻬقانلار ﻫەمكارلىق كوپىراتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىنىشى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بېقىنىش مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، فۇنكسىيەسىنىڭ تەبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ. يېزىلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىگە، دېﻬقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان ساﻫالەردىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قاتارلىق كەسپىي جىنايەتلەرنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، دېﻬقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك مەسىلىسى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
   2.يېزا ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. كەنت پارتىيە تەشكىلاتى رەﻫبەرلىكىدىكى ﻫاياتىي كۈچكە تولغان كەنت ئاﻫالىلىرى ئاپتونومىيە مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ‹‹تۆتتە كېڭىشىش، ئىككىدە ئاشكارا بولۇش›› قاتارلىق خىزمەت ئۇسۇلى داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ﻫەيئىتىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ﻫوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئېنىق ئايرىلغان، يۈرۈشلەشكەن، ئۈنۈملۈك كەنت دەرىجىلىك دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمى تەدىرىجىي ئورنىتىلىدۇ. كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارا، دېموكراتىك باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ناﻫىيە (شەﻫەر)، رايوننى بىرلىك قىلىپ تۈر تىزىملىكى ۋە ۋاقىت بىر تۇتاش ئاشكارىلىنىپ، ئاشكارىلاش مەزمۇنى موللاشتۇرۇلۇپ، ئاشكارىلاش تەرتىۋى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئىشتىن كېيىن ئاشكارىلاشتىن ئىشتىن بۇرۇن، ئىش جەريانىدا ئاشكارىلاشقا ئۆزگەرتىلىدۇ. يېزا – بازار ﻫۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا – بازارلىق مالىيە خامچوتى، جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش، چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قاتارلىق ساﻫالەرگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش كۈچەيتىلىدۇ. ﻫەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە مۇرەسسە قىلىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىق مەﻫەللىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇلۇپ، دېﻬقانلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزى ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
   3.دېﻬقانلارنىڭ قانۇنلۇق ﻫوقۇق – مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ. پارتىيە ۋە ﻫۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دېﻬقانلارنىڭ كۆپ خىل مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىپ، دەۋا – دەستۇرىنى بىلدۈرۈش، پايدا – مەنپەئەتىنى ماسلاشتۇرۇش، ﻫوقۇق – مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئەرز – شىكايەت خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، ئامما ئۆز ﻫوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە ئىدراكىي قوغداشقا يېتەكلىنىدۇ. خەلق مۇرەسسەسى، مەمۇرىي مۇرەسسە، ئەدلىيە مۇرەسسەسى قاتارلىق ئۈنۈملۈك يوللار ئارقىلىق، يېزىلاردىكى تۈرلۈك زىدىيەت ۋە ماجىرالار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. سىرتقا چىقىپ كەتكەن كەنت ئاﻫالىلىرىنىڭ شۇ كەنتتىكى، سىرتتىن كەلگەن ئاﻫالىلەرنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى دېموكراتىك ﻫوقۇقى ۋە ماددىي مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئىناق كان رايونى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. دېﻬقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا – بازار ئورگانلىرى ئىسلاﻫات نەتىجىسى مۇستەﻫكەملىنىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلىپ، يېزا – بازار كادىرلىرىنىڭ ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشى ۋە ئامما ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىشى كۈچەيتىلىدۇ.
   4.يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي جامائەت بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. يېزىلاردا ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ساقچى ئىشلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش قاتارلىق جەﻫەتتىكى ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، يېزىلاردا مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىﻬە ئىمارەتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، يېزىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن ئاممىۋى ۋەقە ۋە تەبئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. تېنچ يېزا قۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىستېرېئولۇق ئىجتىمائىي ئامانلىق ساقلاش، مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېزا – كەنتلەردىكى ساقچىخانىسىدا ئۇدا ئىشلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. يېزا قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، تىنىچ – ئىشلىرى راۋان ناﻫىيە – شەﻫەر بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا – كەنتلەردىكى رەزىل كۈچلەرگە، شەﻫۋانىيلىققا، قىمار ئويناشقا، زەﻫەر چېكىشكە ۋە باشقا ﻫەر خىل جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىلىدۇ. يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ﻫەقىقىي كۈچەيتىلىپ، جامائەت مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، دېﻬقانلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن – مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. يېزىلاردا قانۇنچىلىك تەشۋىق – تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ساغلام، مەدەنىي، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان ئىجتىمائىي يېڭى كەيپىيات ﻫاسىل قىلىنىدۇ.
    ﻫەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ﻫۆكۈمەت يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېﻬقانلار خىزمىتىگە بولغان رەﻫبەرلىكنى ﻫەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، بوشاشتۇرۇپ قويماي، سالمىقىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەي، كۈچنى كۈچەيتىشكە ﻫەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ﻫەر دەرىجىلىك پارتىيە، ﻫۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەﻫبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېﻬقانلار سىياسىتى ۋە دۆلەت ئەﻫۋالى، يېزا ئىگىلىك ئەﻫۋالىنى پىششىق بىلىشنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېﻬقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئاساسىي ماﻫارەت قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ﻫەقىقىي ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېﻬقانلار خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈپ، جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېﻬقانلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق ئايرىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەتىجىسىگە قاراپ باﻫا بىرىشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېﻬقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە دېﻬقانلارنى بېيىتىشقا دائىر سىياسەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەﻫۋالىنى قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ﻫەقىقىي، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دېﻬقانلارنىڭ دەسلەپكى ئىجاد قىلىش روﻫىغا ﻫۆرمەت قىلىپ، جايلارنى پائال ئىزدىنىشكە، دادىل ئىسلاﻫ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلﻬاملاندۇرۇپ، يېزا ئىسلاﻫاتى سىناق رايونى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.
    زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ﻫاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشنىڭ ئەﻫمىيىتى زور، بۇنىڭدا ۋەزىپە ئېغىر. بىز يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى ﻫەقىقىي ئەمەلىي ئىشلەپ، يېزا ئىسلاﻫاتى ۋە تەرەققىياتىدا يەنە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!
         (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31 – يانۋار تېلېگراممىسى)
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى