ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 94مىليارد 770مىليون يۈەنگە، ئېشىش نىس
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 532 قىتىم
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇلتۇرقى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 94 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2011 – يىلىدىكىدىن %14 ئاشتى.
بۇلتۇر ۋىلايەتتە جامائەت مالىيەسىنىڭ خامچوت كىرىمى 7 مىليارد 190 مىليون يۈەنگە يېتىپ،% 15.9، ئىجتىمائىي تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 42 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %68.2، سودىگەر، مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 20 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %98.4، ئىجتىمائىي تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %18.8، تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 500 مىليون دوللارغا يېتىپ، %66.7 ئاشتى. شۇنىڭغا مۇناسىپ ﻫالدا شەﻫەر، يېزا ئاﻫالىلىرىنىڭ كىرىمىمۇ ماس قەدەمدە كۆپەيدى. ۋىلايەت بويىچە شەﻫەر – بازار ئاﻫالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 18 مىڭ 209 يۈەنگە، ئېشىش نىسبىتى %15.1كە، دېﻬقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 8266 يۈەنگە، ئېشىش نىسبىتى %19.9كە يەتتى.
مەكىت ناﻫىيەسى دولان مەدەنىيىتى داڭلىق ماركىسىغا تايىنىپ ساياﻫەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتت
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەركىزى چاغان مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىل