guide
ئىلى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا يۆلەش، ئېچىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
718 قىتىم
 ئىلى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار 2012-يىلى خەلق تۇرمۇشىنى چىڭ تۇتۇشنى يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ۋە پۈتۈن ئوبلاستنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
   ئىلى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى « يۆلىنىشنى توغرا تاللاش، مەبلەغنى مەركەزلىك ئىشلىتىش، مۇﻫىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش »پىرىنسىپى بويىچە، كەنت بويىچە يۆلەش، ئېچىش يولغا قويۇلغان كەنتلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا بايلىق مەنبەسىدىن پايدىلىنىش، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى ئىشلىتىش بىلەن باغلاپ تەكشۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ تويۇنۇش، كىيىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ﻫەل قىلدى؛ تارماقلارنىڭ سېلىنمىسىنى بىرىكتۈرۈش، ئوبلاست، ناﻫىيە (شەﻫەر)لەر نۇقتا بەلگىلەپ يار-يۆلەك بولۇش، نىشانلىق ياردەم بېرىش، جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش ئارقىلىق نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، يۆلەش، ئېچىشتا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ﻫاسىل قىلدى.
    ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار 2012-يىلىدىن بۇيان مالىيەدىن 149 مىليون 20 مىڭ يۈەن نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش مەبلىغى ئاجراتتى، يۇقىرىدىن 343 تۈرنى قولغا كەلتۈردى. باشلامچى كارخانىلارغا يۆلەش-ئېچىش بويىچە 312 مىليون يۈەن ئۆسۈمى قاپلاپ بېرىلىدىغان قەرز ئاجرىتىپ بەردى، دۆلەتنىڭ 11مىليون 227مىڭ يۈەن ئۆسۈمى قاپلاپ بېرىلىدىغان قەرزنى قولغا كەلتۈردى. بۇلار نامرات رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە كارخانىلار ئىقتىسادىنى ياخشىلاش، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
    ئىلى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار پائال ئىزدىنىش ۋە كۆپ خىل شەكىل قوللىنىش ئارقىلىق دېﻬقان-چارۋىچى ئائىلىلىرى بىلەن بىرقەدەر مۇقىم بولغان مەنپەئەت مۇناسىۋىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېﻬقانلارنى يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، سېتىش قاتارلىق جەﻫەتلەردە مەنپەئەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. كارخانىلار بىلەن دېﻬقانلار ئوتتۇرىسىدا ئىش تەقسىماتى ﻫەمكارلىقى، پايدىدىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ﻫەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يار-يۆلەك بولىدىغان باشلامچى كارخانىلار بىلەن دېﻬقانلارنى قوش مەنپەئەتكە ئىگە قىلدى. شىنجاڭ كاڭيومېي ئاشلىق- ماي گۇرۇﻫىنى باشلامچى قىلغان ياغ پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىي زەنجىرى، شىنجاڭ باكوشياڭ كەسپىي شىركىتىنى باشلامچى قىلغان گۆش يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زەنجىرى، جۇڭجۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتىنى باشلامچى قىلغان سۈت مەﻫسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىي زەنجىرى، كاڭتەي پاختىچىلىقىنى باشلامچى قىلغان پاختا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي زەنجىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، ﻫازىر 15 كارخانا يۆلەش، ئېچىشتىكى باشلامچى كارخانا، دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، ناﻫىيەدە باشلامچى كارخانا، يېزىلاردا يېتەكچى كارخانا، ئائىلىلەردە كىرىمنى ئاشۇرۇش تۈرلىرى بولۇشتەك كەسىپلەشكەن نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى شەكىللەندى.
    2012 - يىلى ئىلى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار يەنە كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن 60 كارخانىنى نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش خىزمىتىگە قاتناشتۇردى، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردىكى نامراتلارغا يار-يۆلەك بولىدىغان ئورۇنلارنى 179 غا كۆپەيتتى.
 
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى