guide
كۇچا ناﻫىيەسىدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يەتتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
537 قىتىم
 كۇچا ناﻫىيەسى بۇلتۇر خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار 45 قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 840 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. بۇنىڭ بىلەن ناﻫىيەنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلگەن مالىيە چىقىمى ئادەتتىكى مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى.
    كۇچا ناﻫىيەسىنىڭ 2012 – يىلدىكى مالىيە كىرىمى 2 مىليارد 807 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2011 – يىلدىكىدىن %7.63 ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ ناﻫىيەدە ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن 7820 يۈرۈش، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، مەبلەغ توپلاپ سېلىنىدىغان ئۆي، كەپىلىك مەﻫەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىنغان ئۆيدىن 5834 يۈرۈش سېلىندى، 7525 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، 3149 ئائىلە، 13 مىڭ 800 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 4887 ئائىلىدىكىلەر تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى، 113.66 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالدى، يېزىلاردىكى 940 ئائىلىگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى، 20 مىڭ 679 كىشى 20 نەچچە خىل كەسىپ بويىچە ﻫەقسىز تەربىيەلەندى، 33 مىڭ ئائىلىگە ﻫەقسىز رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگنالى قوبۇللىغۇچ ئورنىتىپ بېرىلدى. ناﻫىيە دەرىجىلىك دوكتور، ئاسپىرانتلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، ئالتە ئالىي مەكتەپ بىلەن ﻫەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىنىپ، يېزىلاردىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمى سىناق نۇقتا خىزمىتى شىنجاڭ بويىچە ئاۋۋال يولغا قويۇلدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى