guide
قۇمۇل ۋىلايىتى زېمىن بايلىقى ساﻫەسىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بەردى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
644 قىتىم
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى
    بۇلتۇر قۇمۇل ۋىلايىتى قانۇنسىز كان، يەر ئېچىش، يەردىن قانۇنسىز پايدىلىنىش قىلمىشلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، زېمىن بايلىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇردى.
    ئوقۇشىمچە، بۇلتۇر قۇمۇل ۋىلايىتىدە قانۇنسىز يەر ئىشلىتىش قىلمىشىدىن 66سى سادىر بولۇپ، ئۇنىڭغا چېتىشلىق يەر كۆلىمى 5244 موغا، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر 230.8 موغا يەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا قۇمۇل ۋىلايىتى قانۇنسىز كان ئېچىش، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا دېلو تۇرغۇزۇپ، يەرلەرنى بۇزۇش قىلمىشىدىن 143 نى بىر تەرەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 14 ى قانۇنسىز كۆمۈر كان ئېچىش، بىرى رۇخسەتسىز ئالتۇن كان ئېچىش، ئالتىسى قانۇنسىز تۆمۈر رۇدىسى كېنى ئېچىپ مۇﻫىتنى بۇلغىغان، 90 ئورۇندا رۇخسەتسىز قۇم – شېغىل قېزىش، 32 سېغىز توپا قېزىش قىلمىشى سادىر قىلغان.