guide
قەشقەر، قورغاس تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
676 قىتىم
 ‹‹3 – ئايدا شياڭگاڭدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش يىغىنى ئاچىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شېنجېن، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كېڭىشىش بىر قەدەر ئۇتۇقلۇق بولغان ئىش باشلاش تۈرلىرى توغرىسىدا ئەﻫۋال ئىگىلەيمىز››، دېدى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يانۇڭ. بۇ پائالىيەت قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ بۇ يىللىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ تۇنجى دولقۇنىنى قوزغىغۇسى.
    دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ﻫۆكۈمىتى ‹‹قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››نى تارقاتتى؛ جۇڭگو خەلق بانكىسى، بانكا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى، سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ‹‹قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قوللاش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تاقاتتى.
    ﻫازىر قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشىغا 946 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش – سۇ چىقىرىش، توك، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئۇل ئەسلىﻬەلەر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، كۆكەرتىش، يورۇتۇش قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىﻬە قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 622 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، شەرقىي شەﻫەر رايونىنىڭ يول تورى رامكىسى ئاساسىي جەﻫەتتىن شەكىللەندى.
    دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بىر تۈركۈم داڭلىق كارخانىلارنىڭ بۇ رايونلارغا ئارقا – ئارقىدىن ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىستېرېئولۇق ‹‹ئالاﻫىدە رايون›› ئوبرازى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. بۇلتۇر قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 2 مىليارد 602 مىليون يۈەننى نەقلەشتۈرۈپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %126.3 ئاشۇردى. جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ﻫەمكارلىق مەركىزىگە جەمئىي 24 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان 18 تۈر ماكانلىشىپ، ﻫازىر جەمئىي 2 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى 14 كارخانىنى كىرگۈزدى، ئون كارخانا ئىش باشلاپ، 1 مىليارد 145 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى.
    ئاپتونوم رايون 21 – فېۋرال چاقىرغان ‹‹ئىشنى باﻫاردىن باشلايلى، ئەمەلىي ئىشلەيلى›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر كىشى قەلبىنى ﻫاياجانغا سالىدىغان بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى، ئۇلار مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا چېتىشلىق سەككىز جەﻫەتتىكى سىياسەتنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، تۈزۈم، مېخانىزمدا تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىككى تەرەققىيات رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
    قورغاستا ئون نەچچە يىل ئۇششاق تاۋار سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان ۋاڭ چيۇمېي ﻫاياجانلانغان ﻫالدا: ‹‹ﻫازىر بۇ يەرگە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بىنالارمۇ كۆپلەپ سېلىنىۋاتىدۇ، قورغاسنىڭ قىياپىتىدە ﻫەقىقەتەن زور ئۆزگىرىش بولماقتا، بۇ يەرگە قايتا كەلگەن بەزى كىشىلەرمۇ بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ماڭا ئوخشاش تەسىراتتا بولدى››، دېدى.
شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى