شىنجاڭدا ‹‹يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش چارىسى›› 1-مارتتىن باشلاپ ئەمەلىي
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 589 قىتىم
‹‹ ئاپتونوم رايون يولغا قويغان ‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيتىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش چارىسى › (تۆۋەندە ‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى› دەپ ئېلىنىدۇ)›› ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 39-قېتىملىق يىغىنىدا تەستىقلانغان بولۇپ ، 1-مارتتىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن . 26-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى ›› نى تەشۋىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى ›› جەمئىي بەش تۈرلۈك بولۇپ ، ئۇنىڭدا يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش لايىﻬەسى ، يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ، ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندە جىددىي قۇتقۇزۇش ، يەر تەرەش ئاپىتىدىن كېيىن قايتا قۇرۇش ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ، قانۇنىي مەسئۇلىيەت قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئېنىقلىما بېرىلگەن . ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ جۇڭگودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدىغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەن . 2012-يىلى ، شىنجاڭدا 11 قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 272 مىليون يۈەنگە يەتكەن . شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇر تورىدىن ئېلىندى |
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خ
ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش مەركىزى چاغان مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشتىن ئىل